Windows قانچىلىك تەرجىمە قىلىندى؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالدى بىلەن Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن بەزى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.
http://msdn.microsoft.com/zh-cn/goglobal/bb688177.aspx“
ئەمەلىيەتتە Microsoft شىركىتى Windows نىڭ قانداق ۋە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى 10 يىل بۇرۇن ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئىدى. Windows نىڭ قانداق يەرلىكلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلار بۇنداق ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ياكى توردىن Windows LIP دەپ ئىزدىسە بۇ يەرنى تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.
سوئال: Windows LIP دېگەن نېمە؟
جاۋاب: Microsoft Windows تىل ئارا يۈزى بولىقى (LIP) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىم بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»دۇر. ئۇنىڭدا بىر گۇرۇپپا ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (UI) ئېلېمېنتىنى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تىل بولىقى ئۈستەليۈزى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن يەرلىكلىشىش نىسبىتى %80 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
سوئال: تىل بولىقىدا قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ؟ قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدۇ؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىل ئارايۈزى ئېلېمېنتى (UI) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدىغانلار باشقۇرۇش قوراللىرى (管理工具)، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى (系统错误消息)، پائالىيەت خاتىرىسى (事件日志)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ياردىمى (ھۆججىتى) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ.
سوئال: تىل بولىقى نەچچە پۇل؟
جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى سېتىلمايدۇ، ئۇنى Microsoft تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.
قىسقىچە خۇلاسە
Windows ئادەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئىسپانچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،…تۈرۈكچە قاتارلىق 30 نەچچە ئاساسىي تىل) پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ يەنى كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) ئاساسىدا تەرجىمە نىسبىتى %100 بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، تېخى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان ئەمما مەلۇم دۆلەتنىڭ تىلى بولغان ئاساسىي تىللار ئۈچۈن (مەسىلەن: ئۆزبېكچە، قازاقچە (قازاقىستان)، تۈركمەنىستان،…قاتارلىق 70 نەچچە ئادەتتىكى تىللار) تىل بولىقى (LIP) ئاساسىدا %80 تەرجىمە قىلىنىدۇ. بارلىق تىل بولىقى ئوخشاش نىسبەتتە يەرلىكلەشتۈرىلىدۇ.
سوئال: ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى بىرنەچچە مېگابايت، خەنزۇچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى 100 مېگابايتتىن ئاشىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە %10 تەرجىمە قىلىندىمۇ؟
جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، نەدىمۇ LIP ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەرجىمە مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئىش بار. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە،… قاتارلىق تىللار MUI ئاساسىدا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارغا بىرنەچچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولىدۇ. خەنزۇچە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقى 20-30 مېگابايت كېلىدۇ، 3-4 خەت نۇسخىسى قوشۇلسا 100 مېگابايتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى رەسىم، سىنبەلگىلەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ، يەرلىكلەشكەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان بولسىمۇ (دىققەت، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تىللارغا تەستىق بەرمەيتتى)، لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تەرجىمە مىقدارى جەھەتتە دۆلەت تىلى بولغان ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە،…دېگەندەك تىللار بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى LIP ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئۇلاردىن بالدۇر پۈتۈپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. تەرجىمە مىقدارى %80 گە يېتىدۇ. باشقا تىل بولاقلىرىدا خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولسا، سىغىم جەھەتتە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ.
سوئال: كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى %100 تەرجىمە قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئېھتىياجىدىكى تىل ياكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان تىل دەپ بېكىتسە، يەنىلا LIP تىل بولىقى شەكلىدە %80 ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما كېيىنكى نەشىرىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل قاتارىغا كىردى. بەلكىم يەنە باشقا مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق كېڭىيىدۇ.
بەزىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغاندەك ياكى باشقا مەقسىتى باردەك بىلىنىۋاتىدۇ، مەندىن يەنە گەپ ئېلىپ يۈرمەڭلار، كېلىشىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېمىنى تەييارلايمەن دەپ 1 سائەت ۋاقتىم كەتتى.
