-
2010-10-13ئۇيغۇرچە Windows XP چۈشۈرىۋېلىڭ(3XP) - [قىزىقارلىق]
بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزىمەتلەر 6 ئاي جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرچە Windows XP نىڭ 1.1 نەشرى بولۇپ، قاچىلىغاندا خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە،(Eng) ئۇيغۇرچە (Uyghur ) ئۈچ خىل تىلدا ئالماشتۇرۇپ تاللاپ ئشىلەتكىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇر (Uyghur) خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان .
بۇ ئەينى ۋاقىتتا تەمىنلەنگەن ISO ھۆججەت بولۇپ، ھۆججەتكە نىسبەتەن ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىغان . بوشلۇق ISO ھۆججەتنى بىۋاستە چىقىرىشنى بىۋاستە قوللىمىغانلىقتىن يېنىڭ دەرىجىدە rar ھالەتتە پىرىسلىنىپ بوشلۇققا چىقىرىلدى، چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېزىپ ئىچىدىكى ISO ھۆججەتنى ئوپتىك دېسكىغا ئۇيۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قوراللىرى ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .
نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق تورداشلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئار-ئارقىدىن كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن يەنە قايتا بوشلۇققا چىقىرىلدى .
بۇنى ھەر قانداق ۋاقىتتا سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە، پۇلغا سېتىشقا بولمايدۇ .
بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە تور بېكىتىمىز ياكى تەرجىمە قىلغۇچىلار مەسئۇل بولالمايدۇ .ئەتىگەندىن بۇيان خاتىرە كومپيۇتېرىمنى 10 سائەت ئوچۇق قۇيۇپ ئاران يوللاپ بولدۇم مۇقىم تور بوشلۇقىغا .
ئۇيغۇرچە Windows XP ھۆججىتىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 666 مىگابايت بولۇپ بىرلا ھۆججەت.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:Uyghurche-XP1.1
收藏到:Del.icio.us