ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يېڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن بولسىڭىز خاپا بولماي مېنى كۆرۈپ چىقامسىز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
25101 192
dilmurat ۋاقتى: 2010-8-13 09:24:18 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
يېڭىدىن تىزىملاتقان ئەزالار 1 مىنۇت ۋاقتىڭىز چىقىرىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىۋەتەمسىز، بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت بىزنىڭ سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئارا چۈشۈنۈپ بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرلەش ئۈچۈن، شۇڭا ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بەلكىم بىر مىنۇتمۇ كەتمەس، تۆۋەندىكى سۇئاللارغا ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرغا ئاساستا بىر جاۋاب بېرىۋەتكەن بولسىڭىز.

1.نەدىن كەلدىڭىز ؟
ئۆيدىن كەلدىم،   ما جاۋاب .... قانداق كېلىپ قالدىڭىز دېمەكچى، مەسىلەن ئۇلىنىش تورىدىنمۇ ياكى باشقا بېكەتلەرنىڭ دوستانە ئۇلىنىش دېگەن يېرىدىن بېكەت تۇغىڭ سەتلىكى كۆزىڭىزگە چېلىقىپ قېلىپ كىرىپ سالدىڭىزمۇ ياكى ئىزدەش بەتلىرىدىن ئۇنى-بۇنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز كىرىپ قالدىڭىزمۇ ۋە ياكى دوستىڭىز تەۋسىيە قىلغانمۇ... دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

2.بېكەتكە ئەزا بولۇشىڭىزدىكى سەۋەب ؟

بېكەتكە كىرىپ ئەزا بولۇشنى خالىغان ئىكەنسىز چوقۇم بىرەر سەۋەبى بار بۇنىڭ، شۇڭا خاپا بولماي، شۇ سەۋەبلەردىن بىر قانچە يېزىۋەتسىڭىز، بىزمۇ سىزنىڭ بۇ ئاق بۈركۈت دۇنياسىدا نېمىشقا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈپ قالساق.

  3.بېكەتنىڭ سىزگە بولغان تەسىرى ؟
ئەمدى بۇ يەردە «تەسىر» دېگەن بۇ گەپ چىقىپ قالدى، تەسىر بولغان ئىكەن چوقۇم بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە دانىشلارنىڭ دانىشى، چېچەك، زېرەك بولغان سىز دېمەكچى بولىنىمىزنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، ھە شۇ دەل توغرا ئويلىدىڭىز، سىزگە بولغان ياخشى تەسىرى ۋە يامان تەسىرىنى بىزگە قالدۇرسىڭىز، بىزمۇ ياخشى تەسىرنى كېڭەيتسەك، يامان تەسىرنى ئازايتساق، سىزگىم، بىزگىمۇ قولايلىق بولغان شارائىتنىڭ ھازىر بولۇشىدا گەپ يوق ئەلۋەتتە.
ياخشى تەسىر-سىزگە ياققان تەرەپلىرى، سىزگە قولاي بولغان تەرەپلىرى...
يامان تەسىر- سىزگە كەلتۈرگەن قولايسىزلىقلارنى، بېكەتنىڭ بولمايدىغان تەرەپلىرىنى دۆۋە-دۆۋىلەپ، تاغار-تاغارلاپ تۆكسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىمىز يۇقىرىدا ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرغان ئاساستا جاۋاب يېزىپ چىقىشىنى تەكىتلىگەن، شۇڭا ئەزالارنىڭ تۆۋەندىكى شەكىلنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ ياكى شۇ شەكىلنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا تېخىمۇ بېيىتىپ يازسا دېگەن ئۈمىدتە.

ئىسمىم: دىلمۇرات
مۇنبەردىكى ئىسمىم: dilmurat
گوگۇلدىن بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ كىرىپ قالغان تور بەت ئىدى بۇ، قارىسام خېلى يامان ئەمەسكەن، شۇڭا ئەزا بولۇپ قويدۇم، ماڭا ئەڭ ياققان تەرىپى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملارنى سۈزۈك پېتى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشۈرۈشكە بولىدىكەن، باشقا تەرەپلىرىنى كېيىنچە ھېس قىلماقچى. ماڭا ياقىمىغان تەرىپى مۇنبەرنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى تۆۋەن، قىزغىنلىق دېگەن نەرسە يوقتەكلا بىلىندى. بولسا ھەممەيلەن، گەرچە ئەزا جىق بولمىسىمۇ، بۇنى ئوقۇۋاتقان سىز ئازراق قىزغىنلىق ئاجرىتىپ قەلبىڭىزدىن بۇ يەرگە مېھىر بەرسىڭىز، «سىز» بىزگە ئايلانساق مېنىڭچە ھەممىزنىڭ توردىكى كۈنلىرىمىز خېلى مەنىلىك ئۆتكەن بولاتتى.

