Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات
[ تاغدىن-باغدىن ]بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى 苏宁 ئېلېكتىرونى زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن Microsoft Surface RT نى سېتىۋالدىم، ئىچىگە Windows 8 RT قاچىلانغان.
Surface Windows RT نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سىغىمى 32GB، باھاسى 3688 يۈەن ئىكەن، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن قوشۇلۇپ 4488 يۈەن بولدى. ماۋۇ يەردە تەپسىلىي باھاسى بار، http://www.suning.com/emall/prd_10052_10051_-7_3315457_.html
ئىچىدىن قوشۇمچە يەنە بىر كىچىك چۈشەندۈرۈش قەغىزى (دەپتىرى دېسەك بولمىغۇدەك)، بىر دانە زەرەتلىگۈچ چىقتى. تىڭشىغۇچنى ئايرىم ئالىدىكەنمىز. قوزغىلىپلا، سىمسىز تورنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى ھەممىسى سىمسىز تور ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تورىغا ئۇلىدىم.
Microsoft ھېساباتىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم، ھەممە يېرى Windows 8 Pro بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، بۇنى تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخى رايىم بارمىدى، قېنى ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.
بىلوگىمغا ئۇلاپ باقتىم، ھېچقانداق خەت نۇسخىسى يوق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال، EOT ئىشلىتىلگەن بەتلەرمۇ شۇنداق نورمال، خۇددىي باشقا چوڭ كومپيۇتېردا كۆرگەندەكلا، كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىغا ئاپىرىپ بولغۇچە، جاققىدە قىلىپ ئۆزىگە چاپلايدىكەن، ئەمدى مانا خاتىرە كومپيۇتېرغا ئوخشاپ قالدى.
ئاستىدىكى Windows بەلگىسىنى باسسام، باشلاش ئېكرانىغا يۆتكىلىدىكەن. بۇ كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي Windows 8 Pro بىلەن ئوخشاش، تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخىمۇ رايىم بارمىدى.
كونترول تاختىسىغا كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇم. ھەمدە ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويدۇم.
ئۇ يەر، بۇ يەرگە كۆز يۈگۈرتسەم Microsoft Office 2013 مۇ قاچىلانغان ئىكەن.
قۇلۇپ ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇنى قايتا قوزغاتتىم.
قوزغالغاندا Surface دەپ چىقىدىكەن، بۇيەر ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ-دە. قوزغىلىش سۈرئىتى 8 سېكۇنت ئەمەس ئىكەن، ئەمما 10 نەچچە سېكۇنت ئىچىدە قوزغىلىپ بولىدىكەن. بۇنى ئاستا دېيىشكە بولمايدۇ.
Microsoft ھېساباتىم بويىچە تىزىملىتىپ كىردىم.
باشلاش ئېكرانىدىكى نۇرغۇن ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.
ھاۋا رايى ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچىنى كىرگۈزۈدۈم، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا ھەمزەنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى بەتتە ئۆرۈلمەي تۇرۇپ ھەمزەنى چىقىرىشقا بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنغان چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرساق بولار دېگەن يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى كۆرۈندى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا، ھاۋا رايىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.
خەۋەرلەر ئەپىنى قوزغاتسام، بۈگۈن ئېچىلغان 18-قۇرۇلتاينىڭ ئۇچۇرلىرى چىقتى. بىردەم ئۆگىنىش قىلدىم.
يەنە قايتا قوزغاتتىم، نېمە ئۈچۈن قوزغاتتىم ئېسىمدە يوق.
كىنو كۆرۈپ باقاي دەپ، سىن ئەپىنى ئاچتىم، لېكىن بۇ يەر نېمە دېگەن زېرىكىشلىك.
خەرىتە ئەپىنى ئاچتىم، بۇ خەرىتىنى Nokia شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، Microsoft سېتىۋاپتىكەن. ئەمما بۇ يەردە ئانچە-مۇنچە خاتالىقلار بار.
باشلاش ئېكرانىغا قارىسىڭىز، Office 2013 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرى قاچىلىنىپتۇ، بۇ رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق نورمال، Microsoft Uighur غا تەڭشەپ، بىر-ئىككى ئابزاس ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقتىم.
باشلاش ئېكرانىدىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر
Microsoft Excel 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ، ئىشلەتسىڭىز كۆنۈپلا قالىسىز. بەزىلەر يەنە 10 يىل بۇرۇنقى Office 2003 نى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.
