• 2010-10-01سەرگەردان قىز خارۋارد ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى

    ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خارۋارد ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى لىز ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى 《Breaking Nights》نى چىقارغاندىن كېيىن، «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» گە تېزدىنلا ئېلان قىلىنغان. گەرچە خارۋارد ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاز بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قىزنىڭ ئەھۋالى سەل ئالاھىدەرەك بولغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاق چېكىدىغان بولۇپ، 16 ياشقىچە سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىزنىڭ بۇ خىلدىكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
    29 ياشقا كىرگەن لىز نىيۇيوركلۇق بولۇپ، ئۇ ئېسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى زەھەر چېكىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن. مەكتەپتە لىزنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۇنى مەينەت، پاسكىنا، دەپ مازاق قىلغان. دىمىسىمۇ دائىم ئۆزىگە ئوكۇل سېلىش بىلەن بولۇپ كەتكەن لىزنىڭ ئاپىسى قىزى بىلەن پەقەتلا كارى بولمىغان.  تۇرمۇشنىڭ ئېغىر كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن لىز 15 ياشتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ھەدىسى باشقا دوستىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
    لىز ئامالسىز سىرتلاردا كۈن كەچۈرگەن. بۇ كۈنلەردە ئۇنى ھەتتا سىرتتىكى سەرگەردان بالىلارمۇ بوزەك قىلغان. ئاتا-ئانىسىنى ھەرگىز دورىماسلىققا بەل باغلىغان بۇ قىز ئاخىرى قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، كەچلىك مەكتەپتە 2 يىل ئوقۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 2000-يىلى «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تارقاتقان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، خارۋارد ئونۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2006-يىلى ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان بولۇپ، لىز 2009-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانتلىقتا داۋاملىق ئوقۇغان. مۇشۇ يېقىندا چىققان قەيسەر قىز لىزنىڭ 《Breaking Nights》 ناملىق تەرجىمىھالىدىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى پۈتۈن ئامېرىكىغا تېزلا پۇر كەتكەن.


    收藏到:Del.icio.us