ئىسمى: 박해일
كەسىپى: ئاكتىيور
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1977.01.26
ئوقۇش تارىخىي: جەنۇبىي سىئول ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز فاكۇلتىتىدا(يېرىم يولدا چېكىنگەن)
تەن قۇرۇلۇشى: 177cm، 62kg
فىلىم ساھەسىگە: «ۋايكىكى قېرىنداشلار» فىلىمى بىلەن قەدەم باسقان
قىزىقىشى: ناخشا ئېيتىش، گىتار چېلىش، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، كومپىيۇتېر
ئالاھىدىلىكى: تىكتاك توپ، گىتار، كالتەك توپ
قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى:
1999-يىلى سەنئەت ساھەسىگە يول ئالغان، 2006-يىلى تېلېۋىزىيە سىنارىستى شۈ رۈن شەن بىلەن توي قىلغان، 2011-يىلى «ئاخىرقى ياراغ: ئوقيا»دىكى قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ «كورىيە كىنو-فىلىم ئەجدىھا» ۋە «قوڭغۇراق» مۇكاپاتلىشىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئىلگىرىكى ئۇ:
پىياۋ خەي رى، كورىيە ئاكتىيورى. ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىگە كىرىشى ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ياكى ئۇنىڭ دەسلەپكى تىرىشىش نىشانىمۇ ئەمەس، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا سەنئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. خۇددى دېڭىز ياقىسىدا تاش تىپىپ ئويناۋاتقان بالا توساتىننلا ئالتۇننى تىپىپ سالغاندەكلا بىر ئىش، پېشانىسىگە مۇشۇنداق پۈتۈلگەنمۇ ياكى تەلىي ئوڭمۇ ئۆزىمۇ بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.
1996-يىلى 19 ياشقا كىرگەن پىياۋ خەي رى جەنۇبىي سىئۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىزچە فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ بېرىپ كېلىپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا، يول ئازابى بىر تۇرۇقلۇق، يولغىلا كېتىدىغان بەش سائەتچە ۋاقىتنىڭ كۆزى ئوچۇق كېتەتتى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ مۇزىكىغا ئىشتىياقى قوزغىلىپ بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاددىي نوتىلارنى ۋە تېكىستلەرنى يېزىپ مۇزىكا ئىجاد قىلىپ باقىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا قورساق تويمايتتى، شۇڭا بىلەن ئۇ باشقىلار مەنستىمەيدىغان، ئىش ھەققىمۇ تۆۋەن بولغان تازىلىق ئىشچىسى بولىدۇ. مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان تازىلىق سايمانلىرىدىن ئۇ ئاخىرى بىر كۈن زېرىكىدۇ ھەم 20 ياشقا كىرگەن يىلى ئىنگلىز فاكۇلتىتىدىن ئايرىلىپ مۇزىكا فاكۇلتىتىغا يۆتكىلىدۇ. ئەمما بۇ فاكۇلتىتنىڭ دەرسلىرى ئۇنىڭ مۇزىكا تەشنالىقىنى قاندۇرالمىغاچقا ئۇنىۋېرستېتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن ئۇ MBC تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ «مۇزىكا ئويۇنى» پروگرامما گۇرۇپپىسىدا قۇشۇمچە ئوپېراتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ خىزمەت رەسمىي بولمىسىمۇ ئۇنى قىزىقتۇرالىغاچقا ئۇ ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇ ئىشىنى داۋام ئېتىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئەمما ئىشلەپ 4 ئاي بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن بىر ناخشا ترېنېرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ناخشا پلاستىنكىسى ئىشلەشنى خالايدىغىنىنى ئېيتىدۇ، پىياۋ خەي رىمۇ بۇنىڭ قوشۇلۇپ، بىر مەزگىل ترېنېر يېتەكچىلىكىدە ناخشا مەشىق قىلىدۇ، ھەم تازا مەشىق قىلىپ ئۈنگە ئالغۇدەك بولغاندا، ئۇلارنىڭ پلاستىنكا ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئىش توختاتقانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنىپ، قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولغان پىياۋ خەيرى يەنە بىر قېتىم تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