Microsoft Word 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق يېنىك ئازادە.
==============
دەسلەپكى تەسىراتىم شۇ بولدىكى، گەرچە بۇ Windows RT (ARM قۇرۇلما ئاساسىدا ياسالغان) بولسىمۇ، ئېكران كۆرۈنۈشىدىن Windows 8 Pro بىلەن پەرقىنى تاپالمىدىم، پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، ئاساسىي پەرقى شۇكى، بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردىكى پىروگراممىلار ئىجرا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى،… ئەپلەرنى چوقۇم Microsoft دۇكىنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز. ھازىرچە 5000 دەك ئەپلەر بار. بەزىلەر ئاز دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئېلان قىلىنغىلى تېخى بىر-ئىككى ھەپتە بولدى. iPhone, iPad لەرمۇ يېڭى ئېلان قىلىنغاندا ئەپلەر ئاز ئىدى. ئەمما مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە بىرەر شىركەت تېخى Microsoft تەك كۆڭۈل بۆلگىنى يوق. ھېچقانداق قوشۇمچە بىرەر نەرسە قاچىلىمىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال. تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان، ھېلى ئۇ ھەرپ، ھېلى بۇ ھەرپ ئۇلاشمايدىغان ئىش يوق.
خۇلاسە تېخى تاماملانمىدى، بۇ تېخى بىر-ئىككى سائەتلىك دەسلەپكى تەسىراتتۇر، داۋامىنى مۇشۇ يەردە يېزىشىم مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,671 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:54
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش
تەڭشىيەلىدىم، ،مۇئەللىم، سىز دېگەندەك ئۇيغۇرچىنى ئۈستىگە يۆتكەپ ئاندىن 显示语言 نى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىش قىلىپ تەڭشىسەك بولىدىكەن،،،،
ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ تاپسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى شۇ. كېيىن ھەرگىزمۇ ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
كىرگۈزگۈچنى قاتىدىغان ئورۇندىن ئۇيغۇرچە يېزىقنى قېتىپ ئاندىن ئۇنى بىرىنجى ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ
ئالىم مۇئللىم، مەنمۇ pro نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان، ھەقىقىي نەشىرى،لېكىن سىز قىلغاندەك ئۇيغۇرچە قىلىدىغان يەرلىرىنى ھېچ كۆرمىدىم، مەن تېخى تىل بولىقى چىقققاندىن كېيىن شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئولتۇرۇپتىمەن، 11-رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن قانداق مەشخۇلات قىلىمىز تەلىم بەرگەن بولسىڭىز! رەھمەت
مەنمۇ بۈگۈن شاڭخەيدىكى苏宁 ئېلېكتىرونى زەنجىرسىمان دۇكىنىغا بېرىپ ،ئازراق مەشخۇلاتىنى قىلىپ بېقىپ شۇنداق ياخشى ھېس قىلدىم.گەرچە نەق پۇلغا ئالمىغان بولساممۇ.دۇكاندارغا «تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامۇ؟چۈنكى بۇ سېستىمىغا مېنىڭ ئانا تىلىم قېتىلغان دەپ پو ئېتىۋالدىم تېخى،دۇكاندار مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن،ئۆزىڭىز پۇل ساناپ ئالغاندىن كېيىن تىلىنى تەڭشەپ باقمامسىز دېدى››شۇنىڭ بىلەن ۋاقتىنچە قايتىپ تۇردۇم.ھازىرچە ئېلىش پىلانىم بولمىغاندىكىن.چۈنكى يېقىدا ئالغان خاتىرە كومپىيوتىرىم بار ئىدى ئەمەسمۇ.يەنىلا خاتىرە كومپىيوتىرىمغا ‹‹win8ئارغىماقى››نى قاچىلاپ مىنىپ تۇراي.
