ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (يېڭى ئىملا قائىدىسى) يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى
(يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلانغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
ئاساسىي ئىقتىدارى
ئاساسىي سۆزلۈك مۇكەممەل، كەسپىي ئاتالغۇلار مول
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن. سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقى بويىچە قۇرۇلغان ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 250 مىڭغا يېتىدۇ.
ئاساسىي سۆزلۈك ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشىدىن سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان قوشۇمچە قائىدە ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 2 مىليون سۆزلۈك دائىرىسى ئىچىدە ئىملا تەكشۈرەلەيدۇ.
ئىملا تەكشۈرۈش ئىنتايىن تېز
گەرچە سۆزلۈك ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 800-1000 سۆز (ياكى بىر بەت) دىن يۇقىرى. تاق سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم، ئارتۇق ياكى ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ بەلگە سېلىپ بېرىدۇ.
ئىملا تۈزىتىش قولايلىق
ئىملا تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەلۇم بىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا، گۇمانلىق سۆز دەپ قارايدۇ ھەمدە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىرنەچچە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن نامزات سۆزلەر ئىچىدىن مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزنى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندە، توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
============================================
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى قاچىلاش ئۇسۇلى
(1) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دىسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سالسىڭىز، قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ (قوزغىلالمىسا، ئوپتىك دىسكىنى ئېچىپ، SETUP.EXE نى قوش چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ)، ئاندىن تۆۋەندىكى تىل تاللاش تۈرى كۆرۈنىدۇ.
(2) بۇنىڭ ئىچىدىن 确定 نى چېكىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك دىيالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ.
(3) بۇنىڭ ئىچىدىن 下一步 (كېيىنكى)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.
(4) بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ. قاچىلاش پىروگراممىسى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»(كەسپىي نەشرى)نى قاچىلاۋاتىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.
(5) قاچىلاش تاماملانغاندا Install SoftDog Driver [Needed] (يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش) تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 完成 (تاماملاش)نى چېكىڭ.
(6) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش يېتەكچىسى قوزغىلىپ، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.
(7) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلانغاندىن كېيىن، 驱动状态 (قوزغىتىش ھالىتى) رامكىسى ئىچىگە 驱动安装成功! (قوزغىتىشنى قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى!) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
(8) ئاندىن يۇمشاق دېتال قارانچۇقىنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ USB ئېغىزىغا سېلىپ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
==================================
ئۆلچەملىك نۇسخىسى 480 يۈەن، كەسپىي نۇسخىسى 1800 يۈەن، بۇلارنىڭ پەرقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ يەرگە قاراڭ.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
====================================================
بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,418 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 04-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:54
- ئالدىنقى يازما :بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز(جىددىي)؟
- كېيىنكى يازما :بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ ئاندىريىدلىق تېلفونلاردا نورمال ئىشلەيدىغان ئويغۇرچە لوغەت چىقارسىڭىز بوپتىكەن ، بىر بوشلۇق ئىدى ….ھەي
بولىدۇ، رەھمەت
يەنە windows phone سېستىملىق يانفۇنلارنمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز. بۇنىڭغا دائىر ئۇيغۇرچە دېتاللار يوق دېسەكمۇ بۇلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى قوللايدۇ.
ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىڭىز.
يانفۇننى قولىمىزغا ئېلىپلا تىل رايۇنىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپلا ئۇيغۇرچە قىلىۋالساق ، ئۇيغۇرچە تونۇمىدى، ھەرپ ئۇلاشمىدى … دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ بىراقلا ھەل بولاتتى.
بۇ920 تىلفۇننى ئويغۇرچە تۇنىتىش ھاجەتسىزما؟
ئالىم مۇئەللىم ، كوررېكتورنى ۋىندوۋس 8 گە قاچىلىغان ئىدىم ، بىراق Office 2007 دە ئىملا تەكشۈرگىلى بولمىدى، يەنى 宏نى تەڭشەڭ دەپ چىقىۋالدى، ئۇنى تەڭشەپمۇ باقتىم (يەنى ھەممە 宏نى قوزغىتىش دىگەننى تاللاپ قويدۇم 信任中心设置دېگەن يەردىن) ، يەنىلا شۇنداق دەپ چىقىۋالدى. كوررېكتورنى قاچىلىغاندا بىللە قاچىلىنىدىغان كود ئايلاندۇرغۇچ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. بىراق كوررېكتور نى چەكسەملا يەنە شۇ 宏نى تەڭشەڭ دەپ تۇرىۋالدى. بولسا شۇ مەزمۇندا بىر ماقالە بولغان بولسا! ياردەم قىلسىڭىز!