گەپنىڭ پوسكاللىسى يۇقارقىلاردەك، ئەمدى تورداشلار مېنى بەكرەك چۈشەنسە بولىتى، مەن بۇ يەرگە كىرگەن ئىكەنمەن، چوقۇم مۇشۇلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن دەيدىغانلار بولسا، يۇقىرىدا دېگەندەك، ئۆزىمىز كېڭەيتىپ، مەسىلەن قىزىقىشىمىزنى ۋە ياكى خىياللىرىمىزدا نېمە بولسا شۇنى دەپ بۇ يەرگە چوڭقۇر سىڭىپ، ئاق بۈركۈت ئائىلىسىنى بىر ئەزاسى بولۇپ كەتسەك.

ھۆرمەت بىلەن:
                ئاق بۈركۈت تورى
                 2010.08.13
قاتناشقانلار سانى 5نومۇر +11 دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
@خىيالى@ + 2 ئوغۇل بالا !
asdfg + 1 ئوغۇل بالا !
بوما + 2 يامان ئەمەس
mutallip + 6
hawaskar + 5

باھا خاتىرىسىجەمئىي : نومۇر +11 دوللار +5

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى12
ناچار
ناچار1

ئىسىل پاراڭلار192

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن ئىزدە تورىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم دەپ بېسىپ ئىزدەپ يۇرۇپ ئاران تاپقان تور بەت بۇ
مەن  ئاق بۈركۈت تەرجىمە قىلغان فىلىمنى بىر يەردە كۆرگەن  شۇنىڭدىن تور ئادرىسنى بېسىپلا كىردىم
راس گەپنى قىلسام مەن ئۇيغۇرچە كىنو تورلىرىغا مەسىلەن ئۇلنىش كىنو دىگەندەكلىگە ھۆ تىم چۈنكى بىر كىنو كۈرۈش ئۈچۈن 20 30 قاتا كەينىگە ياندۇرۇپ قاتۇرۇپ ئىرىتىپ دىگەندەك  4 ؛ 5 سائەتتە بىر كىنو كۈرۈپ چاپاقلىغىدا گەپ يوق 2 3 يىل شۇنلېيدىن خەنچە كىنو كۈرۈپ يۈردۇم قارىسام تاغامنىڭ كوپىيوتىرىدا ئاقبۈركۈتنىڭ تامغىسى بېسىلغان فىلىملە تۇرىدۇ شۇ ئادرىستىن كەچتىلام ۋاڭبانى بولاپ ساق 12 سائەت كىنو  كۈرۈپ خېلىى پۇخادىن چىقتىم .
شۇڭا مەن بارلىق تەرجىمانلارغا چەكسىز رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ياقمىغان يىرى يېڭىى سىياسەتلىنى چۈشىنەلمەي قالدىم مەسىلەن بىلەتنى ئاقسۇ كىنوخانىسىدىن ئالىمىزمۇ دىگەندەك چۈشەنچە بەرسەڭلا؟
بۇلىدۇ سىلەگە بىرنىمە دىمەي بولمايدىغان ئوخشايدۇ.. مىنىڭچۇ ئادىتىم ئۇزۇمنى سەل سىرلىق تۇتۇش..  ..ئەمما يىقىندىن بىرى ئۇنداق بولمايقالدى،تۇرمۇشۇمغا يۇمۇر ئارلاش تۇرۇشنى ياخشى كۇردىغان ئۇزۇممۇ قاملاش تۇرالمىسۇممۇ يۇمۇرسىتىك بۇلۇشقا ئۇرنىدىغان بوپقالدىم،ئۇنداق ئادەم سىرلىق بۇلالمايدىكەن شۇ،مەن ئادەتتە..يىلنىڭ توت پەسلىدە توتخىل ئوزگۇردىغاندەك ھىسقىلىمەن..ھەرخىل رەڭگە ھەرخىل شەكىلگە ئەمەس جۇمۇ يەنە،،مىجەزىم،،ئوز گۇرۇپ تۇردۇ.مەسىلەن..ئەتىياز پەسلى خۇشال كەيپىيات.شەكىللىنىدۇ .دەل ھازىرقى پەسىل ..كۇز پەسلى سەل جىلىخو بوپ قالىمەن ..ئىشقىلىپ ئاشۇنۇڭغا ئوخشاش..بەلكىم بۇنداق مىجەزلىكلە بۇيەردىمۇ باردۇ..دىمەك گەپنىڭ نەخ يىرىگە كەلسەك،،ئىسمىم نۇرمەمەت.يىشىم تەخمىنەن،،27،،28..ئەتىراپىدا ئۇزۇم ئانچە كىلىشكەن بولمىساممۇ ..بەدەن شەكلىم چىراي ئىپادىللىرىم خىلى جايدا ..يىقىملىق كۇرنىمەن دىمەكچى ،،يۇرتۇم قەشقەر مارالبىشى..ھازىرقى ئىش ئورنۇم شىنجاڭ كاكىس بىئو پەنتەخنىكا مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىدە،،قىسقارتىلما ئىسمى KKS توختاملىق ئىشچى..ئىپادەم خىلى ياخشى بىرنەچچە يىل بولدى،،ئەمدى بۇ ئاقبۇركۇتكە قانداق بۇلۇپ پەيدا بوپقالدىڭىز دىسىڭىز.مەن تۇنجى بۇلۇپ بىلىك ئىنتىل گۇرپىسى بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەنى كۇرەتتىم..كىيىن ئۇي تەرجىمە بىكىتى قۇرلۇپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەنى يوللاىدى ئاشۇيەردىن كۇرەتتىم،،تور توختاپ كىيىن ئاشۇيەرنى ئىزدەۋىتىپ مۇشۇ ئاقبۇركۇتكە بىلىپ بىلمەي كىرىپ سالدىم..قارسام مەن ئىزدەۋاتقان يەر دەل شۇكەن..ۋاچچىدە ئادىرىسنى كاللىغا قاچىلىۋىتىپ تىزىملاتقان..مەن بۇيەرنى ياختۇرمەن ..فىلىم يىڭى قۇيلۇپ بولغىچە ھەۋەسكارلا تەرجىمە قىلىپلا يوللايدۇ..كۇرمىز چۇشۇر ۋالمىز دىگەن گەپ مۇشۇنچىلىك ئاددى..بەك تەپسىلى دەۋەتتىممۇ يەھى ھى ھى ھىچقىسى يوق ھە بەكىراق چۇشۇنۇپ كىتەسىلە مىنى
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2010-9-23 17:40:09 | ئايرىم كۆرۈش
مەن گەپ قىلماي، بولمىسا قايناپ مۇلازىمىتىرنى پالەچ قىلىۋەتمەي يەنە
يىكەنداز
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2010-9-23 18:00:05 | ئايرىم كۆرۈش
3# سۈرخان

