يەنە بار
خەنزۇچە ئىسمى: 赛德克·巴莱(下)彩虹桥
چەتئەلچە ئىسمى: Seediq Bale
دۆلىتى: جۇڭگو تەيۋەن
تۈرى: ۋەقەلىك
ۋاقتى: 2011-09-09
تىلى:: ياپونچە، سەدىقچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: QMV
سىغىمى: 810mb
رازمېرى: 546×1280
رېژىسسور: ۋېي دېشىڭ 魏德圣 Te-Sheng Wei
سىنارىست: 魏德圣
روللاردا:
林庆台
مونا(ئوتتۇرا ياش)
游大庆
مونا(ياش)
马志翔
تېمۇ ۋالىس
安藤政信
گېنجى كوجىما
温岚
ماخۇڭ مونا
徐若瑄
خاتسوكو تاكاياما
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ فىلىمدە 1930-يىلىدىكى ياپون ھاكىميىتى ئاستىدا قالغان تەيۋەن خەلقىنىڭ سەدىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ خەلقنى باشلاپ ياپون ھاكىميىتىگە قارشى چىقىشتەك مىللى قەھرىمانلىقى سۆزلەنگەن...
تارىخى داستان «باتۇر مونا» توغرىسىدا
ئىشلىنىش جەريانى
-----------------------------------------------------------------------------------------------------
ئىجادىيەت باش ئاخىرى
2003-يىلى مەزكۇر فىلىم رېژىسسورى 魏德圣 ئىككى مىليون تەيۋەن پۇلى سەرپ قىلىپ 5 مىنۇتلۇق تەشۋىق فىلىمى ئىشلىگەن، ئۇ مۇشۇ تەشۋىق فىلىم بىلەن مەبلەغ سالىدىغانلارنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان، ئەمما بۇ پىلان سۇغا چىلاشقان. 2008-يىلى 魏德圣 فىلىمى «海角七号» چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ «سەدىق بالەي»گە يەنە بىر قېتىم تۇتۇش قىلىش پىلانىنى باشلىغان.
قەھرىمان مونا روداغا رول تاللاش
تارىخنى تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ مونانىڭ تاشقى قىياپى، خاراكتېرى، تەن قۇرۇلۇشى، تەسىرچانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يېرىم يىلدىن ئارتۇق مەشىق، 10 ئايدىن ئارتۇق تارتىش جەريانى قاتارلىق تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئاستىدا، رېژىسسور ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەدىق مىللىتىدىن ئادەم ئىزدىگەن، ئەمما موناغا چۈشكىدەك ئادەم تاپالماي، رول تاللاش دائىرىسىنى تايا مىللىتىگە كېڭەيتكەن، ئەڭ ئاخىردا جاپاسىغا چۇشلۇق، ئوخشاش بىر قەبىلىدىن موناغا چۈشكىدەك ئاكتىيوردىن ئىككىنى تاپقان. بۇلار دەل ئوتتۇرا ياشلىق مونانىڭ رولىنى ئالغان 林庆台 بىلەن ياش مونانىڭ رولىنى ئالغان 游大庆 ئىدى. بۇ ھەقتە 魏德圣 مۇنداق دەيدۇ:«مونا ياش چېغىدا ناھايىتى قارام بولۇپ، يېشى چوڭايغانسېرى ئېغىر بېسىقلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئۇنى تۇنجى كۆرگەندىلا كۆزىدىن ئوتتۇرا ياشلىق موناغا چۈشىدىغان بىر خىل ئۇچقۇنلارنى بايقاندەك بولدۇم، ئۇنىڭدىن باشقا خاراكتېر جەھەتتىنمۇ بىز تاللىماقچى بولغان ئوتتۇرا ياشلىق موناغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىككىلەنمەيلا ئۇنى تاللىدۇق!»
جانغا ئەسقاتقان چولپان قەھرىمانلار
周杰伦: يىگىرمە مىليونغا بىر يۈەن ئۆسۈم ئالغان
魏德圣نىڭ «سەدىق بالەي»نى ئىشلىشىگە جوۋ دېرىكتور ناھايىتى مەرتلىك بىلەن 20 مىليون تەيۋەن پۇلى چىقارغان(تەخمىنەن تۆت مىليون 400 مىڭ خەلق پۇلى). فىلىم رېژىسسورى 魏德圣نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سەنئەت ساھەسىدىكى كىچىك مىليونېر 周杰伦غا ناھايىتى تەسلىكتە ئېغىز ئاچقان، يەنە كېلىپ فىلىم نازارەتچىسى 吴宇森 ياردەم قىلغان، ئۇ چاغدا بىر ئايدا قايتۇرۇشنى دېيىشكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئالتە ئايغا سۆرىۋەتكەن، «周杰伦 ماڭا 20 مىليون بېرىپ تۇرغان، تېخى ئۆسۈمسىز، ئاخىرىدا شۇ قائىدىسىنى قىلىپ بىر يۈەنلا ئۆسۈم ئالغان بولدى، كېيىن قولۇمغا پۇل كىرگەندە، بىرىنچى بوپ قايتۇرىۋەتتىم.»
