6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇ ھەققىدە پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى، بۇ قېتىم تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشماقچى ئىدىم دېمەستىن، گەپنى ئۇدۇل ئېيتاي، بەرىبىر بۇ گەپكە ھازىر ئىشەنمەيسىلەر. تۆۋەندە 6 مۇھىم ئەپنىڭ نامى بېرىلدى، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئەپلەرنى نۇرغۇن جايلاردا ئۇچرىتىپ قالىسىز، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ تەرجىمىسى بولۇپتىمۇ؟ ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىپ باقمىغان 3-، 4- ۋە 5-ئەپنىڭ يەشمىسىنى مۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت قىلىڭ. ئەتە-ئۆگۈن ئىش پۈتكەندە مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ دېسىڭىز، ئۈلگۈرمەي قالىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار تېخى باشقا (خەنزۇچە، تۈرۈكچە، ئۆزبېكچە،…) تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىدى، شۇڭا ھېچقانداق قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق. تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:00 گىچە.

1. Alarm
تەكلىپ: قوڭغۇراق

2. Calculator
تەكلىپ: ھېسابلىغۇچ

3. Files
تەكلىپ: ھۆججەت
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ھۆججەتلىرىنى يەرلىك دىسكا ياكى SkyDrive دا باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ئەپنىڭ نامى.

4. Movie Moments
تەكلىپ: كىنو كۆرۈنۈشلىرى
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا فىلىملەرنى قۇرۇپ ياكى تەھرىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرلايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلىم تەھرىرلەش ئەپىدۇر.

5. Scan
تەكلىپ: سايىلەش
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنىگە ئۇلانغان سايىلىگۈچ ئارقىلىق سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى سايىلىيەلەيدۇ ھەم ئۇنى رەسىم ھۆججىتىگە ساقلاپ قويالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا سايىلەش ئەپىدۇر.

6. Sound Recorder
تەكلىپ: ئۈنئالغۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم Movie Moments نى كىنو ئۈزۈندىسى ياكى ئۈزۈندە دېگەن سۆزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ نام قويساق قانداق بولار؟
    ==================================
    چۈنكى يەشمىسىدە ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا فىلىملەرنى قۇرۇپ ياكى تەھرىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرلايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلىم تەھرىرلەش ئەپىدۇر،دېيىلىپتۇ
    ==================================
    شۇڭا قىسقا فىلىملەرنى ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرسىتەرمىكىن دېدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:47
  • مىنىڭ تەكلىۋىم :
    1.قوڭغىراق
    2.ھىسابلىغۇچ
    3.ھۆججەتچى ،ھۆججەت باشقۇرغۇچى
    4. كىنو دەققىلىرى،(دەقىلىلەر)(ئىنگىلىزچە ئىزاھاتلىق لوغەتنى ئاختۇرۇپ مۇشۇنداق دەپ ئالسا بۇلامىكىن دىدىم)
    5.بۇ ئەپنىڭ نامى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى «سايىلە»دەپ ئاتالسا.پىئىل شەكلىدە كىلىپ بىر شەيئىنىڭ ئىسىمنى بىلدۇرىدۇ.
    6.ئۈنئالغۇ ،ئاۋاز ئالغۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:43
  • بىز نېمىشقا باشقا تىللاردەك تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ، راست گەپ قىلسام خەت تەرجىمە بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.
    بۇيرۇقلارنى ئىسىمداش شەكىلدە ئالساققۇ مەيلى، لېكىن مېنىڭچە ئەپ ئاتلىرىنى ئىسىمداش قىلىپ ئالمىساق، پەقەتلا قاملاشمىغۇدەك.
    پىكىرلىرىم :
    3. ھۆججەتلىرىم
    4. كىنو ئەسنالىرى بولىدىكەن
    5.سايىلەي ياكى سايەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:43
  • 4. Movie Moments
    سىن ئەسلىمىلىرىم
    فىلىم ئەسلىمىلىرىم
    سىن تەھرىرى
    فىلىم تەھرىرى

