نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.

نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟

ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.

نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟

مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.

يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر. قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلايلى.

يۇقىرىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر، شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.

ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
92 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئالىم مۇئەللىم، بىر گەپنى سورىۋالاي. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹تولدۇرغۇچى›› مەسلىسى بىرلىككە كەلدىمۇ؟ تولۇق 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ‹‹نى›› قوشۇمچىسى بىلەنلا كەلسە تولدۇرغۇچى دەيمىز(نىمە ئۈچۈن دېگەندە ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرتىلى كىتابتىمۇ، جۈملە بۆلىكى دېگەن مەزمۇندا، تولدرۇغۇچى توغۇرلۇق ئىلىنغان مىساللاردا ھەممسىدە پەقەت نى قوشۇمچىسىلا ئۇلانغان ،باشقا ئەھۋاللار قەتئى يوقتى)، باشقا ۋاقىتلاردا باشقا بۆلەكلەرگە تەۋە قىلىمىز. بۇ مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دەۋالغان گەپ ئەمەس،ھازىر مۇشۇ تولدۇرغۇچىنى ئايرىش مەسلىسىدە ئىختىلاپ بار. بۇ گەپ خاتا بولسىمۇ ھازىرچە مۇشۇنداق ئۆزلەشتۈرۈپ تۇرۇڭلار دېگەن ئىدى.كىيىن ئاشۇ مۇئەللىم يەنە نى قوشۇمچىسى بىلەن كەلمىسۇمۇ تولدۇرغۇچى بولىدىغان ئەھۋاللار بار، ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا زىيان تارتىپ قالماڭلار دەپ، شۇ چاغدا ناھايتى ياخشى سۆزلەپ بەرگەنتى. ماۋۇ تېىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ،سىزدىن مۇشۇنى سورىۋالاي دېگەنتىم.جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:45
  • مۇنداقچە بولغاندا ھازىرقى تىلىمىزدا ژ ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆزدىن ئاران 65 سۆز بارمۇ؟
    ناۋادا بۇ 65 سۆز ئىشىلتىشتىن قېلىپ قالسا ژ ھەرىپى يۇقاپ كىتەمدۇ؟ بۇ ھەرىپ دائىم ي ھەرپى بىلەن ئىپادىلنىپمۇ كىلدۇ، بەزىدە ژۇرنال ، بەزىدە يۇرنال مۇ دەپ يۇريمەن.يۇغان يۇغان قىزىل باشلىق ھۆججەتنى چۇشۇرۇپ قويغان بىلەن ئامما يەنلا نىمە قۇلاي بولسا شۇنى ئىشىلتىپ يۇرۇۋېردۇ.
    ھېلىمۇ بىزنىڭ خىمىيە،بىئولوگىيە،جۇغراپىيە…..يەنە نۇرغۇن كىتاپلىرمىزغا قارساق ئادەم يادلىۋالسىمۇ ئېسىدە تۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى دەپ چىقرىپ قۇيدۇ(كىتاپنىڭ ئاخىردا شۇنداق بىر قۇشۇمچە دەپ جاي بۇلدىغان ، شۇ يەردە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى دەپ بىر بەت بار ، شۇنچىلىك كۇلكىلىك ، ئېنگىلىزچە ئاھاڭ تەرجىمسىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ قۇيدۇ خالاس،خەخنىڭ بالسىنى ئادەمگە تېڭىپ).ناۋادا شۇ ئۇگەي بالىنى چىقرىۋەتسەك ، بىزگە ھەقىقى تەۋە بولدىغىنى قانچىلىك قالار، مۇشۇ تىل يېزىق كۇمتىدىكلەنىڭ ئېنگىزچە سەۋيىسى شۇنچىلىك يۇقرى ئىكەن ، قايىلمەن ..قايىلمەن.
    ھەي نىمانداق نەرسىلەرنى دەپ كەتتىم ، كەچرۇڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:14
  • بۇ پىكىر ئاساسلىق چېچەن كىرگۈزگۈچتىن ئىلھام ئېلىنىپ دىيىلدى ، مەسىلەن ياىشى (yfhxh) دەپ كىرگۈزگەندە 1.ياخشى 2.ياخشىچاق 3.ياخشىچاق دەپ چىققان بولسا بەك قولاي بولار ئىكەن ،shift نى جىق بېسىش ھەقىقەتەن قولايسىزكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:48
    • يۇقىرىدىكى 2.ياخشىچاق 3.ياخشىلار ئىدى .خاتا بېسىلىپ قېلىپتۇ . بۇ كىرگۈزگۈچ ئىملا خاتالىقىغا ئازدۇر كۆپتۇر يول قويغان ئوخشايدۇ .قاپتۇ دىسەم بىر تالاي چىقىرىپ بەردى ،قېلىپتۇ دىسەم ھېچنىمە يوق . پۈتۈن سۈرۈك بىر شىركەت تۇرۇپ …..

