مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
393 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار ! مەن PAYPALگە پۇل قاچىلاپمۇ win8نى ئالالماي ،ئاخىرى taobaoدىن 248 گە بىر نۇسىخا win8 سېتىۋالغان ، راستىنلا ئېلىكترونلۇق مەكتۇپۇمغا ئاچقۇچ كەلدى ، سېستىمىنى قاچىلاپ ئاچقۇچىنى كىرگۈزسەم نورمال قوزغىتىلدى ،سېستىمىنى يۇيىۋېتىپ قايتىدىن ئاچقۇچىنى كىرگۈزسەم يەنىلا نورمال ئېچىلدى ، ئەمدى بۇ يەردە ئەرزان نۇسخىسى دېگەندەك گەپلەر تۇرىدۇ ، ئەمدى قولۇمدىكى بۇ ئاچقۇچنىڭ راس يالغانلىقى ، ياكى ئەرزان نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى قانداق ئايرىيمەن ؟ ئەگەر بۇ يالغان ياكى ئەرزان نۇسقىسى بولسا مەن قايتىدىن سېتىۋالىمەن ! ياردەم قىلساڭلار!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:53
  • مەن تاۋباۋ دىن 248 يۇەنگە ئالدىراپلا بىر نۇسخا سېتىۋالدىم ، ئېلىكترونلۇق مەكتۈپۈمگە قوزغۇتۇش نومۇرى كەلدى ، قاچىلاپ كىرگۈزسەم بولدى ، يېڭىلانمىلارمۇ چۈشىۋاتىدۇ ، سېستىمىنى يۇيىۋېتىپ قايتا بىر قاچىلىسام يەنە قاچىلاندى، ماڭا مەكتۈپ ئەۋەتكۈچىنىڭ ئادېرسى Microsoft Customer Support ، مەن بۇ سېستىمىا دۇرۇس نۇسقىسىمۇ ياكى ئەمەسمۇ سەل گۇمان قىپ قالدىم . بۇنى قانداق ئايرىغىلى بولىدۇ ؟ ياردەم قىلساڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 15:36
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم! مەن ۋىندوۋىس 8 نى سېتىۋېلاي دېگەن، ئەگەر بىر كۈنلىرى كومپىيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ئالماشتۇرسام، ئۇ ۋاقتتا قايتا سېتىۋېلىشىم كېرەكمۇ ياكى مۇشۇ بىر نۇمۇر ئۆمۈرلۈك ئىشلەۋېرەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:35
  • ئېغىر كۆرمىسىڭىز ماڭغا شۇ توربەتلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەمسىز ؟ ۋاقتىڭىز بولسا چ چ ياكى ئىلخەت ئارقىلىق ماڭغا دەپ بەسىڭىز ياخشى بۇلاتتى . بۇ ماقالىڭىزنى سىزنىڭ نامىڭىزدا باشقا توربەتلەرگە يوللاپ قويسام بۇلامدۇ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بۇ خەۋەردىن خەۋەردار بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم .يەنە بىر ئىشى مەنمۇ مەنمۇ Windows 8 دىن سېتىۋالاي دىگەن ،بۇ توغرۇلۇقمۇ ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .چ چ 395619400 .
    ئىلخەت parhatnuri@yahoo.cn

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    سىز گە كۆپ رەھمەت ئالىم ئەھەت ئاكا !
    مەن بىكىتىمدە win8 نى تەشۋىق قىلغان ئىدىم لېكىن ئۇلىنىش ئادىرسى توغرا ئۇلاندىمۇ يوق بىلمىدىم
    شۇڭا قاراپ باققان بولسىڭىز
    توغرا بولغان بولسا مەيلى
    مەن قانداق قىلىپ Win8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالاليمەن
    ياردەم قىلغان بولسىڭىز
    ھازىر سىناق نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:14
  • شۇنداق قىپ پۈتۈنلەي پۇللۇق بوپ كەتتىما بۇ 8

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:59
  • مەن پەجەت چۈشرۈشنى بىلمەيمەن . ياردەم قېلساڭلا بوپتىكەن .
    QQ 137107999

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:24
  • تەشۋىقات ماتىرياللرى ۋە ئۇلىنىدىغان ئادىرسنى تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان ئاكا،ئاخشام ھەپىلىشىپ يۈرۈپ،
    ۋىندوۋس8 ئۈچۈن پۇل تۆلىدىم.
