نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:

ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى تېخى چۈشۈمدە ئېنىق كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمدى بەزى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بۇ يەردە رەسمىي ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدىم، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىياللارنى پىدا كىتابخانىسىدىكى (ئۇيغۇرسوفتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى) مۇھەممەد توختى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوسمان (ئىزدىنىشتىكى ئۆردەك) ئاكاممۇ كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك بۇ خىزمەتكە 2 يىل 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىپتۇ. مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۆھپىسىدۇر.

بايا يەنە ئاكامدىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننى، ئارقىدىنلا Microsoft تتىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننىمۇ قوبۇل قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە يىغىن بار ئىكەن. ۋاقتىم چىقسىلا، بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
187 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەن چۈشۇردىغان يەرنى تاپالمىدىمغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:35
  • مۇبارەك بولسۇن !! مۇبارەك بولسۇن !!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى am 00:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۈگۈن 8نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالغانىدىم ،ئەمما ھەممە جەريانلىرى قاچىلىنىپ بولدى بىراق ئاخىرىدا 正在准备设备دەپ تۇرغىلى بەك100% ئۇزاق بولدى مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:22
  • ئالەم مۇشۇنداق ئالىملار بىلەن گۇزەل

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:21
  • ئالىم ئەھەت تاغا، جاپا چەكتىڭىز. ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى كۈچەپ قوغداۋاتىسىز. ئەجرىڭىز بىكار كەتمەيدۇ، بارلىق تورداشلارغا ۋاكالەتەن سىزدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم. بەزىلەر كۆڭلىدە ئۇيغۇرچە ئىشلەتمىسەك نىمە بۇپتۇ دەپ سەل قارايدۇ،! ھەر بىر مىللەتنىڭ يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا نېسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. يېزىق سوسلاشقان مىللەتنىڭ تىلى ئەلۋەتتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، تىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا مىللەت چىرىيدۇ، دىمەك ھەممىمىز بىرلىكتە تەشۋىق قىلىپ Windows8نىڭ تىل بولىقىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرەيلى. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئۆزىمىز سېتىۋالمىساق باشقا مىللەتلەرگە بۇ تىل بولىقى بىكىرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 00:37
  • مەنمۇ 248يۇەن خەجلەپلا ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالدىم . مىكروسوفتمۇ ماڭا ئاكتىپلاش نومۇرىى ئەۋەتىپ بولدى، شۇغۇنىسى نەچچە كۈن بولدى 248 يۇەن ئىناۋەت كارتامدىن چىقىم بولمىدى. ھەيران بولۇپ قالدىم . پۇل خەجلىمەيلا ئېرىشىۋالدىممۇ ياكى كىيىن تۇتۇپ قالارمۇ ؟ مەسلەھەت بەرسەڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:32
  • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! مىنىڭ ئۆيۈمدە تور يوق، كومپىيۇتېرىمغا Windows8نى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكۈم بار، قانداق سېتىۋالسام بولىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:24
    • ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل:
      مەكتەپ ئاۋانگارتلار تورىدىن(校园先锋) سېتىۋېلىڭ. 248 يۈەن ئەسلى باھا، 15 يۈەن ئېتىۋار كارتىسى، 10 يۈەنلىك iso دىسكىسى
      تەخمىنەن243 يۈەنگە ئالالايسىز.
      مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن توردىن چۈشۈرۈش كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرىمەن دىسىڭىز كومپىيوتېرنى ئامال قىلىپ تور بار يەرگە ئاپىرىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە ھەممە ياماقلىرىنى قاچىلىتىپ كەلسىڭىز بولىدۇ.(ئۇيغۇر كومپىيوتېر دۇكانلىرى بولسا مېنىڭچە ھەقسىز قىلىپ بېرىدۇ.)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:50
  • ئالىمكا، مۇشۇ Windows8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرنىڭ تىل- يېزىق تارىخىدا بىر مۇھىم ئىش، مۇشۇ توغرىسىدا بىر تەييارلىق كۆرۈپ قويساڭلار، بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارتىپ تېلېۋىزىيىدە قويۇلسا بولمامدۇ، شۇنچە چوڭ ئىش تېلېۋىزىيىگە چىقماي توردىلا دەپ قالساق بولماس.
    ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە بۇنىڭغا بىر ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى ئەلۋەتتە بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:22
    • بولىدۇ، Windows 8 نى ۋە Surface نى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان زىيارەت بولسا، مەن ۋاقىت چىقىرالايمەن. ئۇنداق بولماي قالسا، بەزى سوئاللارغا جاۋاب بەرسەم بولمايدۇ. چۈنكى كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى ئاشكارە دېسەم بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىننەت قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ قويارمەنمۇ دەپ ئەندىشەممۇ بار. ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى قىلچە داۋراڭ قىلغۇم يوق، بىزگە پەقەت ئەجرى بولسىلا بولدى. ھازىرچە پەقەت 13-دېكابىر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى «مەملىكەت خەۋەرلىرى»دە 3 مىنۇتلۇق خەۋەر قىلىندى. 20-مىنۇتتىن باشلاپ ئاڭلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:22
      • پروگرامما بۆلۈم مەسئۇلىغا تۈنۆگۈن ئېيقان ئىدىم، يېڭى يىل ئۆتۈپلا قىلىشقا ئاغزاكى قوشۇلدى. زىيارەت مەزمۇنىنى ئەلۋەتتە سىز دىيەلەيدىغان دائىرىنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلەشكە بولىدۇ. مەخپى ئەمەس ئىشلار كۆپقۇ، سىزنىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەنلىكىڭىز ۋە تىل بولاقنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، Win8 نىڭ ئېتىبار مەزگىلى مەخپىيەتلىك ئەمەس.
        ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ پەيدا بولغانلىقى بىلەن، تىل بولاقنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نىمە.. خەلققە تېلېۋىزىيىدىمۇ جاكارلاش لازىمغۇ، بۇنى تونۇشتۇرۇشقا سىز ئەڭ لايىق. داۋراڭ قىلغانلىق ئەمەس، يۇشۇرۇشقا بولمايدۇ، ھا..ھا..