قۇياش تورىدا دوستلىرىڭىز خېلى كۆپكەن ھە، ئاخشام ئىككى ماشىنا ئادەم كەپتىكەن، بىز سۈرخاننىڭ دوستلىرى دەپ، بۈگۈنمۇ خېلى كەپتۇ
گېلەم
ئىلىياس ۋاقتى: 2010-11-30 16:18:42 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قۇياش تۇرىدىن كىرگەن  سۇرخان ئەمدى بۇتۇربەتتىكىلەرنى رەسىمگە تارتامسىز
كىگىز
mutallip ۋاقتى: 2010-11-30 18:27:45 | ئايرىم كۆرۈش
7# iliyas
سۈرخاننىڭ قىلمايدىغان ئشى يوق جۇمۇ.....
ئورۇندۇق
muzat ۋاقتى: 2010-12-3 00:17:04 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تورئارلاۋىتىپ  كىرىپ قالدىم...قارسام مەن ياقتۇردىغان سۈزۈك،ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر بار ئىكەن...سىلەرگە كۆپ رەھمەت...
داق يەر
yusanjan138 ۋاقتى: 2010-12-6 20:05:39 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ قىزقىشىم ئويغۇرچە خەتلىك فىلىم بولغاچقىمىكىن قەۋەتلا قىزقىمەن ،مەن بۇتۇرنى قۇتياردىكى يۈسۈپجاندىن سوراپ تاپقان ئىدىم ،،بولسا تەڭ ياقدىن باش چىقرپ،ئۇيۇن ئويناپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزگىىچە يېرىم سائەت ۋاقتىمىزنى چىقرىپ تەرجىمە ئىشلىرغا كۈچ چىقارساقمىكىن دەيمەن ،مانا مان بايا 50خەتنى بىردەمدىلا تەرجىمە قىىلىپ ئەۋەتپ باردىم .شۇنچىلىك ئىش.
مىخ
arkan2010 ۋاقتى: 2010-12-7 22:03:52 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قۇتيار تورىدىن ۋە شاھ بىلوگىدىن كۆرۈپ ئاندىن ئەزا بولدۇم
ئەزا بولۇشىمدىكى مەقسەت مەنمۇ سىلەرنىڭ توپىڭلارغا قوشۇلۇپ ئاز-تولا تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناي دەيمەن
بۇ بىكەتنىڭ ياققان تەرىپى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر بولدى
بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىز بېيىپ قالىدۇ
ياقمىغان تەرىپى بۇ بىكەت بەك تەس ئېچىلىدىكەن
بىر قېتىم كىرگەن ئادەم ئىككىنىچى كىرمىكى تەس ئۇنداق بولۇپ قالسا
ئاخىرىدا ھەممەيلەن تىرىشىپ نادىر فىلىملەرنى كۆرۈمەنلەر بىلەن تەمىنلىسەك
9#
yusanjan138 ۋاقتى: 2010-12-8 13:15:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئازراق جاپا تارىتسىڭىز كۆرەلەيسىز..تەرجىمە قىلىپ ھەسسە قوششىڭىز دوللار تاپالايسىز..دوللارنى خەجلىسڭىز كىنو كۈرەلەيسىز....خې...خې..
10#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2010-12-8 14:21:26 | ئايرىم كۆرۈش
16# arkan2010

