[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرسوفتتىكى خادىملار 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە 3 كۈن ئارام ئالىدۇ. 1-ئاينىڭ 3-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
42 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • تۈنۈگۈن ۋىن 8 نى سېتىۋېلىپ قاچىلىغان ئىدىم، ئالىم مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىيالىدىم… ئەمما ۋوردنى ئېچىپ خەت يازسام خەت نۇسخىلىرى يوقكەن، مەشغۇلاتىمدا خاتالىق چىقتىمۇ ياكى يەنىلا ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىدىغان گەپمۇ؟ بىلىدىغانلار مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىساڭلا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:32
    • باشقىلارنىڭ كومپىيۇتىرىدىن خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتىرىغا قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:51
    • ئاۋۋال مۇئەللىم دېگەندەك قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر ئۇنداق قىلىسىڭىزمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغىلى بولسىما مۇنداق قىلىڭ: ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. (مەن ئۆزۈم شۇنداق قىلغان ئىدىم)
      ئەلكاتىپنى قاچىلماي، ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ قويسىڭزلا بولىدۇ. سىستېمىڭىزدا نورمال ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 14:20
    • سىز خەت نۇسخىلىرىنى Windows\Fonts ئىچىگە كۈچۈرۈپ قويسىڭىز بولدى (مېنىڭچە) ، ئۇيغۇرچە قاچىلاش ھاجەتسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:27
    • ئەلۋەتتە ئەلكاتىپنى ئىشلىتىسىز سىستىمىنىڭ خەت نۇسقىسى پەقەت بىرلا خىل، كىرگۇزگىلى بولغان تەقدىردىمۇ ھەرخىل خەت نۇسقىلىرىدا يازالمايسىز، ئىشخانا دىتاللىرى تولۇق ئۇيغۇرچە بوپ بولغۇچە ئەلكاتىپنى ئىشلەتكەچ تۇرۇڭ ، بىراقلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قوللايدىغان دىتاللار بەكلا ئاز شۇڭا ئەلكاتىپنى ئىككىلەنمەي قاچىلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:59
  • دېمىسىمۇ ھازىر گېپىمىزنىڭ بېشىنى ئالىم مۇئەللىم دەپلا باشلايدىغان بۇپ قالدۇق ، (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) بۇ كۈنلەردە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 17:12
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ ۋاقىتلىق تېمىنى ئۆچۈرەلمەيدىغان بولدى ئەمدى….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:45
  • ئالىم مۇئەللىم يېڭى يىلىڭىزغا ۋە ئۇيغۇرسوفىتتىكىلەرنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن يېڭى يىلدا ئالما قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈسكۈنىلەرنىمۇ يەرلىكلەشتۈرېىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم نەچچە كۈننىڭ ياقى ئىنتىرنىت ئارقىلىق تورغا چىقسام تەڭدىن تۇلا مۇنبەرنىڭ خېتى سەت چىقىۋالغان ئىدى،بۈگۈن ھەممىسى ئوڭشىلىپ كىتىپتۇ.
    سىستىما يىڭىلاندىمۇ قانداق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:31
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم،
    ئارام كۈنلىرىڭىزنىڭ خەيرلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن!
    ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!
    ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم: مەن Windows8 سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم، قارىسام «32بىتلىق ۋە 64بىتلىق» دەپ ئىككى خىلى بەر ئىكەن؛ قايسىسىنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالدىم.
    زادى 32بىتلىقى ياخشىمۇ ياكى 64بىتلىقى ياخشىمۇ؟ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بىزلەرگە قايسىسى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ باھا پەرقى قانداق؟… (تور ئاختۇرۇپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم)
    مۇمكىن بولسا، «يۇقارقى سۇئاللىرىمغا جاۋاب تېپىپ، بۇ سىستېمىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن سېتىۋالسام» دېگەن ئۈمۈدتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:06
    • بۇنىڭدا سىزنىڭ كومپيوتىرىڭىزنىڭ CPU غا قارايسىز، ئەگەر CPU رىڭىز 64بىتلىق بولسا 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق ھەر ئىككىسىنى قوللايدۇ؛ ئەگەر 32 بىتلىق بولسا پەقەت 32 بىتلىقنىلا قوللايدۇ.ئىككىىسىنڭ باھاسىمۇ ئوخشايدۇ. 32 بىتلىق سېستىما ئەڭ چوڭ بولغاندا 3.25GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ. 64 بىتلىق سېستىما بولسا 128GB غىچە چوڭلۇقتا ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ. 64 بىتلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىش بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى 32 بىتلىق يۇمشاق دېتاللاردىن كۆپ يوقىرى. بولۇپمۇ ئېغىر ئىشلارنى قىلغاندا روشەن پەرقلىنىدۇ. 64 بىتلىق سېستىمىدا 32 بىتلىق يۇمشاق دېتاللارمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر كومپيوتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى يار بەرسە 64 بىتلىقنى قاچىلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:28
      • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
        سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، بەرگەن تەكلىپىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم.(مېنڭ كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق)
        تۆۋەندە كومپيۇتېرىمنىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسىنى يوللىدىم؛ كۆرۈپ، تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز
        كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى:
        ئاساسى تاختا: Intel(R) Core(TM) i3-2100 CPU @ 3.10GHz (4 CPUs), ~3.1GHz
        ئىچكى ساقلىغۇچ: Memory 4GB
        كۆرسىتىش كارتىسى:NVIDIA GeForce GT 440 1GB
        ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:50
    • خەنسوچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى مەنبەدىن پايدىلىنىڭ:
      http://www.xici.net/d124134378.htm

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:11
      • بەگ ھەزىرەت ، رھمەت سىزگە!
        ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!
        (لېكىن مەن مۇشۇ خەنچىنى تازاااااا بىلىپ كەتمەيمەن)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:52
    • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      بەرگەن تەكلىپىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم؛ رەھمەت سىزگە!
      (مېنىڭ كومپۇتېردىن ئانچە خەۋىرىم يوق) كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرۈپ، 32بىتلىق ياكى 64بىتلىقنى ئىشىلتىش ھەققىدە يەنە بىر تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز…
      (CPU)مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ : Intel Core i3 2100
      كۆرسىتىش كارتىسى: nVIDIA GeForce GT430 1GB
      ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:35
      • كەچۈرسىز، خاتا يوللىنىپ قاپتۇ.
        ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
        بەرگەن تەكلىپىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم؛ رەھمەت سىزگە!
        (مېنىڭ كومپۇتېردىن ئانچە خەۋىرىم يوق) كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرۈپ، 32بىتلىق ياكى 64بىتلىقنى ئىشىلتىش ھەققىدە يەنە بىر تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز…
        (CPU)مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ : Intel Core i3 2100
        كۆرسىتىش كارتىسى: nVIDIA GeForce GT430 1GB
        ئىچكى ساقلىغۇچ: 4GB

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:36
  • ئالىم مۇئەللىم «ئۆھۆ» دەپ يۆتىلىپ قويسىمۇ ، ئىنكاس يازىدىغان بوپ كەتتۇقتە ھازىر….
    بۇ بىلوگقا كىرىپ، خۇددى تۈركىيەنىڭ ئۈلكەر مىتروسنى يېمەي تۇرالمىغاندەك ئىنكاس يازماي قانداق تۇرغىلى بولسۇن! ھى.ھى.ھى…
    ھەممىڭلارنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ يېڭى يىلىمىزغا بولۇپمۇ ماۋۇ ئۇيغۇرچە Windows8 نىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:25
  • ئالىم مۇئەللىم سىز ۋە شىركىتىڭىزدىكى بارلىق خادىملارنىڭ يىڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،،،،،،،،،،ئائىلڭىزگە بەخىت،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،كەسپىڭىزگە يىڭى نەتىجە تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 23:13
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ؟ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئارام كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۈتىشىنى تىلەيمەن .
    مەن 12-ئاينىڭ 30-كۈنى win8نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىپ قاچىلىغان ئىدىم(ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان win7ئائىلە ئاددىي نەشىىرى يۇقىرى كۆتۈردۈم) ھەم سېستىمىغا سىز ئىزاھلاپ ئۆتكەندەك ئورگان تەرەپتىن يېڭىلاشلارنى ئېلىپ باردىم.
    ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم ،بىراق خاتىرە كومپىيۇتېرىمدا پەقەت سىمسىز تورغىلا چىقالىدىم ،سىملىق تورغا (مەكتەپ تورى )چىقالمىدىم. خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىلىرىنىمۇ ئورگان بېتىدىن يېڭىغىغا ئالماشتۇردۇم بولمىسا…. نەتىجە يەنىلا ئوخشاش .
    مۇشۇ ھەقتە يول كۆرسىتەرسىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:02
  • ھە،خىزمەت بىلەن ئارامنى ياخشى بىرلەشتۇرۇش كىرەك،ئوبدان ئارام ئىلىپ يىڭى يىلدا شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتش ئۇچۇن ئېنىرگىيە توپلىۋاڭلار!
    ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:54
  • بەك جاپا تارتىۋاتىسىلەر، ئوبدان ئارام ئېلىڭلار!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:35
  • تىشلىقمۇ ئالىم ئەھەد مۇئەللىم يېڭى يىلىلىرغا مۇبارەك بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 19:18
  • ھە سىلەرمۇ بەك جاپا تارتتىڭلار ئەمدى ئازتولا ئاراممۇ ئېلىپ قويۇڭلار ، ياخشى بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:32
  • ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفت شىركىتى خادىملىرنىڭ يېڭى يىلىنى ياخشى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، يېڭى يىلدا يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشگە تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى am 11:34
باھا بېتى: 1 2