بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]7-8 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ سىستېما شىنجاڭدىكى بارلىق تارماق بانكىلاردا كەڭ ئىشلىتىلىپ، خېرىدارلارغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، كېيىن ئۇيغۇرسوفت يەنە يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسى، تېلېفون ئارقىلىق ھېسابات ئاغدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، بۇ ئۈسكۈنىلەر تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ۋە باشقا بانكىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرگەن ھەرقايسى بانكىلار بەس-بەستە ATM نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
بۇ ئىشنى تۇنجى قىلدۇرغان بانكا يەنى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى كەسپىي جەھەتتە باشقىلارغا داۋاملىق ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفتنى قايتا ئىزدەپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىلگىرىكى ھەمكارلىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقى، داۋاملىق ئۇيغۇرسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، تىجارەت زاللىرىدىكى باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرى ATM دىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ، مەخپىيەتلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرسوفتنىڭ تېخنىكا كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال توختام تۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق باشلىنىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-بېشىغىچە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئىشلىتىدىغان «ھېساب سۈرۈشتۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش»، «سۇغۇرتا سېتىش»، «روزغار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش»، «ھېسابات ئاغدۇرۇش، پۇل ئەۋەتىش» قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈردۇق (ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق)، يېڭى ئۈسكۈنىلەر ۋە يېڭى تېخنىكىلاردا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تولۇق ھەل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى داۋاملىق ئومۇملاشتى.
بۇ سىستېما پات يېقىندا يېڭىلىنىپ، كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پۇل ئالغاندا بولسۇن، پۇل ئەۋەتكەندە بولسۇن ياكى تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرۇشتا بولسۇن،… ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.
بۇ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ باشقا بانكىلاردىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت بۇ جەھەتتە باشقا بانكىلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار
ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزنىمۇ ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ بولالمىدۇق، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل 5-ئايدا خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توي قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قىز-يىگىتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسغا يەنى قىزىل قەغەزگە ئۆز يېزىقىدا ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ سىستېما ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشقان بولۇپ، ئىچكىردە توي قىلسىڭىزمۇ قىزىل قەغەزگە ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يازدۇرالايسىز. بۇنىمۇ ئايرىم تېما قىلىشىم مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,263 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:26
- ئالدىنقى يازما :Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نەشرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
تولىمۇ ياخشى بوپتۇ، ئالىم مۇئەللىم بۇ ئىشلاردە ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتىۋاتىسىز جۇمۇ…..
ئالىم مۇئەللىم ،ياشاپ كېتىڭ!سىز نوقۇل بىر سودىگەر ياكى ئاددىيلا تېخنىك خادىم ئەمەس،سىز ياكى بىزنىڭ ناخشا چولپىنىمىز ياكى ئېتوت چولپىنىمىز ئەمەس،لېكىن ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئاددىيغىنە ئىنسانسىز.بىردىنبىر تىلەيدىغىنىمىز: خۇشۋاق بولۇڭ،قىزغىنلىقىڭىزنى يوقىتىپ قويمىغايسىز!
مۇبارەك بولسۇن. قاتتىق سۈيۈندۈم.
ھەراست، قىزىل بايراق كومپيۇتېر بازىرى يېنىدىكى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ATM دا ئۇيغۇرچە بار ئىدى، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرچىنى كۆرمىدىم. چىقىرىۋەتتىمۇ ياكى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ۋاقىتلىق توختاتتىمۇ، بىلمىدىم. ئەتە ئۇيغۇرسوفتقا بارغاچ كۆرۈپ باقايچۇ.
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=50176#Inkas
مۇئەللىم بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ
بايا كۆردۈم، بۇ ئىشتا بىزنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى، يېزىقىنى ھەر بىر دەقىق، ھەر بىر كىچىك ئىشلاردا گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك…
ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجىرلىرىگە تەشەككۈر…
بانكا كارتىسى ئىشلەتكەندە بارلىق تورداشلارنىڭ ئالدىراپ كەتمەي، ئۇيغۇرچە دېگەننى تاللاپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلايلى….
ئالىم مۇئەللىم سىز ھەم ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەڭ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقان قېرىنداشلىرىمىز ھازىر بانكىلاردا مەشغۇلات قىلىشتا تىل قىينچىلىقى ھەم شۇ سەۋەبتىن بۇ ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىكتىن قۇتۇلدى شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ زامانىۋى ئاپراتتىكى ھوزۇرىنى قانماي سۈرۈۋاتىمىز . سىزگە ھەم شىركىتىڭىزدىكى جاپاكەش قېرىنداشلارغا كۆپتىن _ كۆپ تەشەككۇر !