بېكەت بەك تەستە ئېچىلامدىكەن ياكى كىنو بەك تەستە قويۇلامدىكەن ؟

تور كۆرگۈڭىزنى، ۋە نەدىن قايسى تور (ئاقسۇدىن، تېلگراف تورى دېگەندەك) بىلەن چىقىدىغانلىقڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
11#
isiyankar ۋاقتى: 2010-12-12 00:15:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسمم:              ئىسىيانكار
بېكەتتىكى ئىسمىم:ئىسىيانكار
مەن ئاق بۈركۈتكە «ئىزدە»دىن ماتىرىيال ئىزدەۋېتىپ ئۇچىراپ قالدى.تەپسىلى دەپ بېرەيمۇ؟ مەڭا  بىر پارچە ئاق باش بۈركۈتنىڭ رەسىمى لازىم بولۇپ قېلىپ ،ئىزدەگە «ئاق باش بۈركۈت »دەپ كىرگۈزسەم بىرىنچى بولۇپ «ئاق بۈركۈت»دەپ قىقتى .تەپسىلى قارىسام ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئۇستىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان جايكەن ،شۇڭا كىرىپ ئەزا بولدۇم.
تەسىرى: راس گەپ قىلسام ئىككىلى تەرەپتىكى تەسىرىنى تېخى تۇللۇق ، سېستىمىلىق بايان قىلغۇدەك ھېس قىلمىدىم.بارا-بارا بىلىپ قالىمەن ھەرقاچان....
12#
kalbim ۋاقتى: 2010-12-12 16:38:15 | ئايرىم كۆرۈش
مەن دوستلىرىمنى قوللايمەن دەپ ئەزا بولغان ..ھازىرچە ئانچە چوڭ ياردەم قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ~~~
13#
yarmuhammad312 ۋاقتى: 2010-12-13 13:42:34 | ئايرىم كۆرۈش
ساۋاقدىشىم تەۋسىيە قىلغان، ئالدىنقى ماۋسۇم سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ تىزىملىتىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان. تەرجىمانلىققا، مۇقاۋا لاھىيەلەشكە خېلى ئېپىم بار. تور بىكىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىنتايىن ياخشىكەن.
14#
burhan ۋاقتى: 2010-12-21 22:46:52 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا بىرسى بۇئادىرىسنى يوللاپ بەرگەن ئىدى شۇنىڭ بىلەن بۇيەر گەكىرىپ قال دىم مۇنداقلاقارىسام ۋا خېلى بەلەن كىنولار تۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن مەن مۇتورداش لاربىلەن بىرلىك تە كىنو كۈرەي دەپ كىر دىم لىكىن زە بۇكىنوخا نىدا بىلەت بوول مىسا بولماي دىكەن ئە مەس مۇ مەن قان داق قىلىپ پۇلتاپارمەن ئەمدى بىلەت ئالغىلى  
15#
burhan ۋاقتى: 2010-12-21 22:48:36 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي يابىرەسىڭ لاۋاختىنچە قەرىزبىرىپ تۇرامسىلەيە ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1