    مۇشۇلار كاللامغا كەلدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:38
  • 3. Files ھۆججەت . 4. Movie Moments كىنو كۆرۈنۈشلىرى
    بىرىدە كۆپلۈك شەكىلى ئېلىنىپ يەنە بىرىدە ئېلىنماپتۇ .ئەگەرھەر ئىككىسى ئوخشاش شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىغان بولسا ‹‹ھۆججەتلەر›› ‹‹كىنو كۆرۈنىشلىرى››بۇلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:44
    • بۈگۈن خەنزۇچە تەرجىمىسى چىقىپتۇ، ئۇلار بۇنى 电影时光 دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ. يەنە 40 مىنۇت قالدى، ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەيسىلەر

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:21
    • بۇ ئىككىسى ئىككى ئەپ ، ئوخشىمايدۇ. ھازىرقى مەسىلە شەخس قوشۇمچىسى ئەمەس ئاۋۇ بىرنەچچە ئاتالغۇغا مۇۋاپىق سۆز تېپىش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:23
  • مەنمۇ پىكىر بىرىپ باقاي.
    4-سىدىن باشقىسى مېنىڭچە مۇۋاپىق بوپتۇ. ئەمدى مۇشۇ توتىنجىسىنى فىلىم ياكى كىنو سۆزىگە «چى» قوشۇمچىسىنى قېتىپ، كىنوچى، فىلىمچى، ياكى بولمىسا فىلىمچىك دەپ قويساق قانداق بولا؟!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:40
  • ئالىم ئەپەندىم ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:14
  • Movie Moments – توغىرىسدا توردا ئىزدەپ باقسام Windows8نىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلانمىسى Windows Blue دەپ تۇرىدۇ ، سىز يۇقاردا ئېيىتقان 6ئەپنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدا تۇرىدۇ. ( توردىن رەسىمىنىلا كۆردۈم)
    مەن تېخى كۆرۈپلا windows phone8نىڭ ئەپلىرى ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

    ئاتالغۇ ۋە شۇ ئەپلەر توغرىسدا توردىن ئىزدىنىپ باقسام 4- ئاتالغۇ يەنىلا سىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ سۆزنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
    Momentsنى لۇغەتتىن ئىزدەپ باقسام تىز، ھەش-پەش دېگۈچە دىگەندەك مەنىسى بارئىكەن. تىلشۇناسلىرىمىز مۇۋاپىق سۆز تېپىپ بېرەرمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:39
  • مۇئەللىم، يازمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال بولۇپ قالسى
    textboxتىكى مەزمۇننى بىر كونۇپكا بىلەن كۆچۈرۈش ئۈچۈن قايسى بۇيرۇق كودىنى بەرسەك بولىدۇ؟ مەسىلەن بىر ئۇچۇرنىڭ جاۋابىنى چىقىرىپ بەرگەندە، بىز يەنە بىر كونۇپكا بىلەن شۇ ئۇچۇرنى كۆچۈرۈپ ئالماقچى بولساق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:47
    • ئاددىي ئۇسۇلنى دېسەم، ھەممىنى تاللاپ، ئاندىن كۆچۈرۈڭ.
      TextBox1.SelectAll()
      TextBox1.Copy()

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:55
      • qqدەك ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇمايدىغان دېتاللار ئۈچۈن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرىدىغان كىچىك پروگرامما تۈزىۋاتقان، ھورۇن تورداشلار شۇنىڭغىمۇ ئېرىنەرمىكىن دەيمەن.