تەرجىمىدە خاتالىق بايقىساڭلار، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزىل رامكىغا بوياپ، بۇ تەرجىمە مۇنداق بولۇپ قاپتۇ، خاتالىقنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىر، نورمال، يېنىك دەپ 3 دەرىجە ئىچىدىن بىرسىنى تاللاپ، كۆرۈلگەن خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكى، گىرامماتىكا خاتالىقى،….دېگەندەك ئېنىق سەۋەبىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق پىكىرىڭلار بىلەن مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دېسەڭلار، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تۈزىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھېچقانداق ئېنىق خاتالىقنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنداق بولۇپتۇ، بۇنداق بولۇپتۇ، مېنىڭچە بولغاندا دەپ پىكىر يازساڭلار، بۇنداق پىكىر نەزەرگە ئېلىنمايدۇ ھەم ئوڭايلا خاتا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ دەلىلسىز پىكىر قىلماڭلار.
مۇمكىن بولسا ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭلار، تور بېكەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇرچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار، مۇلازىمەت ئورنىغا بىرەر قېرىندىشىمىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,968 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:32
- ئالدىنقى يازما :تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار سەمىگە
- كېيىنكى يازما :6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، Windows 8 توغۇرلۇق ئازراق بىر ئىشنى سوراي دىگەن ئىدىم. مالال قىلىپ قويغان بولسام ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مەن بۈگۈن خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ئادەتتىكىدەك ئىشخانىغا ئېلىپ كېلىپ يېڭىلاش ئېلىپ باردىم، ئادەتتە دائىم شۇنداق قىلىپ تۇرىمەن. لېكىن ھازىر قارىغۇدەك بولسام ئەپ دۇكىنىدىن ھېچنىمە تېپىلمايدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. مەسىلەن ئەپ دۇكىنىدىكى سەھىپىلەرگە كىرسەم پەقەت بىردىنلا ئەپ بار يەنى ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرچە مۇزىكا، سىن، ئويۇن دىگەندەكلەر. بۇرۇن قۇمدەك تولا ئەپلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى، خالىغانچە ئىزدەيتىم، ھازىر ئىزدەش رامكىسىغا مەلۇم ئەپ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم ھېچنىمە تاپالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن. بۇرۇن ئەپ دۇكىنىنىڭ ئەپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھېسابات قوشىدىغان قىسمىي خەنزۇ تىلىدا چىقىپ ئىچىمنى سىقاتتى، ھازىر ئۇ يەرمۇ ئۇيغۇرچە تۇرىدۇ، بىراق ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھېچقانداق ئەپمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال چىقتى.
دۆلەت ياكى رايونى تەڭشەكنى ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ
مۇئەللىم ئۇيغۇرچە windows8 نى ئومۇملاشتۇرۇشتا يەنە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. مۇشۇ توغرىسىدا تەكلىپىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ساختا نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللار بەك كۆپ. windows مۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يۇمشاق دېتال. ھازىر بەزى ساختا نەشىردىكى windows قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن. مەن مۇنداق پەرەز قىلدىم.
ئەگەردە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ھەقىقىي نەشىردىكى windows8 دە ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولماي قالسا، بىزنىڭ ھازىرقى Lip دىن MUI غا يۆتكىلىشىمىزگە تەسىرى بولغۇدەك. يەنىلا مۇشۇ ساختا نەشىر ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالامدۇ قانداق ؟
Microsoft شېركىتى بۇرۇن بىرەر مىللەتنىڭ تىل بولىقىنى ئېلان قىلىپ، كىيىن قالدۇرۋەتكەن ئەھۋاللار بارمۇ مۇئەللىم؟
مېنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى خەلقىمىز ھەقىقىي نەشىردىكى windows8 دا ئىشلەتمەي، يەنە ساختا نەشىردىكى windows8 دا ئىشلىتىپ ئومۇملىشىپ قالسا، تىل بولىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا تەسىرى چوڭ بولۇپ كېتەرمىكى دەيمەن.
windows8 گە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ ئامبىرىنى بىز كۆرەلەيمىزمۇ؟ دىمەكچى، بىز يۇمشاق دىتال يەرلىكلەشتۈرگەندە پايدىلانساق، ئاتالغۇ بىردەك چىقسا دىمەكچى.
