نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەتنىڭ «ئاتلان»دىكى لېكسىيە فىلىمى

[ تاغدىن-باغدىن ]


تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بۇ يەردىن كۆچۈرۈلدى.
a href=“http://www.atlan.cc/?p=2836

ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپمۇ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنسىز، كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئۆگىنىپمۇ چارچىغانسىز، بۇ ئىككى تىلنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇلارنى ئۆز-ئارا خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولامدۇ-يوق؟ يەنە قانداق يېڭى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ كاللىڭىزدىكى يەنە نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىسىڭىز، بۇ لېكسىيەنى قولدىن بەرمەڭ.

ئالىم ئەھەت مۇئەللىم 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە «ئىنگلىز تىلى ۋە پىروگرامما تىلى» ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. تۆۋەندىكىسى بۇ لېكسىيەنىڭ سىن ھۆججىتىدۇر. بۇ نۇتۇقتا ئىنگلىز تىلى، دۇنيادىكى تىللار، ئۇيغۇر تىلى، كومپيۇتېر ۋە پىروگرامما تىللىرى ھەققىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەرقلەر جانلىق مىساللار بىلەن سۆزلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىم ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ.

كۆرۈش ئادرېسى:
بۇ يەرنى چېكىڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
38 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • سالام مۇئەللىم،تىنىڭىز سالامەتمۇ؟سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،مېنىڭ كىچىككىنە بىر سۇئالىم بار ئىدى:مەن ئۆگۇنىۋاتقان VB6غا ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇپ باقاي دىگەنىدىم،لىكىن ھەرقانچە قېلىپمۇ ئۇيغۇرچە تونۇتالمىدىم.قانداق قىلسام ئۇيغۇرچە كىرگۇزەلەيمەن؟ئاۋال Word قاتارلىقلاردا يېزىۋېلىپ ،ئاندىن كۆچۇرسەممۇ يەنىلا شۇنداق «؟»بەلگە چىقىۋالدى! ياكى كومپىيوتېرنىڭ تەڭشەيدىغان بىرەر يېرى بارمۇ؟ياكى «注册表»نىڭ ئىچىدىكى بىرەر يەردىن تەڭشەمدۇق؟ خاپا بولماي مىنىڭ مۇشۇ بىر سۇئالىمغا ئازراق بولسىمۇ جاۋاپ ياكى تەكلىپ پىكىر بەرسىڭىز بوپتىكەن! رەخمەت…
    (مەن كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلەشكىلى خېلى بولدى،ئاززرق يول كۆرسىتىپ قويسىڭىز ، مەن ھەل قىلىشقا تېرىشىمەن.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:52
    • باشقا تورداشلارنىڭمۇ ياخشى پىكرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن،رەخمەت….

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:59
    • vb6.0 بولسا unicode قوللىمايدۇ، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن خىيال كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىڭ، خىيالدا يېزىپ ئاندىن كونتروللارغا بىۋاستە چاپلىسىڭىز بولىدۇ. بولسا بالدۇرراق vb.net نىڭ يۇقىرى نەشىرىگە كۆچۈڭ، vb2012 پۈتەنلەي
      unicode قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىدىم، قانداق قىلارمەن دېگەن باش قېتىنچىلىقىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:41
      • قاچانغۇچە 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى VB6.0 نى ئىشلىتىپ يۈرۈيسىلەر، Visual Studio 2012 نى ئىشلىتىڭلار. ئۇيغۇرچە ئىزاھ يازالايسىلەر

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:51
  • مەن بىردەم ئىشلەي………راۋرۇس خىزىر سۈپەت، تىرىشچان بوۋا…ھەجەپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قايناپ كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:35
  • مەن كومپىيوتورىمغا چۈشۈرۈپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم بەك ياخشى لىكسىيە بوپتۇ.ئالىم مۇئەللىم ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ يېڭى ئاچماقچى بولغان سىنىپىڭىزدا دەرس سۆزلىگەندە videoغا ئېلىپ مۇشۇ يەرگە چىقىرىپ قويسىڭىزبەكمۇ ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:26
  • قايغۇلۇق خەۋەر:
    ئۆردەك بوۋىمىز ۋاپان بولۇپتۇ… ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!
    ئالىم مۇئەللىم بىلەن خېلى يېقىن مۇناسىۋىتى باركەنتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە Windows8 كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى ئالىم مۇئەللىم بۇ بوۋىمىزغىمۇ تەمىنلىگەن.
    تېخىمۇ تولۇق تەپسىلارتلار تۆۋەندىكى ئادرېستا.
    http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=53051#Inkas

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:17
    • بىز ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە، ھەرقاچان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز.