دەسلەپتە بۇ دۇكانغا كىرسەم قاراپمۇ قويمىدى، بېشىمدا قىشلىق تۇماق بار ئىدى، ئۈستى بېشىمغا بىر قاراپلا، قوي باقىدىغانلار بۇنداق نەرسىلەرنى ئالمايدۇ دېگەندەك كارى بولمىدى. ئەمما، ساتقۇچىلار مەن سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەي جىددىيلىشىپ كەتتى. كېيىن يەنە مەن ئۇيغۇرچە تەڭشەپ، باشلاش ئېكرانىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرسىتىپ، Microsoft Word 2013 نى قوزغىتىپ، Microsoft Uighur غا تەڭشەپ ئۇيغۇرچە خەت يازسام ھەيران قالدى. ھەممىسى ئەتراپىمغا ئۇلىشىپ قاپتۇ. مەن كەسپىي نۇسخىسىنى ئالىمەن دېسەم، تېخى مال كەلمىدى دەيدۇ. مەن يەنە بۇ سىلەرنىڭ قانداق دۇكان؟ كەسپىي نەشىرى نېمە ئۈچۈن يوق؟ مۇشۇنداق ئويۇنچۇق كومپيۇتېر بىلەن كىمنى ئالدىماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماقۇل بوپتۇ، بالام تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغاندا، ئانچە مۇنچە ئويناپ، Windows 8 گە كۆنگەچ تۇرسۇن دەپ سېتىۋالدىم، مەن ماڭاي دېسەم، ئۇيغۇرچە چىقىرىشنى يەنە بىر كۆرسىتىپ قويغىن دەپ، قايناقسۇ دەملەپ كېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويۇپ، يولۇمغا راۋان بولدۇم.
ئۈستى-بېشىڭىزغا قاراپ سىزنى «تاغلىق»لار دەپ ئويلاپ قاپتۇدە ئۇلار؟كاستىيۇم كىيىپ مۇزدەك قېتىپ كىرگەن بولسىڭىز بەلكىم تەزىم قىلار ئىدى سىزگە(چاقچاق)،بۇ يەرلەردىكى خېرىدارغا مۇلازىمەت دىگەن «ھاۋارايى»دەكلا جۇمۇ؟سىەلبىي خەۋەرلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئۇلارنىڭ.
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ كۈلۈپ-تېلىقىم كەتتىم…
ئالىمكامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشمۇ ھوزۇر جۇما لېكىن…
ھەجەپ ئاخسالىق قىلپسىز ھە مۇئەللىم!ھېى ھېى
ئاللاھ شۇ ئانا تىلىمىز بالدۇراق چىقسا بۇلاتتى….ھەجەپ كورگۇم كەلدى
ھاھاھاھاھ!!!!!
ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىمۇ خېلى نۇرغۇن ئۇيۇن پروگراممىلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ ھە.
سىزمۇ قايناقسۇغا ئالدىنىپ كېتىپسىز دە…
بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ سىز ياخشى دەپ قويسا، بىر كۈن كەچكىچە بىكارغا ئىشلەپ……
مۇشۇ ئادەتنىمۇ بىر ئۆزگەرتىپ باقساق دەيمەن…
چاينىمۇ ئىچسەك… بىكارغا ئىشلىمىسەك…
ھە راست، ئۇنتۇپ قاپتىمەن
بۇنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلوگىدىكى ئۇلىنىش ئادرېسىدىن ئالغان ئىدىم… كەلمەي قالسا، ئالىم مۇئەللىم پۇلۇمنى تۆلەپ بېرەرمۇ ھە… (چاقچاق)
تۆلىسەم تۆلەي، دۇرۇس نەشرىدىكى Windows قا ئىگە بولۇپ، دۇرۇس ئەمەس نەشرىدىن نېرى تۇراي دېسىڭىزلا. (چاقچاق)
مەنمۇ بۇنىڭدىن 10-ئاينىڭ 30-چىسلا بېيجىڭغا پۇل سېلىپ، بىرنى زاكاس قىلغان. تېخىچە كەلمەي قويدى…
بولمىسا، ئالىم مۇئەللىم بىلەن تەڭ بىلوگدىن ئوت چىقىرۋەتكەن بولاتتىم دە…
بۈگۈن ۋىن8نى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسام،تورغا ئۇلىسام،سېستىما ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىپ كەتتى.نەچچە قېتىم قايتىلىسام ئوخشاش!تورغا ئۇلانمايۋاتىدۇ!قانداق قىلسام بولار؟!