«نەچچە ھەسسە تىرىشىش» دىگەنلىك سىتىۋىلىش ۋە تەرجىمە قىلىشنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقا تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
شەخسەن ئۆزۈم ۋە دوستلىرىمغا سىتۋالغان ئالتە يۈرۈش سىستىما ھىچقايسىسى (كومپىيۇتېر سەپلىمىسى ياكى باشقا كەسپى قوللانمىلارغا ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن) تېخى ئىشلىتىلىپ باقمىدى، ئەلۋەتتە باشقا office2013 تەك ھەقلىق قوللانمىلارنىمۇ سىتىۋالىمىز. بۇنداق سىتىۋىلىپ ئىشلەتمەسلىك «تىرىشىش»قا ئەكىس تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ياكى شىنجاڭ تەۋەسىگە قانچىلىك windows8 سىتىلغانلىقى ھەققىدە شىركەت تەرەپتىن بىرەر مەلۇمات بارمۇ؟
Windows 8 گە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ھازىرچە كۆرەلمەيسىلەر. لېكىن بۇ يىل ئىچىدە كۆرەلەيسىلەر، ئۇنى مىكروسوفت ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىدۇ، ھازىرچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ، بەزى ئاتالغۇلارغا كۆنگەچ تۇرساڭلار بولىدۇ.
ھازىرچە ئەڭ ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى بولدى.
مەن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەممىمىز تىرىشساقلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ…….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
مۇئەللىم سوراپ باقسام، ئۇنداقتا Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىشى يەنە قانچىلىك ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلار؟
بۇنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن ھامان بىر كۈنى چىقىدۇ. سەۋرى قىلىڭلار.
ھىم ئەمدى بىلدىم.
ئۇ خېرىدارلارغا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ بۇنىسى ئېنىق. مەنمىغۇ شۇ بۇنى قىممەت كۆرسەڭلار ياكى كەمكەن دېسەڭلار ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىڭلار دەپ قويۇۋاتىمەن ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئانا تىلغا يەرلىكلىشىپ بولدى ئەمەسمۇ.
باشقا گۇرۇپلارمۇ مۇشۇ windows تىكىدىكدەك ئەستايىدىل قىلغان بولسا ئاتالغۇلار بىردەك ئېلىنسىلا مەيلىتىغۇ. بولسا بىرەر گۇرۇپ تەشكىللەپ باقسىلا ياخشى بولار ئىدى. مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە كۈچ قوشسام…
كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
管理,DirectX诊断工具 دېگەندەك ئىشلەتكۈچىلەر مۇھىم ئورۇندا تۇتۇپ ئىشلىتىدىغان يەرلەر قاپتۇ. بۇ يەرلەرمۇ سىز دېگەنLIP نىڭ قاتارىدا يوقمىدۇ؟
================
بۇنى سىزمۇ چۈشەنمەپسىزدە، بۇنى مەن دېمىدىم، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان يەنى Windows 2000 چىققاندىن بۇيان MUI ۋە LIP نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى Microsoft ئۆز تور بېكىتىدە ئاشكارە دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن ھەممە ئىشلار LIP تىن باشلىنىدۇ، كېيىن بازار تاپقاندىن كېيىن، بەزى تىللار LIP تىن MUI تەستىقىغا ئېرىشىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ سانى 30 نەچچىگە بارىدۇ، ئىلگىرى MUIشەكىلدە تەرجىمە قىلىنغان تىللارنىڭ سانى 10 غىمۇ يەتمەيتى. بۇنى سىزدەك يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈپ باققانلار بىلىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۇ 1-2 خېرىدار ئالماي چىقىپ كەتسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، لېكىن سىز ئۇلارغا Ubuntu نى تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ. پۈتۈنلەي ھەقسىز ھەم ئۇيغۇرچە دەپ. ئەگەر ئۇنىمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق دېسە، ئۇنداقلار بىلەن كارىڭىز بولمىسىۇن. مەنمۇ ئىزچىل رادىيو ياكى تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتىدا Windows ۋە Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچىلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن، مانا بۇ كەسپىي ئەخلاق، لېكىن بەزىلەر قەستەن بىرسىنى تىلغا ئېلىپ، يەنە بىرسىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ ياكى قەستەن گەپنى بۇرمىلاۋاتىدۇ، (چۈنكى ھېچقانداق پاكىت يوق)، ھەتتا قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپىمەن دەيدۇ، بۇنداقلارغا گەپ قايتۇرۇشنىڭ قىلچە ئورنى يوق.
تەرجىمە ئىشلىرىغا كەلسەك، بىز MUIدەك تەرجىمە قىلغان، لېكىن بەزى جايلىرى قۇلۇپلانغان ئۆزگەرتىش ھوقۇقىمىز يوق، ھەتتا ياردەم ھۆججەتلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ، بەزى رەسىملەرنى يەرلىكلەشتۈرۈگەن ئىدۇق، مەسىلەن: ئىنتېرنېت دېگەندەك رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بار ئىدى. ياردەم ھۆججەتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئەڭ تەسكە توختىغان ئىدى. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئېلان قىلمىدى. ئەمما ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئەرەبچىدىن كېيىنلا تاماملىنىپ، ئېلان قىلىندى. Windows 8 گە يېڭىدىن قوشۇلغان 13 تىل ئىچىدە، ئۇيغۇرچە ئەڭ بالدۇر ئېلان قىلىندى.