      بۇ ئاكىمىزنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى دېھقان كومپيۇتېرچى دەپ ئاتىشاتتۇق، بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن Windows نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشىنى ماڭا تۇنجى قېتىم بېسىم قىلىپ دېگەن كىشى مۇشۇ ئاكىمىز ئىدى.
      ئەگەر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارمىساڭلار «ئۇيغۇرسوفت» دېگەن ماركاڭلارنى ئېلىۋېتىڭلار، مەندە ھوقۇق بولسا تۇنجى بولۇپ سىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىڭلارنى سۈرۈشتە قىلاتتىم، مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن، كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە بەك قىينالدىم دەپ ماڭا خېلە گەپ قىلغان ئىدى. بۇ ئىشلار ھامان بىر كۈنى بولىدۇ-دېسەم، مەن بۇ ئىشلارنى بۇ ئۆمرۈمدە كۆرەلەمدىم دېگەن ئىدى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنى چوقۇم كۆرەلەيسىز دېگەن ئىدىم. Windows نىڭ تەرجىمىسىنى قىلىۋاتقان مەزگىللەردە پات-پات تېلېفون قىلاتتى، ۋاقتىدا پۈتمەي قالارمۇ؟ ئېلان قىلىنىش ئۆلچىمىگە توشماي قالارمۇ؟ مەلۇم سەۋەبلەردىن توختاپ قالارمۇ؟…دېگەندەك ئەندىشلىرىنى ئېيتاتتى، بۇ ئىشقا ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىشتىن ھەپتە 10 كۈن ئىلگىرى، ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە ھۆججىتى (قاچىلاشتىن بۇرۇنقى كېلىشىم ھۆججىتى)نى كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. مەن 4-قېتىملىق نومۇرنى بۇ ئاكىمىزغا ئېلىشىپ بەردىم، ھەپتە 10 كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا، تەبرىكلەپ تېلېفون قىلغان ئىدى. بۇ ئىش ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقتى دەپ بەك خۇشال بولغان ئىدى. تەرجىمە جەريانىدا مۇشۇنداق ئوسمان ئاكىمىزدەك نەچچە 10 مىڭ دېھقانلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، بۇ چاغدا تېخىمۇ روھلىنىپ ئىشلەپ كېتەتتۇق. قىسقىسى Windows نىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشىدا بۇ ئاكىمىزنىڭمۇ تۆھپىسى بار. ئاللاھ ئەجرى، ساۋابىنى بەرسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:05
      • ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،ئامىن…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:56
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        قالۇ ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن!

        ئەي! مىھرىبان ئاللاھ ئاجىز بەندىللىرىڭگە رەھمەت ۋە مەرھەمەت ئەيلىگەيسەن!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:45
  • مەن قاتناشقان ، نەق مەيداندىمۇ شۇنداق ئېسل چىققان ،.
    ئالىم مۇئەللىم ھارماڭ . ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 17:07
  • ئۇنداق بەك جاننى قىينىماي، مەندەك چۈشۈرۈپلا كۆرۈڭلار بولدى، ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:18
  • ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن Chrome, 360极速浏览器,IE9,IE10 دېگەندەك html5 نى قوللايدىغان تور كۆرگۈدە ياكى ئايفون، ئايپەد، ئاندروئىد، WP سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:56
  • Google Chrome دا كۆرسەڭلار ياخشى چىقىدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:49
  • يەنە 10 دانە %10 مەڭگۈ %100 تەڭ بولمايدۇ. بۇ مەن ھالەت لوگىكىسى (形式逻辑)دېگەن دەرستىن ئىرىشكەن مۇھىم ئەڭ مۇھىم نەتىجە.ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقانلار مۇشۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:13
  • جۇڭگۇدىكى ئىنگىلىزتىلىدا زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەن لىي ياڭ دىن نېمىشقا ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىسىز دېسە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ خەلقئارادىكى يۈزىنى تۆكمەسلىك ئۈچۈن دەمدىكىن دەيمەن. ‹‹chin english›› نىڭ دۇنياغا داڭقى بار ئەمەسمۇ،شۇڭا.
    مەن ئويلاپ باقسام پىروگراممىر بولۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىدىكەنمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:08
  • بۇ تور بەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ خېلى جېنى باردەك تۇرامدۇ نېمە؟ قويغۇچى HTML5 قويغۇچ ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:45
  • ئەمسە مەن كۆرۇشنى باشلىۋەتتىم!!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:30
  • مەن كۆردۇم ،بەك ياخشى سۆزلىنىپتۇ……
    تېخىمۇ كۆپرەك مۇشۇنداق لىكسىيىلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:36
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا «دىۋان» دېگەن نەسە، شۇنداقلا دىۋان تالىشىدىغان «دىۋانە»لەر يوق ئوخشىمامدۇ؟(سەت ھىجاراغان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:42
    • ئەسلى يوقتى، كەينىمدىن ئۈلگۈرۈپ كەلدى بىرسى (ئاغزىنى تۇتىۋىلىپ قاقاھلاپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) بىكار قاللىمۇ بەگ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:29
  • دىۋاندا ئۆزۈملا بىر ئولتۇرايچۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:35
باھا بېتى: 1 2