Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟

1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)

پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
208 پارچە باھا يېزىلدى
  • 记得本-پۈتۇك،مەتبە
    画图-سىزغاق
    写字板-مەتبەتاختىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:50
  • ھەممەيلەننڭ گىپىنىڭ ئاساسى باركەن ،ئامال بولسا ‹‹تۇركي تىللار
    دىن قىلىشمايدۇ جۇما新华词典››دىۋانىغا ئىلتىجاھ قىلپباقساقچۇ ‹‹

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:43
  • 记事本– خاتىرەدەپتەر
    写字板–خەتكۈچ
    画图—رەسىم تاختىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:12
  • توغرا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:34
  • خاتالىقىم: زاماندا،بۇنى،دىگىنىمىز.
    قىستۇرما: ئۇبىر تاختا بولمىغاندىكىن پۈتسە ‹پۈتكۈ›لا،يازسا ‹يازغۇ›دىسەك شۇنداق قولايغۇ،خەخنىڭ چاپىنىنى قاچانغىچە كەيدۈرمىز،ئۇنداق ئەسكى چاپاننى سالدۇرىۋىتەيلى چۇ!
    رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:21
  • پۈتۈكچى يارلىقنى پۈتەتتى،پۈتكەن نەرسە ئەسلەش ئۈچۈن ھەم ھازىرقى زاماندن بۇ پۈتىدىغاشقا:(1)‹پۈتكۈ›دەيلى.
    ئەركىنرەك يازىدىغىنى(2)‹يازغۇ›بولمىسىنمۇ!
    قىمار مەنىسى قىمما غۇ؟بويايدىغانبولغاندىكىن(3)‹بويا&رەڭبە›دىسەك چۇ؟
    ھىساپلىغۇچ دىگىمىز كەلمىسە (4)‹چوت›لا دەيلى!
    رەخەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:05
  • توغرا دەيسىز، ئەرەبلەر ئۇنى «الرسام» (ئەلرەسسام يەنى رەسسام) دەپتۇ…

    ئەلرەسسام ئەمەس ئەرراسسام

    چۈنكى ل «ر» بولسا قۇياش ھەرىپى، شۇڭا ئالدىغا قوشۇلغان «ا »بىلەن «ل» دىكى ««ا» نى ئۇدۇللا «ر» غا ئۇرۇپ ئوقيمىز، «ر» ئۈستىدە تەشىدىد بار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:58
  • NotePad نى خاتىرە دەپتەر دەپ كەلدۇققۇ، مەن بەك ئامراق بۇنىڭغا، كۈندە دىگۈدەك ئىشلىتىپ تۇرىمەن.
    wordpad نى يېزىق تاختىسى دەپ ئېلىۋاتىمىز، يېقىملىقراق بولسا ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ.
    Paint رەسىم تاختىسى دەۋاتقان ئىدۇق.

    مەن يېڭىدىن سىستېما قاچىلىسام، دائىم بۇ ئۈچىسىنى باشلاش تىزىملىكىگە سۆرەپ چىقىرىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:16
  • ئىشنى قىلىپ مۇشۇ Windows نىڭ تەرجىمە خىزمىتى ئۇيغۇرسوفتقا يەنى ئالىم ئەھەتكە يۈكلەنگىنىدىن مەن بەكمۇ مەمنۇن.
    ئالىمكام بۇ ئاتالغۇلارنىىڭ ھەر بىرىنى چوڭىنى چوڭ كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ دېمەي، كىچىكىنى كىچىك قانچىلىك نىمىتى بۇ دېمەي، ھەر بىر ئاتالغۇغا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، كۆپ ئويلىنىپ، ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىككە كېلەلمىسە تور مۇنازىرىسىگە تاشلاپ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ بەك ياخشى قىلىۋاتىدۇ.

    بۇنىڭغا ئەلۋەتتە مىللەتكە، كومپيۇتېرغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۈرتكە بولغان.

    ئىشىنىمەنكى تور مۇنازىرىسىگە قويۇلمىغان ئاتالغۇلارمۇ ئاللا خالىسا چۇقۇم ئادەمنى رازى قىلغۇدەك ياخشى چىققاندۇ.

    ئەگەردە بۇ خىزمەت باشقا بىر «تەرجىمانلار» نىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغانلار بولسا، چوقۇمكى ئالىمكامنىڭ قولىدىن چىققاندەك بۇنداق سىپتا ۋە قاراتمىلىق ۋە جەلىبكار چىقمىغان بولاتتى. ئۇ چاغدا شەخسەن مەنمۇ Windows8 نى ئالغان بىلەنمۇ تىلىنى باشقا تىللارغا تەڭشەپ ئىشلىتىشىم مۇمكىن ئىدى. (ناچار، قاملاشمىغان تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلار گەرچە ئۇيغۇرچە بولغان تەقدىردىمۇ، ھەر قېتىم بۇ ئاتالغۇلارغا يولۇقسىڭىز بىر قىسما قالىدىكەنسىز. )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 17:35
  • دوستۇم سادىق.
    ئىنكاسلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇماپتىمەن،كەچۈرۈڭ.
    يازمىڭىزنى كۆرگەن بولسام يوللىماستىم.
    شۇنداقتىمۇ ئوخشاش پىكىردە بولغىنىمىزدىن سۆيۈندۈم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:25
  • ئەسسالام تورداشلار، خىزمىتىڭلاردىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم.
    خىزمىتىڭلار تىلمىزنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن بىر تۆھپە.
    شۇنداق ئىكەن تەرجىمە ۋە تۈرلەنگەن سۆزلەردە ئامال بار
    ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن كىرگەن ئەمەس ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر ئىشلىتىلسە دىگەن ئۈمۈتتەمەن.
    مەسلەن خاتىرە ئەرەپچە سۆزلۈك ئىكەن،ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىن ۋە ئەپلىك سۆز ئۇيغۇرچىدا توپلام دەپ ئىلىنسا كىرەك.
    note pad=توپلام
    paint=سىزغۇ
    دىسەك قانداق بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:21
  • «سىزغۇ »دەيلىچۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:07
  • مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ. مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي:
    记事本 نى توپلام
    写字板 نى بەت
    画图 画图 نى سىزغۇ دېسەك قاندااق بولا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:12
  • Paint نى رەسىم دوسكىسى ياكى رەسىم تاختا دېسەكچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:48
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ تەھلىللەرنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم ، قانداقلىكىن بولمىدۇن نۇرغۇن دوستلار ئىزدىنىپ بېقىپتۇ ،لىكىن مەن ئارىدىكى بىر پىكىرنى بەك قوللايمەن يەنى قانداقلىكىن بولمىسۇن ئاسان بولىدىكەن دەپ بەك قىسقا چۈشۈنۈكسىز ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىسەك قانداقلا بولمىسۇن چۈشۈنۈشلۈك بولسىلا بىز قوللىنىۋېرىمىز ئەمەسمۇ ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:41