ئەمما سىز كۆرگەن بەزى ئاتالغۇ ئىشىغا كەلسەك، ئۇ Windows قا تەۋە بولمىغان ئايرىم ئەپلەردۇر، بەزىلەر قەستەن ئۆزى بىلگەن سەنەمگە كېتىۋاتىدۇ (مەسىلەن: ئېلخەت، ئەخلەت چېلەك، ھەمبەھىر،….دېگەندەك ئېلىپ). بۇنداق قىلسا سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ ياكى تەرجىمە سۈپىتى تۆۋەن باھالىنىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېچىكىدۇ. چۈنكى باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ Windows بىلەن ئوخشاش چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى تەرجىمە ئۇسلوبى تۈزۈلگەن، ئاتالغۇ ئامبىرى قۇرۇلغان، ھەممە پىرىنسىپ مۇشۇ بويىچە بولىدۇ.
لېكىن Office ۋە باشقا خەرىتە، ساياھەت دېگەندەك ئەپلەرنى باشقا گۇرۇپپا يەرلىكلەشتۈرۈگەن. ئەسلىدە مەن ئۇ ئىشنى قايتۇرماي، تەرجىمانلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولساممۇ بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۆز ۋاقتىدا Windows نىڭ تەرجىمە سۈپىتى ۋە ئېلان قىلىنىش ۋاقتىغا تەسىر يېتىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلغان، يەنە بىر مۇھىم ئىش شۇكى بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە يولداشلارنىڭ ھەممىسى دەم ئالغان بولغاچقا، Windows 8 نىڭ بۇ يىللىق يېڭىلانمىسىدىكى بىرنەچچە ئەپلەرنى خەنزۇچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشى بىزگە مەجبۇرى تېڭىلدى. بىز تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەردۇق، بىرلا قېتىمدا سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى. كېيىن ئۇلار چاقچاق قىلدىمۇ بىلمىدىم، Windows نىڭ خەنزۇچىسىنىمۇ سىلەرگە بەرسەك بولامدۇ-نېمە؟ ئۇنىمۇ قىلغۇڭلار بارمۇ ؟-دېدى. كېيىن ئويلاپ باقسام بۇ ھەيران قالىدىغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. چۈنكى بېشىنى باشلىۋالغان ھەرقانداق ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن ئەمەس، ھەممە ئاتالغۇ ۋە ئوخشايدىغان جۈملىلەر تەييار.
Office 2013 كە يېڭىدىن 13 تىل قوشۇلغان ئىدى، ئەمما ئۇيغۇرچىدىن باشقا 12 تىل بولىقى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىپ بولدى، بۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئىدى. مۇمكىن بولسا بۇ گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشلىرىغا ئۆز-ئارا ياردەمدە بولساق، ئاندىن يەنە مۇكەممەل بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەشكىللىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بۇ قېتىم مەن تەرجىمان قوبۇل قىلىمەن دەپ ئۇچۇر بەرسەم، 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئىلتىماس قىلدى، ئۇلارغا ۋەزىپە بەرسەم بەزىلىرى «قاتتىق دىسكا كۆيۈپ كەتتى»، «بارماق دىسكام تونۇماس بولۇپ قالدى»، «ئۆيدەك توك توختاپ قالدى»، «مەن ھازىر پويىزدا، iPad بىلەن تەرجىمە قىلالمىدىم»، «ئەۋەتكەن خەتنى ئاچالمىدىم»، «ئۆيگە مېھمان كەلگەن ئىدى»، «بالام تويۇقسىز ئاغرىپ قالدى»، «ئادەم دېگەننىڭ بەزىدە ئىشى چىقىپ قالىدۇ، مەن بۇنىڭغا ھەئە دەپ تولدۇرالمايمەن»…دېگەندەك باھا-سەۋەبلەرنى يازغانلارمۇ بار. مېنىڭ بۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم، بۇ ئىشنى قىلالمىسىڭىز ھېچقانداق باھانە كۆرسەتمەڭ، No excuse. بۇ ئاجىزلارنىڭ ئىشى، مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ سۆزى.