كۇنۇپكا تاختىسى نېمانچە قىممەت؟
شۇنداق، ماڭىمۇ بەك قىممەت تويۇلدى، 70 يۈەنگە Delux نىڭ نوچى سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى سېتىۋېلىشقا بولاتتى، ئۇنىڭ بىلكاندەك خۇرۇم قېپى يوق ئىكەن، مەھەللىمىزدىكى موزدوزغا خۇرۇم سومكا تىكتۈرەي دېسەم، ئۇنداق ئىشنى ھازىر قىلمايدىكەن، شۇڭا پەقەت قوغداش ياپقۇچى قىلىش ئۈچۈنلا سېتىۋالدىم، ئەمەلىيەتتە مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭغا قىلچە ھاجىتىم چۈشمىدى، كېيىن دوراپ ياسىغان خۇرۇم سومكىلار چوقۇم بازارغا چىقىدۇ، شۇ چاغدا مېنىڭچە ئۇنى سېتىلىش ئارتۇقچە. شۇڭا، سېتىۋېلىشنى ئويلاشقانلار ئۇنى ئالمىساڭلارمۇ بولغۇدەك
لىكىن مېنىڭچە بولغاندا بۇنەرسىنىڭ كونۇپكا تاختىسىمۇ بىر كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى . باشقا تاختىلاردا يوقتە . 3000كويغا چىدىغاندىن كىيىن بىرنى ئېلىپ قويسا ئەرزىيدۇ دەيمەن.
ئەگەر كۆپرەك تېكىست كىرگۈزۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا مېنىڭچە ئۆزىدىكى يۇمشاق كۇنۇپكىغا قارىغاندا ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى بەكرەك ئۈنۈمىنى كۆرسىتەرمىكىن دەيمەن.
مەنمۇ شۇنداق ئويدا،كۇنۇپكا تاختىسىغا ئالتۇن يالىتىپ قويدىمىكىن دىسەم رەسىمدە ھېچ ئۇنداق چاراي ئەمەس.نېمانچە قىممەت؟«جاققىدە چاپلىشىپ قالدى…»دىگەن سۆزگە قارىغاندا ماگىنىتى بار ئوخشايدۇ.(ھەجەپ قىممەت ماگىنىت ئىكەن-ھە!)
مىنىڭ ھەيران قالغىنىم ئۇنىڭدىكى ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۈرىنىدىكەنغۇ؟ مەن تېخى win8نىڭ تىل بۇلىقى چىققاندا ئاندىن ئەپلەر ۋە باشقا جايلار ئۇيغۇرچە كۈرىنىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئالىم مەلىم، بۈگۈن 2013 office چىقىپتۇ دەپ ، چۈشۈرۈپ قاچىلىسام، ئاكتىپلاڭ دەپ چىقۋالدى. قارىسام شۇنداق ئىسىل، ئىقدارلىرى بىر بىرىدىن قىلىشمىغۇدەك، شۇڭا قىزىقىپ قالدىم، باھاسى ۋە سېتۋىلىش دېگەندەك باشقا مەلۇمات بولسا بىر بىرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز. ئەمدى سىز بىلەن دىيىشىدىغان شەخسىي گەپلەر بار ئىدى، ئېلخەت لازىم بولاپ قالدى، قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟؟
ئۇنداقتا ھازىرچە uighursoft ئەلفا live.com غا خەت يېزىڭ.
بۇنىڭدا office 2013سەپلەنگەنمۇ ؟
مۇئەللىم قارىسام خەرىتىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە، ئاپتۇنۇ رايۇنىمىزلا ئىنگىلىزچە تۇرىدىغۇ، بۇ نىمىشتۇ ئەمدى؟
باھاسى سەل قىممەترەككەن، 2000 بىلەن 3000 نىڭ ئارىلىقىدا بولسا بىرنى ئالغىم بار ئىدى.
ھەقىقەتەن چىرايلىق نەرسە – دە بۇ ، بولۇپمۇ ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى تېخىمۇ كۆركەم، ئەمما مەن مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى مىكروسوفت ئالىم مۇئەللىمگە ئاتايىتەن سوۋغا قىلىدۇ، ئۆزى ئالمايدۇ، شۇڭا ئۆيىدە بۇنداق ئەسۋاپلار كۆپ دەپ ئويلىغانتىم، ئالدىنقى كۈنى ۋىندوۋس 8 دىن 3 نى ئالدىم دەپتىڭىز ھەيران قالغان، ئەمدى ئۆزەمنىڭ خاتا ئويلاپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاۋۇ بالمېر دېگەن سېمىز خېلىلا پىخسىقمۇ نېمە؟! ( :
ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا قىلىش ئېڭىنى چۈشەندۈرسەم، (يەنى ئۈزۈمگە شاپتۇل تېگىشەيلى دېسەم) پەقەت چۈشەنمىدى. ئەڭ ياخشىسى بىزمۇ ساڭا ئازىراق پۇل بېرەيلى، سەنمۇ ئاۋۇ پۇلغا ئازىراق مەھسۇلاتىمىزنى ئال دەيدىكەن. ئىش ھەققىڭگە مەھسۇلات بەرسەك ياخشى بولمايدۇ-دەيدۇ. ناۋادا ھېسامكامنىڭ يومۇرىنى دەپ بېرىدىغان بولسام، چۈشىنىپ بولالماي ھۇشىدىن كېتىدىغان ئوخشايدۇ. ھېسامكام دۇكان ئېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە، بىر بالا 1 يۈەنگە قېرىنداش ئېلىپتۇ، ئەمما، ھېسامكام قايتۇرىدىغان پارچە پۇلنى باھانە قىلىپ، 2 موچەنگە 5 تال كەمپۈت بېرىپتۇ-دېگەندەك يومۇرلار بولىدىغان ئىدى.