        سائەت 11 بوپتۇ مۇئەللىم، تېخىچە ئارام ئالماپسىز، ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ قويماڭ، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:06
        • QQ دەك ئۇيغۇر يېزىقىنى قەستەن تۇنۇمايدىغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن جېدەللەشمىسىڭىزمۇ بولاتتىكەنتۇق، لېكىن پىروگرامما تۈزۈشنى مەشق قىلىمەن دېسىڭىز مەيلى.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:14
      • ئەسلى مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشكۈم يوق ئىدى، مەشىق ھېسابلىنىپ قالار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىمكا ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
    ئەمدى نام قۇيۇشقا كەلسەك بىزلەرنىڭ سالاھىيىتىمىز تۇشمايدۇ ئەلۋەتتە ، شۇنداق بولسىمۇ بىزنى ئۆز كۆرۈپ پىكىر ئالغانكەنسىز ئازراق ئىنكاس قالدۇرۇپ قايتاي :
    قوڭغىراق،ھېسابلىغۇچ،ھۆججەت،سايىلەش، ئۈنئالغۇ . بۇ بەش ئىسىمگە باشقا پىكىر يوق
    Movie Moments نىڭ كىنو تەھرىرى ياكى فىلىم تەھرىرى دىسەك قانداق بۇلا ؟
    ====================
    ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا فىلىملەرنى قۇرۇپ ياكى تەھرىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرلايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلىم تەھرىرلەش ئەپىدۇر.
    ====================
    يەشمىسىدىن قارىغاندا فىلىم ئىشلەيدىغان ئەپكەن ، شۇڭا ئۆز پىكرىمنى قالدۇرۇپ باقتىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:40
    • ئەسلىدە ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزگە ئۆز، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ. مەنمۇ مۇشۇ 4-ئاتالغۇنى تازا ياخشى دېيەلمىدىم، چۈشۈمدە ئايان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولار ئىدى. ئەتە پاراڭلىشايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:51
  • 4-نى يەنە بىر ئويلىنىپ باقايلى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:24
    • شۇنداق، بۇ 6 مۇھىم ئەپ يەنە نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەردە قوللىنىدۇ. يەنە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئىشلىتىشكە باشلايسىلەر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:52
  • Movie Moments-كىنو ئەسنالىرى.
    ئەسنا-بىرەر ئىش ھەركەت،ۋەقە،ھادىسە سادىر بولۇپ تۇرغان پەيت،پۇرسەت،چاغ. (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى)
    ”كىنو كۆرۈنۈشلىرى“ ئەپ ئىچىدىكى مەلۈم ئىقتىدار نامىدەك تۇيغۇ بىرەمدۇ قانداق. ئەسلى ئىنگىلىزچە نامىمۇ ئىجادىي قۇيۇلغاندەك بىلىندى، شۇڭا تەرجىمىسىمۇ شۇنداق بولسا دەپ قارىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:22
  • ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ،ئالىم مۇئەللىم!
    Movie Moments
    بۇنى سىن تەھرىرلىگۈچ دەپ ئالساق بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:08
  • «Scan» نى «سايىلەش» دەپ ئالدۇقمۇ؟ بۇمۇ بىر ھىساپتا بوپتۇ.
    «Scan» دىگەن خەت ئىنگىلىزچە «scanner» يەنى ئۇيغۇرچە «سكاننېر»، «تەسۋىر كۆچۈرگۈچ» دىگەن خەت ئىچىدە بار ئىكەن ، قارىغاندا بۇرۇن «Scan» نى «تەسۋىر كۆچۈرۈش» دەپ ئالغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:03
    • Windows نىڭ تەرجىمىسىدە scanner نى سايىلىگۈچ دەپ ئالغان. سكانېر دېسەك يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «ئىسكاننېر» بولىدىكەن، مەن بۇنداق ئىشكالا، ئىسكالىيار، روزېتكا،…دېگەندەك ئاتالغۇلارغا زىيادە ئۆچ ئىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:49
  • ياخشى بوپتۇ،باشقا پىكىر يوق…
    يەنە باشقا ئەپلەر يوقمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:37
باھا بېتى: 1 2 3