• 2010-09-25دۇنيا بويىچە ئەڭ قېرى قوشكېزەكلەر 98 ياشقا كىردى

    رايموند (سولدا) لۇشىئان 98 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلىمەكتە

     


    فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە سانت جورج.د.دىدوئىن شەھىرىدىكى قوشكېزەك ئاچا سىڭىل رايموند بىلەن لۇشىئان ۋالتېر رايدېر 23-سېنتەبىر ناھايىتى خۇشال-خوراملىق ئىچىدە 98 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلار دۇنيا جىنىس رىكورتى باش بۆلىمىنىڭ رەسمى تۈردە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ قوشكېزەكلەر» دەپ ئاتالدى.
    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لۇشىئان رايموندتىن 10 مىنۇت كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دادىسى ئەسلىدە بىر جەڭچى ئىكەن. كىچىكىدىن تارتىپ ئۇلانى نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىيالمايدىغان بولۇپ، كېيىن رايموند مۇتەخەسىسكە ئايلىنىپ، فىرانسىيەدە يادرو ئېنىرگىيەسى كوممىتېتىدا خىزمەت قىلغان. بىراق لۇشىئان ناھايىتى ئاددى تۇرمۇشنى تاللىغان بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئائىلە ئايالى بولۇپ ئۆتكەن. رايموند 1934-يىلى توي قىلىپ، يولدىشى بىلەن ناھايىتى ئىناق، ياخشى ئۆتكەن. بىراق ئۇلار توي قىلىپ 50 يىل بولغاندا يولدىشى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.
    لۇشىئان بولسا 1942-يىلى توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆمرىدە 3 قېتىم توي قىلغان. نۆۋەتتە بۇ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ئىككىلىسىلا تۇل ئايالغا ئايلىنىپ، بالا ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىرگە ئۆتۈپ كەلگەن.
    بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل زىيارەنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىدىكى سەۋەپ «تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈش» نى بىلگىنىمىزدە، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشنىمۇ قولدىن بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بۇ ئاچا-سىڭىل ئىككىلىسىلا فىرانسىيە گىمناستىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقان.


    收藏到:Del.icio.us