ھەي، ماۋۇ بالمېرنىڭ ماۋۇ قاقۋاشلىقنى، win – win قىلايلى دەپتۇدە، شۇنداق قىلىپ، ھېسامكامنىڭ يۇمۇرى مىكروسوفتقا ئاقماپتۇ، ئەمما ماۋۇ يۇمۇر بىزنىڭ قەشقەردە قەدەمدە بىر جۇما، بولاپمۇ يېقىنقى پۇلنىڭ ئەۋرە – چەۋرىلىرىنى نەچچە كوچا ئىزدەپمۇ تاپالمايدىغان زاماندا، ئالدىنقى يىلى كىتاپخانىغا كىرىپ بىر كىتاپ ئالسام، پىرگازچىك پۇلۇمنى قايتۇرغاندا 3 مو كەم بولۇپ قېلىپ تاپالماي، ماڭا سېغىز كەمپۈتتىن ئىككى بەردى، غەزەپ بىلەن چايناپ چىقىپ كەتكەنتىم، ھازىر ئاۋۇ يۇمۇرنى كۆرۈپ ئەسلەپ قالدىم، بولۇپتۇ مۇئەللىم، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن، سىزگىمۇ ئوبدان بولۇپتۇ، بىر ھېسابتا ( :
قېنى بۇنىڭ قانداق ئىقتىدارلىرى باركى،تىمىڭىزغا تەشنابىز.
بۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغانمۇ نىمە؟باشلىنىش يۇزىدە ئۇيغۇرچە خېلى كۆپ ئەپلەر تۇردۇ؟
ھازىر قانداق بىرنەرسە كۆرسەم ئاۋال ئۇيغۇرچە بارمۇ يوق؟ئۇيغۇرچە قوللامدۇ قوللىمامدۇ؟مۇشۇلارغا بەكرەك دىققەت قىلدىغان بوپ قالدىم.ئىشقىلقىپ كۆمپىيۇتېرنى ئاچساملا مۇشۇ بىلوگقا ئاۋال كۆز يۈگەرتېۋېتىمەن،قانداق خوش خەۋەرلەر باركىن دەپ.ھە راس ،ئالىم مۇئەللىم مىكرو سوفىتنىڭ يېڭىدىن چىقارغان سىكايپىدا ئارا يۇزى تىل تاللاش رايونىغا ئۇيغۇرچە قېتىلغاندىمۇ؟ئىلگىرى ئىشلەتكەن سىكايىپلارنىڭ تىل ھۆججىتىنى قوشۇپ ئاندىن ئۇيغۇرچە ئىشلىتەتتۇق،بولسا ئۆزىدىنلا تاللاپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزىگە ئەكەلگىلى بولسا نىمىدىگەن ياخشى.جاپا چەكتىڭىز،ھارمىغايسز!
ياق تېخى قاچىلانمىغان ھالىتى ئىكەن. سىز ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەك سەككىز ھەقىقى نۇسقىسى ھەمدە تورغا ئۇلانغان بولسىلا بۇ كۈرۈنۈش ئادەتتىكى ئىش.لىكىن ئويغۇرچە تىل بۇلىقى چىققاندا قانداق كۈرۈندۇ-بۇنى مەن بىلمەيمەن. ھازىر شۇ چىقىشنىلا (دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈش)كۈتۈپ ئولتۇردۇق.ھى ھى ..
مەن كۆزنەك سەككىزنى يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكىغا قاچىلىۋالغان،لېكىن ئاكتىپلاش ئىناۋەتسىز بولۇپ قالدى،خاتالىق كودى چىقىپ قالدى،مۇشۇنداق ئىشلىتىۋېرىدىغان ئوخشايمەن.