«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا چارشەنبە كۈنى دەرس باشلىنىدۇ. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا چارشەنبە كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ قارارلىق تەربىيەلەشكە تىزىملاش ئاخىرلاشتى. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا 3-قارارلىق «ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا ئوقۇش باشلىنىدۇ. تىزىملاتقان كۇرسانتلار ۋاقتىدا كېلىپ دەرسكە قاتنىشىڭلار. كۇرسانتلارغا تېلېفون ئارقىلىق ئايرىم خەۋەر قىلىنىدۇ. بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ، دەرس ئورنىنى كۆرۈۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

پۈتۈنلەي يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار بولۇپ، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان.


(سىنىپ ئىچىدىن كۆرۈنۈش)

ئورنى: ئۈرۈمچى چىندىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەر ئىتتىپاق يولى 1076-نومۇر.
10,60,65,70,301,920-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا ئايلانما يول بىكىتىدە چۈشۈپ ئالدىڭىزغا 100مېتىر مېڭىپ قىزىل چىراقتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوڭ تەرەپ سېرىق رەڭلىك ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە (قوراللىق ساقچى چىگرا مۇداپىيە دوختۇرخانىسىنىڭ سول تەرەپ قىيپاش ئۇدۇلىدا).

تېلېفون: 13639972708
خەرىتىدىكى ئادرېسى:

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
51 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم مىنىڭ سىزنىڭ بۇ كۇرسىڭىزغا شۇنداق قاتناشقۇم بار ئىدى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بارالمىدىم. سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغۇم بار ئىدى..
    ئاخرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:12
  • ئاللا ئىگەم ئىشلىرىڭىزنى خەيىرلىك قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:54
  • شەنبە-يەكشەنبىلىك تەربىيىلەش قانداق بولغاندۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:42
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ قىتىمقى تەربىيلەشتە قانداق سەۋىيگە يەتكەنلەرنى شىركىتىڭىزدە ئىلىپ قالىسىز؟ قانچە ئوقۇغۇچىنى ئىلىپ قالىسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن سىزدىن ۋىندوۋىس8 گە دائىر بىر مەسلىنى سۇرىماقچى .
    بەزى ۋىندوۋىس7 سېستىمىلىق كومپىيوتېرلاردا ئۇيۇن ياكى باشقا بەزى ئەپلەرنى ئىجىرا قىلغاندا پۈتۈن ئېكىران كۆرۈنمەي ئىككى تەرىپى قارا كۆرنىۋالىدىكەن ، بۇنداق كومپىيوتېرلارغا ۋىندوۋىس8نى قاچلىغاندا نۇرمال چىقامدۇ ياكى يەنىلا يېرىم ئېكران بۇلۋالامدۇ ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:05
    • بۇ pc نىڭ كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەيلى قايسى مەشخۇلات سىستېمىسى بولسۇن بۇنى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تەڭشىكىدىن تەڭشىگىلى بولىدۇ، سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:42
  • ئەسسالامۇ~ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ، تەرىيلەش كۇرسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،گەرچە مەن بارالمىغان بولساممۇ تەربىيەلەش كۇرسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تىما ئىنكاسلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمەن ، كۇرۇسقا قاتناشقان دوسلارنىڭ دەرىسنى پۇختا ئىگەللەپ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:28
  • ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي مۇئەللىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:56
  • ئالىم مەلىم، سىزدىن سورايدىغان جىددى بىر مەسىلە بارتى، خاپا بولماي جاۋاپ قىلغان بولسىڭىز.
    مەن ۋىن 8 نى سېتىۋالغان، ئەمما كومپىيۇتېر تازا ئېھتىياجىمدىن چىقالمىدى. شۇڭا بىرنى قوراشتۇرغان، كونا كومپىيۇتېردىن يۇيۇۋېتىپلا، يېڭىسىغا قاچىلىسام بولامدۇ؟ ياكى باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:27
    • مىكروسوفتقا تېلېفون قىلىپ، راست گەپ قىلىڭ، يەنە بىرنى تېلېفون ئارقىلىق ئاكتىپلاپ بېرىشى مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:34
  • ئالىمجان مۇئەللىم، سىزنىڭ شىركىتىڭىزدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى قانچە يۈەندىن بولىدۇ؟ دېمەكچىمەنكى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان 7500 يۈەننى قانچە ئايدا تاپالايدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 23:44
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد مۇئەللىم
    ئالدى بىلەن سىزنىڭ ھەربىر ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇغلۇق تىلەيمەن.
    نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى بىز بىلمىخۇمار ياشلارغا يارىتىپ بەرگەن بولسىڭىزمۇ ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى، شارائىت چەكلىمىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىز تەمىنلىگەن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز…
    شەخسەن ئۆزۈممۇ مۇشۇ قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشقۇم بار ئىدى. ئەمما لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاچقا ، ئوقۇشۇمنى تاشلاپ قويالمىغۇدەكمەن…
    ئەمما بوش ۋاقتىم چىقسىلا توردىن ماتېريال كۆرۈپ ،كۆزنەك 8 گە ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن …دەسلەپتىلا بەك قىينالدىم ،،ئۆزۈمگگە ناتونۇش بىر دېتالنى ئىشلىتىشتە بەك قىينالدىم.