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:58
    • ياخشى پكىر قىلىپسىز قېرىندىشىم !! مەنمۇ مۇشۇ ئويدا !!!
      قاچانمۇ مۇشۇنداق كىرگۈزگۈچ چىقاركىن دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى !!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:35
  • مانا بۇ ئويۇن ئىچىدە ئۆگىنىش دېگەندەك،ئىلمىي تەتقىقاتتىكى قىزىقارلىق جەريان.بىر نەرسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن يېڭى كەشپىياتلار بارلىققا كېلىدۇ دەپ ماتىرىياللاردىن كۆرگەن ئىدىم.ئالىم مۇئەللىممۇ خۇددى ئېدىسۇن لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىش جەريانىدىكى ھەر بىر مەغلۇبىيەتنى يەنە بىر خىل مۇۋاپپىقىيەت دەپ قارىغاندەك،خۇشاللىق ئىچىدە ئىلگىرلەيدىكەن.مانا بۇ ياخشى بولغان روھى ھالەتنى ئۆزى يارىتىش دېمەكتۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:46
  • ئىسىمدە قىلىشىچە ئېلىپبەنى ئۈگەنگەن ۋاقتىمىزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى سوۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈرلىگەندە ڭ ھەرپىدىن باشقا بارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئارقىسىغا سوزۇق تاۋۇش قوشۇپ تۈرلەپتىكەن، مەسىلەن، نا، مە ،قۇ … دىگەندەك، ئەمما ڭا ھەرپىنى ئاڭ ، ئەڭ ، ئوڭ …قاتارلىق شەكىلدە تۈرلەپتىكەن، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم. ئەسلى ڭ ھەرپىدىن باشلىنىدىغان سۆز يوقكەن ئەمەسمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:45
  • ئسسالامۇ ئالەيكۇم ئالىم ئەھەد مۇئەللىم . ۋە بارلىق مۇنبەرداشلار ، ئانا تىلىمىزنىڭ مۇئەككىلى ئالىم ئەھەد مۇئەللىمنىڭ ئىلمى زىيادە بولسۇن كوز تەگمىسۇن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:42
  • ئالىم مۇئەللىم، مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر نەرسىنى سوراپ باقاي، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىدىكى shift نى بېسىپ چىقىرىدىغان ھەرپلەرنى( ژ ف گ خ ج ۆ ) shift نى باسماي كەلگەندىكى ھالىتىگە (د ا ە ى ق ك ) ئۆزگەرتىپ ئاندىن، سىزنىڭ ئىملا تەكشۈرىدىغان كوررىكتورىڭىز بىلەن تەكشۈرسەك، ئىملاسى توغرا دەپ چىقىرىپ بېرىدىغان سۆزلەرنىڭ نىسبىتى قانچىلىكتۇ؟ مەسىلەن ياخشى نى ئۆزگەرتسەك ياىشى بولىدۇ.
    مېنىڭچە بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچتە كۆپ ياردىمى بولىدۇ. يەنى يېڭىدىن shift نى بېسىش ھاجەتسىز كىرگۈزگۈچ ياساپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.(بايامقىدەك قىلساق ئىملاسى توغرا دەپ چىقىرىدىغان سۆز يوق بولغان ئەھۋالدا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:37
  • مۇئەللىم قارىغاندا لوغەت ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بۇلۇۋاتقان ئوخشايدۇ . يېڭى لوغەت بىلەن كورىكتور ئۇزۇنغا قالماي چىقىدىكەندە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:37
  • ھا.. ھا… قايسى ھەرپ چۈشۈپ قالدىكىن دەپ، لۇغەتلەرگە قاراپ كېتىپتىمەن تېخى.
    ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ سىستاستىكلارنى رەتلەپ ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلسىڭز بولمامدۇ؟ بۇ سان سىفىرلار بىر تەرەپتىن تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ئوبدان ماتېرىيال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىدا ئەمدى باشلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي پىسىخىكا تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن ياخشى مىسال ماتېرىيالى بولالايدۇ. بىز بۇلارنى تەتتىق قىلايلى دېسەك بىزدە بۇنداق ياخشى دېتال ۋە كۆپ ھەم توغرا خام ماتېرىيال يوق. بۇنداق ياخشى ماتېرىياللارنىڭ ئىلمىي ژۇرناللاردا چىققىنى ياخشى. كېيىن بىز ماقالە يېزىپ قالساق، بىۋاستە سىزنىڭ شۇ ماقالىڭزىدىن پايدىلانساقلا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:35
  • ‹‹ئا›› دىن باشلانغان سۆزلەر : ئاش ، ئالما ،ئانار ، ئايال ، ئاتامان ، ئاسايىش ، ئابدۇرەشىدخان .
    ‹‹ج ›› دىن باشلانغان سۆزلەر : جۇڭغار ، جاپا ، جاراھەت ، جاسۇس ، جاللات ، جىددىي .
    مىنىڭ توردىكى لەقىمىممۇ ‹‹ئا›› دىن باشلىنىدۇ ( چىشىمنى چىقىرىپ كۈلىۋاتىمەن )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:55
  • ھە راس ، مۇئەللىم ئاۋۇ جەدۋەلدىكى C,G,K قاتار نىمىنى ئپادىلەيدۇ، شۇ خېل ھەرىپتىن باشلانغان سۆزدىن شۇنچىسى بارلىغىنى ئىپادىلەمدۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:29
  • ۋاھ ، ئالىم مۇئەللىم تازا تەتقىق قىپسىزغۇ ، مەن ئۈزۇم ھېس قىلغان ئەڭ زور ئالاھىدىلىك بولسا تىلىمىزدا بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن كېيىن بىر سۇزۇق تاۋۇشنىڭ ئۇلىنىپ كىلىشى، مۇتلەق كۆپ ئەھۋالدا مۇشۇنداق بۇلدىكەن . ئېملا خاتالىق كۈرۈلدى دىگەندىمۇ كۈپىنچە ئەشۇ بىر ئۈزۈك تاۋۇشقا بىر سۇزۇق تاۋۇش(بەزىدە سۇزۇق تاۋۇشتىن باشلىندىغان ئەھۋالمۇ بار)قۇشۇلۇش قائىدسىگە بويسۇنمىغانلىقتىن بۇلدىكەن.
    بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارشىم ھە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:27
    • سىز مەكتەپتە ئۆگەنمىگەنمۇ؟ بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ قوشۇلىشىدىن بىر بوغۇم شەكىللىنىدۇ، لېكىن چەتتىن قوبۇل قىلىنغان كۆپ قىسىم سۆزلەر بۇنىڭ سىرتىدا، مەسىلەن:جۇڭخۇا. خۇا بوغۇمىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كەلگەن، بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:03
  • راس ڭ ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز يوقكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:15
  • توغرا.ڭ ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز يوق . بىزمۇ سىنىپتا سۆز ئويۇنى ئوينىساق مۇشۇنداق قىلىپ ئادەم چاندۇراتتۇق.
    راسىت ج ھەرىپى بىلەن باشلانغان يېقىمسىز سۆزلەر جىق ئىكەن جازانىخور،جايلاش،جالاق-جۇلۇق،جۆندەش …دىگەندەك
    .ئايەم،ئالەم .ئامەت .ئانار.ئاق، يەنە مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇشۇكۇر .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:02
  • ڭ دىن باشلانغان سۆز يوق ئۇيغۇر تىلىدا!
    توغرىمۇ يا؟
    قايسى كۈنى باللار بىلەن باغلىشىپ ئۇتتۇرىۋەتتىم.
    شەرتى مۇنداقتى،3مىنۇت ئىچىدە 32 ھەرىپنى يېزىش.مەن 31 نى يېزىپتىمەن،ڭ نىمۇ يازغان. كىيىن قارىسام مۇشۇ تەكرارلىققا بېرىپ تاقىلىدىكەن! تەكرارلىقى تۆۋەن بولغان سۆزلەر ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:19
باھا بېتى: 1 2 3 4