徐若瑄: ئۆي ساتماقچى بولغاندا ۋېي رېژىسسور توسۇپ قالغان
徐若瑄 مەزكۇر فىلىمدە رول ئالغاندىن سىرت باشتىلا ۋېي رېژىسسورنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، فىلىم گۇرۇپپىسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەيلا ئۆيىنى سېتىپ ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان، ئەمما ۋېي رېژىسسور ئۇنىڭغا:«قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بېرىپ تۇرۇڭ، ئۆيىڭىزنى ساتماڭ» دېگەن. ئاخىرىدا 徐若瑄 يەنىلا ئون مىليون تەيۋەن پۇلى چىقىرىپ(تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ خەلق پۇلى)، فىلىم گۇرۇپپىسىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان.
言承旭: باش رول تەگمىسىمۇ مەردلىك بىلەن پۇل ئۆتنە قىلغان
«سەدىق بالەي»گە ئەر باش رول تاللاش شەرتىگە چۈشكەن ئېگىز ھەم تەمبەل بولغان 言承旭 باش رول ئالىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ۋېي رېژىسسور ئاخىرىدا باش رولغا يېڭى ئادەم تاپقانلىقتىن، 言承旭 بۇ فىلىمگە قاتناشمىغان. ئەمما ئۇ ئىزچىل مەزكۇر فىلىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، ۋېي رېژىسسور قىيىنچىلىقتا قالغاندا بىر قېتىمدىلا 10 مىليون تەيۋەن پۇلى ئىنانە قىلغان(تەخمىنەن ئىككى مىليون 200 مىڭ خەلق پۇلى).
戴立忍 钟孟宏 لارمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇشقان
رېژسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن 戴立忍 بىلەن بۇلتۇر ئالتۇن ئات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسورلۇقىغا ئېرىشكەن رېژىسسور 钟孟宏 لار كىنو ئىشلەش ئۈچۈن پۇل سوراشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا 戴立忍 مۇ، «不能没有你» فىلىمى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تۆت مىليون تەيۋەن پۇلى(تەخمىنەن 900 مىڭ خەلق پۇلى) ئۆتنە قىلغان؛ 钟孟宏 مۇ بىرىنچى قېتىم ئىككى مىليون تەيۋەن پۇلى(تەخمىنەن 450 مىڭ خەلق پۇلى)، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئىككى مىليون خەلق پۇلى بېرىپ تۇرغان.
قىسقا خەۋەرلەر
-----------------------------------------------------------------------------------------------------
مەزكۇر فىلىم ۋىنىس خەلقئارا كىنو بايرىمىغا كىرگەن، ۋېي رېژىسسور بۇنىڭغا ئاتاپ فىلىمنى قايتا مۇنتاژ قىلغان. 2011-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رېژىسسور، باش رولچىلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا داغدۇغلۇق قاتناشقان. باش رولچى 徐若瑄 فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىپ، ئۇچىسىغا «丛林风» مۇراسىم كىيىمى ئارتىپ سەھنىگە چىققان.
ئاساسلىق ئىجادكار ۋىنىستىن قايتقاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ تەي بېي شەھىرىنىڭ 凯达格兰 چوڭ يولى خەلق مەيدانىدا تۇنجى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تەيۋەن يەرلىك كىنولىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مۇشۇنداق داغدۇغلۇق مۇراسىم ئېلىپ بېرىلغان كىنو ھېسابلىنىدۇ. رېژىسسور 魏德胜 بىلەن فىلىم نازارەتچىسى 吴宇森 ئىككەيلەن، مەزكۇر فىلىمغا ياردەم قولىنى سۇنغان 600 نەپەر كارخانىچى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى تەكلىپ ئەتتى.
تەشۋىقات
----------------------------------------------------------------------------------------------------
تۇنجى يۈرۈش تەشۋىق فىلىمى
ئاساسلىق تەشۋىقى فىلىمى 1
تىياتىر نۇسخا تەشۋىق فىلىمى
تىياتىر نۇسخا تەشۋىق فىلىمى(ئاددى خەت)
ئىسىل ئارىيەتلەر ---------------------------------------------------------------------------------------------------
5 مىنۇتلۇق ئارىيەت
ئىشلەش جەريانى ---------------------------------------------------------------------------------------------------
12 يىللىق ساقلاش
![]()
![]()
![]()
![]()
qvod://849606906|24758D5667BB3BB59CF43859A567C58C2716C274|Mona 2.qmv| |