Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن 31-ئۆكتەبىرگە قەدەر، Windows 8 دە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئارايۈزى بولىقى 57 بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. Albanian
2. Arabic
3. Azerbaijani (Latin)
4. Basque
5. Bosnian (Latin)
6. Brazilian
7. Bulgarian
8. Catalan
9. Chinese Simplified
10. Chinese Traditional
11. Croatian
12. Czech
13. Danish
14. Dutch
15. English UK
16. Estonian
17. Finnish
18. French
19. Galician
20. Georgian
21. German
22. Greek
23. Hebrew
24. Hindi
25. Hungarian
26. Icelandic
27. Indonesian
28. Italian
29. Japanese
30. Kazakh
31. Korean
32. Latvian
33. Lithuanian
34. Macedonian
35. Malay
36. Malayalam
37. Norwegian
38. Norwegian (Nynorsk)
39. Persian
40. Polish
41. Portuguese European
42. Romanian
43. Russian
44. Serbian (Cyrillic Serbia)
45. Serbian (Latin Serbia)
46. Sinhala
47. Slovak
48. Slovenian
49. Spanish
50. Swedish
51. Telugu
52. Thai
53. Turkish
54. Ukrainian
55. Vietnamese
56. Welsh
57. Vietnamese
باشقا تىل ئارايۈزى بولىقى پەيدىنپەي ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىرچە دۇرۇس نەشرىدىكى Windows 8 گە قىزىقىۋاتقان بولساڭلار، تور ئارقىلىق 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، تور ئارقىلىق سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى نەشرى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ-دېسە، ئاندىن 248 يۈەن تاپشۇرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. بۇ باھانى ھەرگىزمۇ قىممەت دېگىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا، مۇشۇ 248 يۈەن بىلەن ئۇيغۇرچە Windows 8 نى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.
جۇڭگودا قاپلىق Windows 8 بازارغا سېلىنمايدىكەن، يېڭىدىن ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ياكى توردىن سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغۇچە، Windows 8 نى ئىشلىتىپ كۆنگەچ تۇرۇڭلار.
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,231 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:04
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
باھاسىنى ھەقىقەتەنمۇ قىممەت دېگىلى بولمايدۇ،لېكىن شۇ توردىن سېتىۋېلىش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىك بولىشى مومكىن،بولمىسا ئالىم مۇئەللىملا ھېچ بولمىغاندا شىنجاڭدا سېتىش ھوقۇقىنى ئېلىۋالسا بوپتىكەن.
تېمىنىڭ بىرىنچى قۇردىكى 31 – دىكابىر سۆزى خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ نېمە؟ ئەسلى ئۆكتەبىر بولۇشى كېرەكقۇ دەيمەن.
يەنە بىر ئىشنى بىلىۋالسام، ئۇنداقتا ئۇيغۇرسوفت ۋىندوۋس 8 نى پارچە ياكى باشقا خىل ئۇسۇلدا ساتمامدۇ؟ ئەگەر توردا ساتسا سىز ۋاكالەتچى بولالمايسىزغۇ دەيمەن؟ مەن سېستىمىنى سىزدىن ئالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەگەر شۇنداق بولسا ياخشى بولاتتى…
بولدى، مۇئەللىمنى ئالدىراتماي، ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىشىنى قىلاي، مەن ھازىر ئالمايمەن، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققۇچە ساقلايمەن!
تېخى چالىسى بار، مەن يەنە جىددىي ئىشلەۋاتىمەن. مېنى باشقا ئىشقا ئالدىراتماڭلار، سېتىش ئىشلىرىغا باشقا بۆلۈم، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە ئېچىش ئىشلىرىغا يەنە باشقا-باشقا بۆلۈم مەسئۇل. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىش تەرتىپى بويىچە قىلىدۇ ئىشلارنى
ئىشىلتىۋاتقان win7ھەقىقىي نەشىردىكىسى ئەمەسلەر win8نىڭ پۈتۈن باھاسى چىققىچە ساقلامىزمۇ ياكى ھازىرقى 248 يۈەن بىلەنلا win8نى ئىشلىتەرمىزمۇ؟win7رىم ھەقىقىسى بولمىغاچ 248يۈەن تۆلەپلا win8غا ئىرشىۋىلىشكە تازا كۆڭلۈم ئۇنىمايۋاتىدۇ.