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:17
  • مىنىڭ (پايپال) paypal ھىساباتىم بار ئىدى ، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسغا باغلانغان، ماۋۇ Windows 8 سىسىتىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېتىۋالدىغانلار بولسا ھەقسىز ئىشلىتىۋالساڭلار بولدۇ.
    لازىم بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلار: چ چ ۋە ئۈندىدار : 331496482

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:50
  • ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنى مۇبارەكلەيمەن مۇئەللىم،ئەجرىڭىزنىڭ مېۋىسىنى كۆردىڭىز ! تېخمۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئەھمىيىتىنى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىمىز. مۇبارەك بولسۇن!خەلقىمىزنى مۇبارەكلەيمەن ! ئانا تىل تەشۋىشىدە تۇرۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن بۇ زور خوشاللنارلىق نەتىجە ! بەكمۇ ھاياجانلىنۋاتمەن.ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىمگە بۇ تېمىنى تاللغىنىمغا پەخىرلىنمەن، ئاللاھ تېنىڭزنى سالامەت،ئىشلىرىڭىزنى تېخمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:34
    • مۇمكىن بولسا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىڭىزنى سېتىۋالساق بولاتتىكەن. پۈتكەندە ساتامسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:57
      • بۇنى ئاشكارە ئېلان قىلمايدىغانغا دېيىشكەن، ئۇنداق قىلماڭ. بولمىسا بىز ئىشىنىدىغان ئادەملەر تېخىمۇ ئازىلاپ كېتىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 21:40
  • تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەننى خوشال قىلدى. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆز تىلىمىزدا ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن بەزى بىر ئۇچۇرلارنى توغرا تەرجىمە قىلىپ چۈشۈنەلمەي قىينالغان. ئەمدى باشقىلارنىڭ ئەجىرى بىلەن بولسىمۇ ئۆز تىلىمىزدا ئشلىتەلىگەنلىكىمىزدىن بىر ئىشخانىدىكى 4 دانە كومپيۇتېرنى تۇلۇق ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكەنگە ھەممەيلەن مىڭلارچە رەھمەت ئېيتىمىز. ئېگەم قۇلۇڭلارغا دەرت بەرمىگەي

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:41
  • مۇبارەك بولسۇن !!! ھەقىقەتەن كاتتا بىر ئىش بوپتۇ …………
    خوشاللىقىمدا نىمە دىيىمنى بىللەلمەي قالدىم . رھمەت سىزگە ئالىم ئۇستازىم.
    ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن .
    ئاخىردا ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن .

    ____ مىللىتىمىز ئۈچۈن تىرشىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىز ياشىسۇن!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:38
  • بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەر ئۆز توربېتىنى تەكشۈرۈپ، ۋىندوۋس8 كە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى، ساختا نەشىردىكى ۋىندوۋس 8 نى تەشۋىق قىلغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن سىرت تەمىنلىگەن ھەر قانداق تېما ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى يۇيىۋېتىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىمەن! بەزەن بىلەرمەنلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇيغۇرنىڭ تور – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يولىنى توسۇپ قويمىسۇن، ھازىر مىكروسوفتنىڭ ئالاقىدار توختام نىزاملىرىغا خىلاپ ئىش قىلىپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ۋىندوۋس 8 تىن ۋىندوۋس 9 قا ئۆتەلمەيدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:45
  • بۇ خەۋەرنى تۈنۈگۈن تېخى ئۇقتۇم، window8 نىڭ سىناق نەشىرىنى خېلى بۇرۇنلا ئىشلىتىپ باققانتىم، مانا بۈگۈن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىتپتۇ، بۇ خەۋەرنى ئوقۇپلا… ئىشقىلىپ بىرخىل تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن، پەقەت ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەتلا دىدىم كۆڭلۈمدە، گەرچە ياتاقداشلىرىم بۇ جەھەتتە ساۋاتسىز بولسىمۇ مانا ئىككى كۈن بولدى ئۇچىرغانلا دوستلىرىمغا سۆزلەپ يۈرگىلى…رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم، خۇدايىم بۇيرۇسا سىزنى ئۆزەم ئىزدەپ بېرىپ رەھمىتىنى ئېيتىمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:31
  • ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلارغا ئالى ئېھتىرام !!! ئەمدى ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئېچىپ بەرگەن يولى بىلەن ئانا تىلىمىز ، جۇملىدىن مىللىتىنىز تېخىمۇ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۇسى !!! ياشناپكەت ئۇلۇغ ئانا تىلىم!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:29
    • مەنمۇ بەك ھاياجانلاندىم .قۇرۇق قاخشاشتىن كۆرە ھەقىيقىي ئەمەلىي تەرئاققۇزغانلارنىڭ ئەجىردىن مەڭگۈ پەخىرلىنمىز….. توغىرا !مىللىتىنىز تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۇسى !!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:44