بىراق مەن شۇنداق ئۆزەمنىڭ قىزغىنلىقىمنى ،ئىرادەمنى كۆرسەتسەم ،ىسز سىناق قىلىپ ئەۋەتكەن تەرجىمىلەرنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئەۋەتسەم ،ماڭا يەنىلا ۋەزىپە بەرمىدىڭىز .ئەمەسمۇ؟
يىقىندا سۇنىڭ ماگىزىنىدا بىر surface pro نىڭ كەسپىي نوسخىسىنى زاكاس قىلىپ قويغان ،تۈنۈگۈن تىلفۇن قىلىپ ،مىنى ئېلىپ كېتىشىمنى ئۇقتۇردى،بارسام ،مەن دىگەن نوسخسىدىن ئەمەسكەن ،كىيىن ئۇلار سوراش ئارقىلىق سۇنىڭ نىڭ ماگزىنىدا بۇنداق نوسخىسى سىتىلمايدىغانلىنى دىدى.
بۇ سىتىلىدىغان نوسخىسى خەنزۇچە بۇلۇپ ،سېتمىسى كەسپىي نوسخىسىدىن پەرىقلىقكەن،Office 2013 نىڭ ئائىلەۋە ئوقۇغۇچى نوسخىسى باركەن ،مەڭگۇ ئىشلىتەلەيدىكەن . بىراق پەقەت خەنزۇچىنى قوللايدىكەن ،كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلاقنى قاچىلالماسلىقىمدىن قورقۇپ ،ئۇنى ئالمىدىم .ئالسام يەنىلا كەسپىي نوسخىسىنى ئالاي دىدىم گەرچەOffice 2013 نى بىر ئايلا ئىشلىتىش ۋاقتى بولسىمۇ.
بىزدە ئاددىي بولسىمۇ مۇشۇنداق قىزغىنلىقىمىز،قوللىشىمىز بار ،بىراق سىز چۈشەنمىدىڭىزدە!~~
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. دۇكان كۆچۈش ئىشلىرىم بىلەن بولۇپ كېتىپ بلوگىڭىزغىمۇ كىرىپ بولالمىدىم. بۈگۈن كىرىپ قارىسام بۇ تېما تۇرۇپتۇ. 8 نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە ماڭىمۇ خېلى كۆپ خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئۇچۇر قىلغان. مەنمۇ سىز دېگەندەك ۋە ئۆزۈم بىلگىنىمچە چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتقان. ئاللاھ خالىسا تولۇق بولۇپمۇ كېتەر.
ئەمدى يەنە بىر قىسىم ئاتالغۇلاردا بىردەكلىك يوقتەك ھېس قىلدىم. بەلكىم بىر قانچە ئادەم بىللە تەرجىمە قىلغاچقا شۇنداق بولۇپ قالدىمۇ. مەسىلەن: 共享سۆزى كۆپ يەرلەردە «ئورتاقلىشىش» دەپ ئېلىنىپتۇ. بىر قانچە يەردە «ھەمبەھر» دېگەندەك ئېلىنىپتۇ. مۇشۇنداق سۆزلەر يەنە بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك بولسا كېيىنكى قېتىملىق تىل بولاق قوشۇشتا ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بارمۇ؟ ياكى شۇ بويىچە ئېلىنىپ كېتىۋېرىلەمدۇ؟ بۇ قېتىملىق تىل بولاقتا دېمىسىمۇ خېلى كۆپ قىسم يەرلەر تەرجىمىسىز قاپتۇ يەنى 管理,DirectX诊断工具 دېگەندەك ئىشلەتكۈچىلەر مۇھىم ئورۇندا تۇتۇپ ئىشلىتىدىغان يەرلەر قاپتۇ. بۇ يەرلەرمۇ سىز دېگەنLIP نىڭ قاتارىدا يوقمىدۇ. ياكى سىز بۇرۇن دېگەندەك (بۇرۇن ئېسىمدە قېلىشچە 8 ئېلان قىلىنغاندا ئۇيغۇرچە تىل بولاق تولۇق ئەمەسكەن، دېگەندەك قىلغانتىڭىز شۇنى دېمەكچىتىم) مىكرسوفىتتىكىلەر بۇ يەرلەرنىڭ تىل بولىقىنى قوشمىغانمىدۇ. ۋە ياكى بۇ يەرلەر MUI دىمۇدۇ؟ مۇشۇ يەرلەر پۈتۈپ كەتسە باشقا يەرلىرىگە ئالاھىدە ھاجەتمۇ چۈشمەسكەن. مېنىڭ بىر قانچە خېرىدارىم مۇشۇ يەرلەرنى كۆرۈپ تولۇق پۈتكەندە ئالاي دەپ ۋاز كچىپ كەتتى. ئۆسۈپ كېتىدۇ دەپ شۇنچە دېسەممۇ ئۆسسە ئۆسە دەپ ئۆز گېىپنى قىپ تۇرۇۋالدى.
