ئىسمى: چوڭ مۇستەبىت
خەنزۇچە ئىسمى: 大独裁者
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: كومىدىيەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە، گىرمانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە
فورماتى: RMVB
ۋاقتى: 1940-10-15
رازمېرى: 720×960
سىغىمى: 806mb
ئۇزۇنلىقى: 125
باش رولچىلار: چارلىز چاپلىن ۋە باشقىلار
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: دۇنيا كومىدىيە پىشۋاسى چارلىز چاپلىننىڭ ئەسىرى
بۇ فىلىمنىڭ پارىڭى ئۆتكەندە توپتا بىر چىققان ئىدى، توردىن ئىزدەپ 6Gلىق نۇسخىسى بىلەن خېتى تېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن تەرجىمىسىنى باشلىدىم. بۈگۈن تەرجىمىسى تاماملىنىپ، تەھرىرلەش باسقۇچىغا چۈشتۈم. پات ئارىدا دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
فىلىمدە چاپلىن ئىككى ئوبرازنىڭ رولىنى ئورۇندايدۇ، بىرى يەھۇدى ساتىراچ يەنە بىرى بولسا Tomainiaنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى ھېكلىر (گېتلىر دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدىكەن، ناتسىسلارنىڭ بەلگىسى، بايرىقى، دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى پۈتۈنلەي كومىدىيەلەشتۈرۈپ ئېلىنىپتۇ). ساتىراچ بېشىدا 1-دۇنيا ئۇرىشىغا قاتنىشىپ بىر قومانداننى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ، كېيىن شۇ قومانداننىڭ ياردىمىدە دار ئاستىدىن قۇتۇلىدۇ، ھېكلىر بىرقېتىم ئوۋغا چىققىنىدا ھېلىقى يەھۇدىي ساتىراچنى تونۇيدىغان ژاندارمىلار (ھەربىينىڭ بىر تۈرى، شەھەردە تۇرىدىغان، ئامانلىقنى ساقلايدىغانلارنى ژاندارما دەيدىكەنمىز) ھېكلىرنى ساتىراچ دەپ قاراپ ئۇنى تۇتۇپ كېتىدۇ، ساتىراچ ئۇستام بولسا ھېكلىرنىڭ ئورنىدا فىئورىر بولىدۇ.
![]()
![]()
![]()
![]()
qvod://845527685|A58F506070C2477213ABF82C97A24107D378433A|Chong Mustebit.AkBurkut.Com.rmvb| |