بۇ قېتىم يېڭى نۇسخىسىنىڭ 宏 بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. (ئىلگىرى 4-5 يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان نەشىرىدە شۇنداق ئەھۋال بار ئىدى، يەنى 宏 بىخەتەرلىكىنى تاللاپ بېرەتتۇق). شۇنداقتىمۇ مەن يەنە قاراپ باقاي،
ئالىم مۇئەلللىم، مەنمۇ ئىلگىرى كوررېكتورنىڭ 5.0 نى سېتىۋالغان، 6.0 گە كۆتۈرگىلى بۇلامدۇ؟
مۇبارەك بولسۇن! تىجارەت ۋە كەسپىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار…
ماھىر ئېكران كۇنۇپكا تاختىسى
http://www.ak-yol.com/?p=118
بىر ئەقىللىك(ئەقىللىق) ھەم بىلىملىق(بىلىملىك) بىر كىشى مىنىستىرلىققا(مىنىستىرلىككە) كىرىپ، تىراپىتسىيە شەكىللىك(شەكىللىق) قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان كۆپ قەۋەتلىك(قەۋەتلىق) بۇ بىنانىڭ ئىچىدە ئېزىپ قالدى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــ
تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى، لەۋ ھالىتى، جاراڭلىق ياكى جاراڭسىزلىقى قاتارلىق ماسلىشىش قانۇنىيەتلىرىنى ئوبدانراق ئاختۇرساق بىرەر نەرسە چىقىپ قالىدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ.
توغرا، بۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭدارلىقى تۈپەيلىدىن بولغان، لۇغەتتە خاتالىق يوق.
ئالىم مۇئەللىم 128g 微软surface pro لىگى جوڭگۇ بازىرغا ئىككى خىل چىققاندەك تۇردۇ ،微软surface中文版128g ۋە 微软surface 专业版 128g دەپ ئىككى خىل ئىكەن،، باھاسى پەرىقلەنمەيدىغاندەك تۇردۇ ،ئەمما 微软surface 中文版 128g پەقەت خەنزۇچىنىلا تۇنۇيدۇ ،باشقا تىللاردا مەشخۇلات قىلغىلى بولمايدۇ دەپتۇ ،بۇنىڭغا ياخشى يىرى office 2013 学生版 قاچىلاقلىق ئىكەن،،،،،،، 微软surface 专业版 دا office 2013يوق ئىكەن ، شۇڭا مەن 微软surface 中文版 128g نى سىتىۋالاي دىگەن ،،،،،،،،سىزدن سورىماقچى بولغىنىم 微软surface 中文版 128g غا windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمامدۇ،،،،،،،،خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچ مەن خاتا چۇشىنىۋالدىممۇ؟ 微软گە تىلفون قىلىپ سورىسام خەنزۇچە سوزلەيدىكەن ،،،،،،چۇشەنمىدىم،،،،،،،،،خاپا بولماي مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
surface 128g نىڭ كەسپىي نوسخىىسىنى سىتىۋىلىڭ ،office 2013نى كىيىن توردىن ھەقسىز نوسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز سىزگە يىتىپ ئاشىدۇ .مەن ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن كەسپىي نوسخىسىنى ئالدىم .
سىز سورىغان سۇئالنى مەنمۇ سورىغان ،ماڭا بولمايدۇ دېدى. كىيىن باشقا تىل قاچىلىساڭ بىر يۇمشاق دىتال بار ،شۇنىڭدىن قاچىلىساڭ بۇلىدۇ دەيدۇ..ئۇنداق قاچىلاپ يۇرگەندىن كەسپىي نوسخىسىنى ئىشلىتەي دېدىم . office 2013ھەقسىز بولغىنىنى بىلەن سىستىمىنىڭ جىق يەرلىرى چەكلەنگەنگەن.
شۇڭا تەۋسىيە :surface 128g نىڭ كەسپىي نوسخىىسى
微软surface中文版128g گە ئەل كاتىپ ،خىيال ،خۇش قەلەم قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلىغىلى بولامدىغاندۇ؟ بولۇپمۇ ئەل كاتىپنى قاچىلاپ سىناپ باققانلار بار مۇ ؟
بۇرۇنقى Windowsدا ئىشلىگەن دىتاللار ھەممسىى ئىشلەيدۇ.
