ئۇيغۇر تىل-يېزىقى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى | بارلىق يازمىلار - 2-بەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى
deris1
9 پارچە باھا يېزىلدى
3,612 قېتىم كۆرۈلدى

ICTEF4 يىغىنى ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ.

تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئۇچۇر-ئالاقە مۇتەخەسىسلەر يىغىنى ئالىم ئەھەت تېڭشۈن دەرسخانىسىدا بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ. ئاڭلاش ئۇسۇلى: تور كۆرگۈچكە alim.ke.qq.com نى كىرگۈزۈپ، ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىنى ئېچىڭ. 常用维吾尔文软件的使用 (دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن دەرسنى تاللاڭ بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككىنچى بابنى تاللاڭ، تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ يىراقتىكىلەرنىڭ ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما بۇ سىناق بولغاچقا ھەرخىل ئېھتىماللىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. توغرا چۈشىنىڭ. يېقىندىكىلەر……
تولۇق تېكىستى
Uighursoft_ALIMAHAT
19 پارچە باھا يېزىلدى
4,369 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى يېڭىلاندى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىگە تىلكوم قېلىپلاشتۇرۇپ ئېلان قىلغان 37 تۈردىن جەمئىي 20 مىڭغا يېقىن ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلار قوشۇلدى، سىز ئوخشاشلا www.udict.cn دىنمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى ئىزدىيەلەيسىز. قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (1) قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (2) قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (3) «2013-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» دىكى بىر قىسىم يېڭى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار مەركەزنىڭ ئىككى يىغىنىدىكى يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇلار ۋە بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ب……
تولۇق تېكىستى
alim
83 پارچە باھا يېزىلدى
8,551 قېتىم كۆرۈلدى

ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا رەسمىي دەرس باشلاندى

ئالىم ئەھەت بىلوگى خەۋىرى(www.../) : ئۇيغۇر تىل-يېزىقى كومپيۇتېر، يان تېلېفون ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىدا بىمالال قوللىنىشقا ئېرىشكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا ئۇچۇر-تېخنىكا قىزغىنلىقى قايتىدىن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىغا جۈملىدىن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تېلېفون ئەپلىرىگە بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشماقتا. نۇرغۇن ياشلىرىمىز بۇ ساھەگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرمەكچى بولسىمۇ، ئەمما قەيەردىن، قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىر ئالىي مە……
تولۇق تېكىستى
36 پارچە باھا يېزىلدى
9,107 قېتىم كۆرۈلدى

Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى

Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلى……
تولۇق تېكىستى
Win10-09-small
68 پارچە باھا يېزىلدى
9,726 قېتىم كۆرۈلدى

Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ چىقىدۇ

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈچ سۇپا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا يەنە «كىنو-تېلېۋىزىيە»، «Groove ناخشا-مۇزىكا»، XBox قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئەپلەرمۇ قوشۇلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ تەڭ تاماملاندى، تۆۋەندىكىسى ئەڭ يېڭى ئىچكى سىناق نەشرىدىن ئېلىنغان سۈرەت بولۇپ، بەزى خاتالىقلار جىددىي تۈزىتىلىۋاتىدۇ... (1) ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش ……
تولۇق تېكىستى
tuz
48 پارچە باھا يېزىلدى
8,677 قېتىم كۆرۈلدى

ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى

ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىنغاندىن بىرنەچچە كۈندىن بۇيان تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولماقتا، ئۈندىدار دۇكاندىن سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە ۋە ياخشى ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە، بىزنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا رەھمەت. مۇشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلار يەنە 10 يىل سوۋۇپ قالغۇچە دەپ تۈز خەت نۇسخىسى ۋە ئېلىپبە خەت نۇسخىسىنى ياساپ باقتىم. پىلانىمدا يەنە بالىلار ئۈچۈن گىرۋەكلىرى يوق، ھەممە تەرەپلىرىنىڭ قەلەم توملۇقى ئوخشاش خەت نۇسخىسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قولىدا يېزىلغا سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى ياساش……
تولۇق تېكىستى
alkatip59
199 پارچە باھا يېزىلدى
21,223 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ ھەقسىز ۋە شەخسلەر نەشرى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (دۈشەنبە) ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى. تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۈندىدار دۇكىنىمىزنى زىيارەت قىلىڭ. ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 دىكى يېڭىلىقلار (1) يېڭىدىن ئىككى خەت نۇسخىسى قوشۇلدى، نامى ALKATIP Alim ۋە ALKATIP Osmaniy. ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق خەت نۇسخىلىرىدىكى قازاقچە ھەمزەنىڭ كودى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە U+0674 غا ئۆزگەرتىلدى، قىرغىزچە «ﯠ» ھەرپنىڭ ئاستى قىسمى بىرخىللاشتۇرۇلۇپ……
تولۇق تېكىستى
alim
55 پارچە باھا يېزىلدى
9,134 قېتىم كۆرۈلدى

ئەلكاتىپ يېڭى خەت نۇسخىسى ALKATIP Alim

ئويلاپ باقسام 20 يىلنىڭ ئالدىدىلا خەت ياساپ يۈرۈپتىمەن، مانا ئەمدى خاتىرە بولۇپ قالسۇن دەپ ئۆزەمنىڭ قوليازمىسىنى خەت نۇسخىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەلكاتىپ ئالىم ALKATIP Alim دەپ ئاتاپ تۇردۇم، كومپيۇتېردا بەك چىرايلىق خەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىڭلار، ئەمدى بولسىمۇ مېنىڭ سەت قوليازمامنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار. ئەمما بۇ خەت نۇسخىسىدا بىرەر پۇل ھۆججىتىنى تەييارلاپ ئالىم ئەھەت دەپ بېسىپ چىقارساڭلار، شىركىتىمدىكى خادىملار بىلەلمەي، پۇلۇڭلارنى بېرىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار. ……
تولۇق تېكىستى
font_title
65 پارچە باھا يېزىلدى
10,650 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرچە يېڭى خەت نۇسخىسى – ئوسمانىيە (ALKATIP Osmaniy)

بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تازا ئەۋجىگە چىققان ئىدى. 2005-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يەرلىك ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا ئەلكاتىپنىڭ بارلىق خەت نۇسخلىرىنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن كود ئۆلچىمى بويىچە قايتا ئۆزگەرتىپ ھەقسىز تارقاتقاندىن بۇيان، ئەمدى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىماسمەن، بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشماسمەن دەپ كىچىك بالىدەك يامانلا……
تولۇق تېكىستى
Windows-10-alla-enheter-1
84 پارچە باھا يېزىلدى
11,451 قېتىم كۆرۈلدى

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. (1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى (2) Bing ئىزدەش ماتورى (3) XBox ئويۇن سۇپىسى (4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى) ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بول……
تولۇق تېكىستى
cat_tewsiye
362 پارچە باھا يېزىلدى
55,344 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» دېتالىمىز تارقىتىلغان ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەھسۇلاتىمىز «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) بارلىققا كېلىپ، تارقىتىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.   چۈشۈرۈش تور بېكىتى: http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT سىغىمى: 2.87 مېگابايت تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈر……
تولۇق تېكىستى
4
90 پارچە باھا يېزىلدى
11,843 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى بۈگۈن تۇخۇمىدىن چىقتى

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن تۇخۇمىدىن چىقتى، ھازىرقى نەشرى نومۇرى: 0.0.0.0 بولۇپ، بۇ دېتالىمىزنىڭ شۇئارى «بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش بىر جۈملىنى قايتا تەرجىمە قىلمايسىز، تەرجىمانلار جاپا چەكتىڭلار». ئىشلەش پىرىنسىپى مۇنداق: تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى بۇ دېتالغا چاپلىسىڭىز، ئۇنى جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، جۈملىدىكى مۇھىم سىياسىي ئاتالغۇ، رەھبەرلەرنىڭ ئىسمى، جۇغراپىيەلىك يەر-جاي ناملىرى، پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى،...قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك بايقاپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك تەرج……
تولۇق تېكىستى