    ئەمدى ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى دېسەم، مەن كومپىيۇتېر ھاياتىمنى تەرجىمە قىلىشتىن باشلىغان.بۇ قېتىممۇ تەرجىمە قىلىشتىن باشلاي دەپ ئويلىدىم،شۇڭا visual studio 2012 نى قاچىلاپ بىر قانچە ئەپلەرنى چۈشۈرگەن ، شۇ ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قانداق باسقۇچلارنى بېسىشنى بىلەلمىدىم.بىر كۆرسەتمە بەرسىڭىز…
    ھازىر ئورنىتىپ بولغان ئەپنى 调试قىلىپ ئاچقىلى بولىدىكەن ،ئەمما تەھرىرلەشنى بىلەلمىدىم…كۇرۇسقا قاتنىشالىغان بولسام بەكمۇ ياخشى بولاتتى،،مېنىڭمۇ بىر پروگراممىر بولغۇم بار ئىدى،ھەي….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:49
  • مۇئەللىم، ئەتىگەنكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنى تىزىش مەسىلىسىنى يەنە ئويلاۋاتىمەن. مۇنداق ئۇسۇلنى ئويلاپ قالدىم.
    يېزىقىمىزدا ھەربىر ھەرىپنىڭ تۆۋىنى 2خىل (ر ز د ھەرپلىرى )، يۇقىرىسى 8خىل (ئې ئى ھەرپلىرى) شەكلى بار، شۇلارنىڭ ھەربىر خىل شەكلىگە بىردىن idبېكىتىپ شۇ تەرتىپ بويىچە تىزساق. بۇنداق بولغاندا ھەمزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ، ھەمزىگە ئايرىم idبەلگىلەش ھاجەتسىز، شۇنداقلا سۆزلەر ئىچىدە كەلگەن تەقدىردىمۇ يەنە تەرتىپ بويىچە تىزغىلى بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:19
    • لېكىن ساقلىنىدىغان ئۇچۇرلار ئاساسىي رايون كودى بويىچە ساقلىنىدۇ. شۇڭا، بۇنداق قىلىش ھاجەتسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:24
  • مۇئەللىم ياخشىمۇسىز،مۇشۇ تور بىتىڭىزگە خەت قالدۇرغاندا ،تىزىملىتىپ ئاندىن خەت قالدۇرالايدىغان قىلسىڭىز بولمامدۇ؟بولمىسا نامىنى ساتىدىغان ئىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن،كەچۇرۇڭ ،كۆپ سۆزلەپ قويدۇم…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:35
  • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
    رەھمەت،
    شۇنداق بۈگۈن دەرس ئوڭۇشلۇق باشلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كېلىپتۇ، يەنە بىرنەچچە بالىلارمۇ يېڭىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:25
  • ئالىم مۇئەللىم بىزنىڭ تەربىلەش كۈرسىڭىزغا قاتنىشىشقا شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ. مۇمكىن بولسا بۇ قېتىمقى دەرسىڭىزنى سىنغا ئېلىپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرساڭلار ناھايىتى ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:31
  • ئاۋۇ سىنىپقا ئەجەپ ئىچىم كۆيدى… (قېنى ماۋۇ چىراي ئىپادىسى يوقيا؟)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:44