ئالىم مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسىنى قوللايمەن.
ئەجرىڭىزگە رەخمەت مۇئەللىم. بىز سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمىز.
ئالىم مۇئەللىم، «نەچچە ھەسسە تىرىشىش» دىگەنلىك سىتىۋىلىش ۋە تەرجىمە قىلىشنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقا تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
شەخسەن ئۆزۈم ۋە دوستلىرىمغا سىتۋالغان ئالتە يۈرۈش سىستىما ھىچقايسىسى (كومپىيۇتېر سەپلىمىسى ياكى باشقا كەسپى قوللانمىلارغا ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن) تېخى ئىشلىتىلىپ باقمىدى، ئەلۋەتتە باشقا office2013 تەك ھەقلىق قوللانمىلارنىمۇ سىتىۋالىمىز. بۇنداق سىتىۋىلىپ ئىشلەتمەسلىك «تىرىشىش»قا ئەكىس تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ياكى شىنجاڭ تەۋەسىگە قانچىلىك windows8 سىتىلغانلىقى ھەققىدە شىركەت تەرەپتىن بىرەر مەلۇمات بارمۇ؟
بۇ يەردىكى «تىرىشىش» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننى مەن بۇ كىچىك ھەم ئاددىي كاللامغا سىغدۇرۇپ بولالمىدىم. بەك كەڭ ھەم بەك كۆپ، بىشىم قىيىپ كېتىۋاتىدۇ… بەلكىم نەچچە ئەۋلاد كېتىشى مۇمكىن. لېكىن بىز ئىز قالدۇرغۇچىلار، كېيىنكىلەرنى يېتەكلىگۈچىلەر
ئالىم مۇئەللىم ئالدى بىلەن سىلىگە ئۇزۇن ئۆمۈر،تەنلىرىگە سالامەتلىك،خىزمەتلىرىگەئۇتۇق تىلەيمەن
مەن Windows8 نى ئىشلىتىۋاتقان 10 كۈندەك بولدى يېڭلانمىلارنى يېڭىلىسام Windows Defender خەنزۇچە بولۇپ قالدى قالغان يەرلەر نۇرمال قارىسام Windows Defender نېڭ ھىچ تىل تاللاش ئورنى باردەك ئەمەس قانداق قىلسام ئۇيغۇرچە بولىدۇ ۋاقىتلىرى يەتسە بىر تەكشۈرۈپ باققان بولسىلا
ئاشۇنداق تېمىلار چىقمىسا قانچىلىك تەرجىمە بولغانلىقىنى كىم بىلەتتى، شۇ پىتى سىر بولسۇن دىمەكچىمۇيا.
بۇ ئەزەلدىن سىر ئەمەس، مىكروسوفت ئۆز تور بېكىتىدە Windows نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بىلسۇن دەپ 10 نەچچە يىلدىن بۇ ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، تەرجىمىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە قائىدىلىرىنى ئاشكارە چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئەزەلدىن سىر ئەمەس. ھازىر شۇ سىر بولۇۋاتقان ئىش باشقا ئىش بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن نىمىشقا تولۇق تەجىمە بولمىغىنىنى بىلىۋالدىم ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن مۇئەللىم .
رەھمەت، ھازىرچە LIP بولىقىنىڭ تەلىپى بويىچە %80 يەرلىكلەشتى، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جايلىرى تولۇق تەرجىمە قىلىندى. ناۋادا بىرەر يۇمشاق دېتال %98 تەرجىمە قىلىنىپ، دىيارىمىزدا %2 گىمۇ يەتمەيدىغان ئادەم ئىشلەتسە، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولىدۇ، ناۋادا بىرەر يۇمشاق دېتالدا %2 بولسىمۇ تىلىمىزغا پايدىلىق ئىشلار قوشۇلۇپ، دىيارىمىزدىكى %98 ئادەم ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى يەنىلا چوڭ بولىدۇ.
تىرىشىمىز ،تىرىشىمىز…..بۇنى قولغا كەلتۈمىسەك قەتئىي بولمايدۇ.