    ئېلخېتىمگە پۇل تۆلىگەن تالون ۋە 25 خانىلىك ئاچقۇچ كودى كەلدى.
    ئەمما توردىن چۈشۈرۈمەن دېسەم،چۈشۈرۈش تاماملانمىدى دەپ خەنسۇچە خەت چىقىپ چۈشكىلى ئۇنىمىدى.قايتا-قايتا سىنىساممۇ يەنىلام بولمىدى.
    بۇنىڭغا باشقىچە يول بارمىدۇ؟
    ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم SONY VGN-C12C لەپ-توپ ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى am 03:56
  • مەنمۇ سېتېۋالاي ، مەن قانداق پۇل تۆلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:00
  • ئىزدىنىش تورىدىكى «Win8 نى قاچىلىغانلارنىڭ تەجرىبىسى لازىم» دېگەن تېمىغا يېزىلغان ئىنكاس.
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost. … 36&Page=3#Inkas
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
    مەنمۇ ۋەتەن سىرتىدا «ئۇيغۇر تىلىم-ئانا ۋەتىنىم» دەپ يۈرگەن مۇھاجىرلاردىن بىرسى.ئالىم ئەھەد ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سوفت شىركتىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن ھەقىقەتەن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.
    ئەمدى كېلىپ 248 يۈئەنگە چىداپ بىر ئەسلى نۇسقىدىكى ئۇيغۇرچى ۋىندوۋس 8 سىستىمىسىنى ئېلىپ ئىشلىتىپ بۇلامماي،ئەمدى كېلىپ «تەپمە ھالال» قىلىپ،ھارام ئالغۇڭلار كەلمەي، ھالالنى تېخى يېگىڭلار كەلمەي مۇشۇنداق «تەپمە ھالال» ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ ۋىندوۋس 7 سېستىمىسنىڭ رەت نۇمۇرىنى خالىغانچە بىر-بىرىڭلارغا ئىبەرتىپ يۈرۈشسەڭلار،ھەتتا خېجىل بولماي ئالىم ئەھەد ئاكىمىزغا شۇنداق خەتەرلىك سۇئاللارنى سۇراپ،ئاكىمىزنىڭ ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ بىرەر يۇچۇق چىقىپ قالارمۇ؟ دەپ،ئۇ ئاكىمىزنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزسەڭلار بۇ ئىشنىڭ زىيىنىنى يەنە شۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۇمشاق دېتالدىكى سەركە شىركىتىدىكى ئۇيغۇرلار تارتىدىغان گەپ…
    ئالىمجان ئاكامغىمۇ ۋە باشقا «خالىس ياردەمچى» قېرىنداشلىرىمغىمۇ مەسلىھەتىم بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمىەڭلار،ئەگەر شۇلارنىڭ «تەپمە ھالال» قىلىش نىيىتىدە سورىغان سۇئاللارغا جاۋابىڭلاردىن يۇچۇق چىقىپ قالسا،بەلكىم بەزى مەسئۇلىيەتلەر ئۈزەڭلارغا كەپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئەمدى ما ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس8 نى سېتىۋالاي دەپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىم:
    ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن «كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟» دېگەن خالىس-ھالال نىيىتىڭلار ئۈچۈن 248 يۈئەننى ئىشلىتىپ ئېپ قۇيۇڭلار!
    ئۇنداق تەپمە ھالالنىڭ كويىدا يۈرمەي @yulhun قېرىندىشىمىزنىڭ دېگىنىدەك ئاقىبەتلەرگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن، بىر 5 تەخسە چوڭ تەخسە توخۇ قورىمىسى (داپەنجى) يەيدىغان پۇلىڭلىغا شۇ ھەقىقى ئورگان نەشرىدىكى ۋىندوۋس8 نى سېتىۋالساڭلار، مىكروسوفت بىلەن قىلىدىغان كېيىنكى لاھىيە ۋە تىجارەتلەرگە يول ئاچقان بۇلىسىز.