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئورگان تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىرى بولىشى مۇمكىن. بوپتۇلا 30 يىل چىدىغانكەنمىز ئەمدى ئىككى ئايغا چىدىۋىتىلى ، دىمىسىمۇ ئارا يۈزدىدكى ئۆزگىرىشلەر كۆپ بولغاچقا ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بىر مەزگىل كۆنۈش باسقۇچى كىتىدىكەن. چۈنكى بىز ھەرقانچە كۆنەلمىسەكمۇ ئامالىمىز يوق. ئەتە-ئۆگۈن Windows 9 ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى 10 …. n قاتارلىقلاردىكى يېڭىلىقلار مەجبۇرى ھالدا بىزگە تېڭىلىدۇ. شۇڭا كومپيوتېرنى قۇرال قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلار ۋە ياكى كەسپى خادىملار بولسۇن ھەممەيلەننىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مالىم،مىنىڭ كومپىيوتېرىمدا 8دانە قاتتىق دېسسكا بار. بۇ چاغدا قانداق ئىنكاس بۇلا؟ سېستىما زادى قايسى قاتتىق دېسكامنى تۇنۇيدۇ ؟
ئەسىلامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم . نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغان نۇسخىسى ئوغرى نەشىرلىرىگىمۇ ئىشلەمدۇ ياكى ….. چغنكى مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ئوغرى نەشىرى ئىدى.
مۇئەللىم، بۇ سېستىمىدا ۋىرۇسخور بىللە كىلەمدۇ قانداق؟ لېكىن مەن ھېچ تاپالمىدىم. كۆزنەك 7 ۋاقتىدا microsoft security essential نى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىم، بۇ سېستىمىنى خېلى مالتىلاپ باقتىم چىقىدىغان چىراي ئەمەس. ئاۋارە قىلدىم ، رەخمەت
ناۋادا سىتىۋىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا قاتتىق دىسكە پۇتۇنلەي بۇزۇلۇپ كەتسە باشقە قەتتىق دىسكە سەپلىسەك بۇرۇنقى ئاچقۇچ ئارقىلىق يەنە قايتا قاچىلاشقا بولامدۇ
شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختىسى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، قاتتىق دىسكا…قاتارلىق ئاساسىي زاپچاسلىرى ئۆزگەرمىسە، ئەلۋەتتە شۇ ئاچقۇچ بىلەن قايتا-قايتا قاچىلاشقا بولىدۇ. بىر كومپيۇتېرغا بىر ئاچقۇچ.
ئاچقۇچنى باشقا يەردە ئىشلىتىۋاتقان بولمىسىڭىزلا چوقۇم بۇلىدۇ
سىتىۋالغاندىن كىيىن سىستىمىنى قايتا – قايتا قاچىلاشقە بولامدۇ
مەن بەزى يوللار ئارقىلىق ISOھۆججىتنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ، لىكىن ئاكتىپلىغلى بولمىدى ، ئاچقۇچ نۇمۇر سېتۋېلىپ ئاكتىپلىسىمۇ بولامدۇ ؟ ياكى سېستىما بىلەن بىللە سېتۋېلىش كېرەكمۇ ؟
مىنىڭ قاچىلىغىنىم كەسپىي نەشىرى
سېتىۋالسىڭىز، مەھسۇلات ئاچقۇچى (نومۇر) بېرىدۇ شۇ. نەشر ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى بىلەن سېتىۋېلىڭ.
مەن نەشىر ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى ئارقىلىق سېتىۋالغان ئىدىم. پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلىگەن ئىدىم، لېكىن 正在处理你的订单 دېگەن يەرگە كەلگەندە، 2 سائەت ساقلىساممۇ، بۇ يەردىن ئۆتمىدى. خەت ساندۇقىمغىمۇ ئۇچۇر كەلمىدى. پايپالغا قارىسام، 正处理 دەپلا تۇرىدۇ. بۇ نېمە ئىشتۇر؟
مەن ئىشلىتىۋاتىمەن ناھايتى ياخشىكەن ،بىراق surface بىرنى ئالماي كۈڭۈل ئارام تاپىدىغاندەك ئەمەس ،جۇڭگۇ نىڭ مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللىرىنى تىزراق 8 ماسلاشتۇرسا .
wp8 توغۇرلۇق ئازراقمۇ خەۋەر بەرمىدىڭىز ،wp7 ئىشلىتىدىغانلار ئاز ئىدى ،wp8 شۇنداق بولىدىغان چىغى.
ئارىمىزدا بۇرۇندىن ئوغرى نەشردىكى سېستىما ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار قانداق سېتىۋالالىشى مۇمكىن؟
ئالىم. ئاكا. قانداق قىلساق كوزنەك8. بىزمۇ. سېتىۋالايمىز؟؟؟؟؟؟
ھەي قاپلىق نەشىرى. بازارغا سېلىنمىسا قانداق قىلارمىز قانداق ئىشلىتىمىز. ئۇنى بەك بولمات قالسا شۇ توردىن گوس. نەشىرىنى ئىشلەتمەي ئامال يوقكەن