ئاجايىپ ياخشى ئىشلارنىڭ شاھىدى بولغۇدەكمىز دە!
ئالىم مۇئەللىم، خۇشلىقىمدا ئاشۇ قوللىرىڭىزنى چىڭ سىقىپ،رەھمەت سىزگە دىگەن گەپنى تەكرار دىگۈم كېلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرچە،ھەي ئۇيغۇرچە، ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت دەپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولدۇڭ دە!
مەن بانىكغا كىرسەم ئىمىزانى ئۇيغۇرچە قويىمەن، بۇرۇن خەنزۇچە ياز دەپ تۇرۋالاتتى، مەن ئىمىزا تىلىنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قەستەن ئۇيغۇرچە قويسام، بانكا خادىمى جىلە بولۇپ كىتتەتتى، ھازىر مانا ئۆزلىرى ئۇيغۇرچە ئىمىزا قويوشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرچىنى كۆپرەك ئىشلەتسەك ئۆزىمىزگە پايدا !
بېيجىڭدىكى جۇڭگو بانكىسى تىل تاللاش تۈرىگە ئۇيغۇرچىنى قوشمىدىمۇ قانداق؟ مەن تىل تاللاش تۈرىدىن ئۇيغۇرچىنى ھېچ تاپالمىدىم……..
پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پەيدىنپەي قوشۇلىدۇ، ھېچبولمىغاندا خەلق پۇلدا يېزىقى بار مىللەتلەرنىڭ تىلى قوشۇلىدۇ.
بىزنىڭ مەكتەپتىكى جوڭگۇ بانكىسىنىڭ atm لىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرتىلى بار.
بىزنىڭ مەكتەپتىكى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى جۇڭگۇ بانكىسىنىڭ پۇل بەرگۈلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرچە تىل بار، سىز نەدە كۆرگەن بولغىيتتىڭىز؟
كوئىلون بانكىسى ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن!~~
ئالىمكا كوررېكتور سىستېمىسى يېڭى ئىملا بويىچە ئۆزگەرتىلدىمۇ؟ مەن بۇرۇن سېتىۋالغاننى يوقىتىپ قويدۇم. ئەمدى يېڭىدىن بىرنى ئالاي دېگەن، شەخسلەر نۇسخىسى نەچچە پۇل؟ ئىقتىدارى يېڭىلاندىمۇ؟ سۆزلۈك ئاشتىمۇ؟
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
تىرىشچانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئالىمكا . سىزنى مۇبراەكلەۇمەن . ئىشلىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن
ئۇيغۇرسوفتقا تەشەككۈر…………………. ئۇيغۇرسوفـتىكى بارلىق قېرىنداشلرىمغا سالامەتلىك تىلەيمەن…….
بولسا بىر ھەممە بانكا سىلنىڭ شىركەتنى ئىزدەپ پۈتۈن بانكىلارنىڭ سېستىمىسىدا ئۇيغۇرچە دىگەننى ئوينىتىۋەتسۇن ئۇلۇغ خۇدايىم،،8-چىسىلاغۇ دەيمەن،ئۈرۈمچى نەنزىگو ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ماشىنىسىدىن پۇل ئالغاندا ئۇيغۇرچە دىگەن تاللاش خېتى نورمال ئەمەسكەن،يەنى خەتلەر ئۈزۈلۈپ چىقىدىكەن،بىر قارىماققا قازاقچە ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،لىكىن تاللاپ ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىنكى ئەھۋال نورمالكەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ Unicode ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمىگەن، كەلگەن بولسىمۇ Windows XP نىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىدا بىر نەچچە ھەرپلەر ئۇلاشمايدىغان ئىش بولغاچقا، ئۆلچەمنى ئىشلەتمىسەك نورمال چىققان ئىدى تاكى بىرنەچچە يىل شۇنداق بولدى. كېيىن سىستېما يېڭىلىنىپ Windows XP SP2، كېيىن Windows 7 گە كۆچكەندە بولسا، ئىلگىرى نورمال كۆرۈنگەن ئۆلچەمسىز ھەرپ-بەلگىلەر ئىچىدە بىر نەچچىسى ئۇلانمايدىغان نورمالسىزلىق يۈز بەردى. يېقىندا كونا ئۈسكۈنىلەر ئەمەلدىن قېلىشى ياكى يېڭىدىن سەپلىنىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا بۇ ئىشلار بىراقلا يېڭىلىنىپ ھەل بولىدۇ.