كېيىن ئۇ «ئاسىيا سەنئەت ئۆمىكى» دەپ ئاتىلىدىغان بالىلار تىياتىر ئۆمىكىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. بۇ ئۆمەكنىڭ ئويۇن قويۇش قېتىم سانى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 6، 7 قېتىم سىرتلاردا ئويۇن قوياتتىكەن. مۇشۇ سەۋەبلىك پىياۋ خەي رى بىر يىل ئىچىدىلا بىر قەدەر مول بولغان تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشەلەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئاكتىيورلۇق بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان. 1999-يىلدىكى خەلقئارالىق بالىلار بايرىمىدا مۇناسىۋەتلىك بىر پائالىيەتتە ئۇ ۋاقىتلىق چوڭلار تىياتىر ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلىنغان، ھەم ئۆمەكتىكىلەرگە ياراپ قېلىپ، چوڭلار تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان. بۇ قېتىملىق يۆتكىلىش ئۇنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ كىنو ساھەسىگە كىرىپ ھەممىنىڭ كۆزى تىكىلگەن چولپانغا ئايلىنىشىغىمۇ تۈرتكە بولغان. دەل مۇشۇ يىلى ئۇ، «ياشلىق قەسىدىسى» ناملىق بىر تىياتىردا باش رول ئېلىپ، قارا پاتقاققا پېتىپ يامان يولغا مېڭىپ قالغان بىر ياشنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق تىياتىردىكى ئىپادىسى كۆپلىگەن كىنو-فىلىم، تېلىۋېزىيە تىياتىر رېژىسسورلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ھەم بىراقلا كۆزگە كۆرىنىپ، 2000-يىلى كورىيىدە مەخسۇس فىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان، «كورىيە ئوسكار» مۇكاپاتلىشىدا «يېڭى ئاكتىيور» مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان.
2001-يىلى رېن شۈنلى رېژىسسور «Waikiki Brother» نى سۈرەتكە ئالىدىغان چاغدا، پىياۋ خەي رى يادىغا كېلىپ، تەۋۋەككۈلچىلىك بىلەن ئەزەلدىن ئېكرانغا چىقىپ باقىمىغان ئۇنى مەزكۇر فىلىم باش رولچىسىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. «Waikiki Brother» ناملىق بۇ فىلىم گەرچە ئۇنى بىراقلا نام قازاندۇرالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يېڭى قەدەم ئېلىشقا داغدام يول ھازىرلاپ بەرگەن، مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كەينى-كەينىدىن تەكلىپ قىلىنىشقا باشلىغان. كومىدىيىلىك فىلىم «مۇھەببەت نىشانى»، ۋەھىمىلىك فىلىم «قاتىللىق ئەسلىمىسى» ۋە قايغۇلۇق فىلىم «جۇخارگۈل ھىدى» قاتارلىقلاردا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئاكتىيورلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياخشى بولغان مول تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەن. مۇشۇ قىسقىغىنە بىر ئىككى يىلدىلا شىددەت بىلەن نام قازىنىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك چولپانلار ئورنىدىن ئورۇن ئالغان. پىياۋ خەي رى بۇنىڭغا نىسبەتەن: «بەلكىم تەلىيىم ئوڭدۇ» دېگەن.
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى:
2011-يىلى، «ئاخىرقى ياراغ: ئوقيا» فىلىمىدە 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋوك كىنو مۇكاپاتلىشىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى، «ئاخىرقى ياراغ: ئوقيا» فىلىمىدە كورىيە 32-نۆۋەتلىك ئەجدىھا كىنو مۇكاپاتلىشىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى، «ئاخىرقى ياراغ: ئوقيا» فىلىمىدە 48-نۆۋەتلىك كورىيە كىنو قوڭغۇراق مۇكاپاتلىشىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى:
«ئاخىرقى ياراغ: ئوقيا»(2011)
|
-
20.jpg
(96.93 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
5.jpg
(97.9 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
6.jpg
(71.23 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
7.jpg
(125.79 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
8.jpg
(56.57 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
9.jpg
(163.83 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
10.jpg
(109.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
11.jpg
(47.85 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
12.jpg
(71.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
13.jpg
(72.65 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
14.jpg
(48.14 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
15.jpg
(46.17 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
16.jpg
(78.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
17.jpg
(65.29 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
18.jpg
(67.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
19.jpg
(77.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
1.jpg
(113.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
2.jpg
(75.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)
-
3.jpg
(57.3 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
4.jpg
(59.27 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
 رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
|