شۇنداقمۇ؟ دىمەك 微软surface中文版128gنى ئۇيغۇرچە تىل بولىغى قاچىلىغىلى بولمىغان بىلەن ئەل كاتىپ ،خىيال قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈرگۈچلەرنى قاچىلىغىلى بولدىكەندە،،،،،،،،،،،،،،،،،،
تامامەن توغرا،خەنزۇچە بىلمەيمەن دەيسىز ،نىمە دەپ يەنە مۇشۇ نۇسخسىنى ئالماقچى بولدىڭىز ؟
خاپا بولماڭ ،،،،،كۆپ سۇئال سوراپ قويدۇم،،،،،،،،سىزگە كۆپ رەخمەت ،،،،،،،تۇققانلارنىڭ ئالى مەكتەپتىكى باللىرغا ئىلىپ بەرمەكچى ئىدىم ،،،،،،،،ئۇلارنىڭ قىزقىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى office 2013 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسى،،،،،،،،مەن ئۆيدىكى كومپىيۇتىرىمغا windows8نىڭ كەسپى نۇسخىىسىنى windows8يىڭى ئىلان قىلغاندا 248يۈەنگە سىتىۋالغان . ئۇيغۇرچە چىقىدىكەن دىسە office 2013 نىمۇ 699يۈەنگە سىتىۋالدىم
ئىلگىرىكى نەشرىدىكىدەك 100 يۈەنلىكى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟
ئالىم مۇئەللىم مەندە 2012-يىلى-6-ئايدا ئالغان شەخسلەر نۇسخىسى بار ئىدى، 6.0گە كۆتۇرگلى بۇلامدۇ ياكى يېڭىدىن سېتىۋالامدۇق؟
مۇبارەك بولسۇن!
ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر دېتالنىڭ چىققىنىدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.
دېمەك ۋاكالەتچىلەر ئەمدى مال سالدۇرساق بولىدىكەندە. دۇكاننى كۆچۈپ بولۇپ مال بۇيرىتاي. خېرىدارلار بەك تولا سوراپ كەتكەن.
باسقۇچلۇق،پىلانلىق ماڭغان ئىشلار داۋاملىق گۈللىنىدىكەن.
ئالقشىلاشقا تېگىشىلىك ياخشى خەۋەركەن. ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەن تىلەيمەن.
ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ ئۇيغۇرتىلى ۋە پىروگرامما توغۇرلۇق بىر تېما يازسىڭىز بولاتتى.ئۆتكەندە ئاتلاندا سۆزلىگەن نۇتۇقىڭىزنى كۆرۈپ ئۇيغۇرتىلى سۆزلۈكلىرىنى بوغۇمغا ئاجىرتىش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم.
ھەقسىز تاقاتسىڭىز قانداق بۇلا ، ھەممىنى پۇلغا ساتقۇچە ..
ئەلكاتىپ 5.7نى ھەقسىز تارقاتتى.
سىز بىرەر يۇمشاق دېتال ئىشلەپ باققانمۇ؟ ياكى بىرەر توربېكەتنى بولسىمۇ تولوق تەرجىمە قىلىپ باققانمۇ؟ بۇنداق يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئىزدىنىش ۋە يۈكسەك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولمىسا بولمايدۇ. ھەم يۇمشاق دېتال ئىشلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچ سەرپ قىلىدىغان گەپ.
ھازىرقى تەرەققىياتتىن قارىغاندا بۇنىڭدىن كېين ھەقسىز دېتاللار بارغانچە يوقايدۇ. ھەم ئوغىرى نەشىرىدىكى دېتاللارمۇ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بازاردىن شاللىنىدۇ شۇنداقلا ھەممە ئادەم ھەقىقي ھالال نەشىرىنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىپ پىروگراممىلارنىڭ ئەجرىگە تۇشلۇق نەپكە ئېرىشىدىغان ۋاقتى چوقۇم كىلىدۇ.
ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلتىشكە ئادەتلەنسەك بۇلىدۇ. مانا بۇ قوللاشتۇر.
ھەقسىز تارقاتسا قانداق بولاتتى؟ ئېتىبارسىز بىر يەردە تاشلىنىپ قالىدۇ شۇ .كاللىمىز بىلەن ئوبدان ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بازارغا سېلىۋاتقان بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلار ھەرگىزمۇ پۇل تېپىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋاتقان ئەمەس.iphone نىمۇ ئالىمىزغۇ تۆت بەش مىڭغا چىداپ. باھاسى سەل ئۆرە بولسىمۇ لېكىن ئەرزىيدۇ. ئازراق پۇلغا چىداپ ئانا تىلىمىزنى گىرامماتىكىسى توغرا بولغان يوسۇندا قۇبۇل قىلساق كېيىكى ئەۋلاتلارغىمۇ تىلىمىزنىڭ توغرا ئىملا تەلەپپۇزى قېپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ مەن بىر ئوقۇغۇچى . ئايلىق خىراجەتلىرىمنى تىجەپ قويۇپ لۇغەتتىن مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەۋاتىمەن. لۇغەتمۇ پات ئارىدا چىقىدىغۇ دەيمەن. ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا…
ئاغزىمغا دەھشەت سېسىق گەپلەر كەلگەندى…..
يۈتىۋەتتىم بولدى……
ئالىم مۇئەللىم ئىشلىتىۋاتقان خىزمەتچىلەرگە، دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ بۇ پروگراممىلارنى تۈزگەن كىشىلەرگە بىرەر ساخاۋەت ئورۇنلىرى مائاش بەرگەن بولسا، بەلكىم ھەقسىز تارقاتقان بولار ئىدى.