    ئەگەر يەنە شۇ «تەپمە ھالال»نىڭ كويىدا يۈرۈپ،خاتا ئىش قىپسالسىڭىز، مىكرو سوفت چۇقۇم ئۇيغۇر سوفتتىكىلەرگە «ما سىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس8 گە ئېھتىياجمۇ تۈزۈك يوقكەن،پايدا چىقىدىغاندەكمۇ ئەمەس،شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلدىكى تۈرلەرنى توختاتساق بولغۇدەك ئالىمجان مۇئەللىم» دېسە،
    ئالىمجان مۇئەللىم نېمە دە؟
    ھەرگىزمۇ « ماڭغا قاراڭ بىلگەيتىس، مەن شۇ ئۇيغۇرنى دەپ كېچە-كۈندۈز جاپا تارتىۋاتقىنىمنى بىر ئاللاھ ۋە بۇ تۈردە ئىشلىگەن ھەركەز بىلىدۇ، ئەمما ما ئۇيغۇر دېگەن خەق 5 تەخسە داپەنجىنىڭ پۇلىغا چىدىماي،بەزەن تەپمە ھالال ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس 8 گە ئېرىشىمەن دەپ ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللاندى،ھەتتا مەندىن بەزى سۇئاللارنىمۇ سۇراپ تۇرۇۋالدى،قۇلۇمنىڭ كېلىشىچە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ جاۋاپ بەردىم. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى بىزدە ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس 8 گە ئېھتىياج ئەشەددى كۆپ، ئەمما شۇ ئاچ نەپسىمىزدىن كېچەلمەيۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟!» دەپ جاۋاپ بەرمەس ھەرقاچان؟!
    قېرىندىشىم،مەنمۇ ھازىرلام بىرنى ئېلىۋېتىمەن 248 گە ، سىزمۇ چىداڭ. يېمىگەنگە ئەدەم ئۈلەپ قاممايدۇ،ئاللاھ تىجارىتىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت بەرسۇن!
    ھۆرمەت بىلەن
    ئەلنۇر024 يازدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:48
  • ياخشىمسىز ، ئالىم مۇئەللىم ، مەن بىرلەشمە-خەۋەرلىشىش ئىلىكتىرونلۇق سودا بۈلۈمىدىن بۇلىمەن، ئەمدى گەپكە كەلسەك، مەن ئۆزۈم مۇشۇ http://www.10010.com غا ۋە باشقا توردىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل، يېقىندا بىرلەشمە-خەۋەرلىشىش تور تىجارەتخانىسىدا نوكىيا 920 سېتىلماقچى، شۇ بىز بۇ يانفوننى سېتۋالغانلارغا windows8 نىڭ ئاچقۇچ كودىنى سوۋغا قىلىمىز ياكى ھەقسىز رەسمىي نەشىرىگە كۆتۇرۇپ بېرىمىز ، شۇڭا سىزدىن ياردەم سوراي دىگەن، ئاچقۇچ كودنى قەيەردىن ئېلىپ، نەردىن چۈشۈرسەك مىكروسوفىت تەرەپنىڭ سېتاستىكىلىشىغا ياردەم بۇلىدۇ؟ ھازىرمۇ 249 يۈەنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:39
  • سەزگۇر دىگەن دوستىمىز ماڭا بەك ياردەم قىلدى، ئۇ دوستۇمغا رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:59
  • مەنمۇ بىرنى سېتىۋالغانتىم، 64 بېتلىق نۇسخىسىنى قاچىلىغان، ئەمما مىكروسوفتنىڭ تور بېتىگە كىرەلمىدىم، تور زىيارەت قىلغۇچنىڭ 8- نەشرىگە كۇتۇروڭ دىگەندەك ئۇچۇر چىقۋالدى، يەنە بىرى ھېچ قايسى مۇنبەرگە تىزىملاتقان ئىسىم بىلەن كىرەلمىدىم، بۇ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بۇلۇدۇ؟ ئۇستازلاردىن سەمىمى ياردەم سۇريمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:50
  • ئەمما بۇ ئالامەت ئىش بولدى ، ئەمما يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ قىلغىنىمۇ ئالامەت ناچار ئىش بوپتۇ microsoft شىركىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يېزىقىمىزنى ھۆرمەتلەپ مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرسە ئەمدى بۇنى بۇزىمەن دەپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان ھەي .خاپا بولمىسىڭىز ئالىم بۇرادەر بۇ يازمىڭىزنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تارقاتسام .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:25