dunyablog.com
  • 2010年09月21日

    ۋاقىت - ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇرwakit ag adil bahaliguqi dur - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75390664.html

      ۋاقىت - ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇرwakit adil bahaliguqi

          ۋاقىت - ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇر

    ۋاقىت بارلىق تەنقىتچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ توغرا،ئەڭ ئىختىدارلىق تەنقىتچى .كىشلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تەنقىدىنى قۇبۇل قىلىدۇ.چۈنكى ۋاقىت ئادىل ،خالىس ھىچقايسى تەرەپكە يان باسمايدىغان باھالىغۇچىدۇر.چىنلىق ۋە ساختىلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق گۈزەللىك ۋە يىرگىنىش ئالىجاناپلىق ۋە پەسكەشلىكلەرگە ۋاقىتنىڭ مۇئەييەن باھاسى بولىدۇ.ۋاقىت ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىپ مەڭگۈلۈك ھايات قىلالايدۇ.ۋاقىت يەنە ئادەمنىڭ ھاياتىنى قىسقارتىپ بۇرۇن دەپىن قىلۋىتەلەيدۇ.بىرشائىر ‹بەزى كىشلەر›ناملىق شېئىرىدا :
    ‹بەزى كىشلەر ھايات،بىراق ئۇ ئۆلگەن ؛بەزى كىشلەر ئۆلگەنۇ،بىراق يەنە ھايات ›دەپ يازغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ۋاقىتنىڭ ‹بەزى كىشلەرنىڭ ›ھاياتىنى قىسقا قىلىدىغانلىقىنى ‹بەزى كىشلەر›گە بولسا مەڭگۈ ھايات ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ ‹نامى ھايات›ۋە ‹رىيال ھايات›دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى پەقەت ‹نامى ھايات›لا بولىدۇ خالاس،‹رىيال ھايات›بولسا مەۋجۇت بۇلۇپ ياشاش چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئۇزارغان ھاياتتۇر.گىرىك پەيلاسوپى ئېپكوروس :‹دانىشمەن ئادەم ھاياتقا نىسپەتەن ،ئوزۇلۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆپ تاللاشنى ئەمەس ،بەلكى جەۋھىرىنى تاللىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا ھاياتتىن بەھرىمان بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئەمەس،شۇ ۋاقىتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەم قىلىدۇ ›دىگەن ئىدى .ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياخشى ئىش ئەلۋەتتە .بىراق ئۆمۈرنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش بۇھاياتنىڭ قىمىتى مەسلىسى . شۇۋېى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدا ‹ھاياتنىڭ قىمىتى بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن قىسقا بولغانلىقىدا ئەمەس بەلكى شۇ دەۋىرگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ›دىگەن ئىدى.ۋاقىتىنىڭ تەنقىدى ئادەم ھاياتىنىڭ قىمىتىگە بولغان تەنقىد بۇلۇپ ئۇ ‹نامى ھايات›نىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.بەلكى ئادەمنىڭ ‹رىيال ھاياتىغا ›قارىتىلغاندۇ...
    كىشلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن ۋاقىت قارىشى ئۆزئارا باغلىنىشلىق .كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋاقىتقا نىسپەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بۇلۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ئادەملەرنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .دىمەك كىشلىك ھاياتقا ،ۋاقىتقا توغرا پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەش لازىم .توغرا مۇددىئاغا يىتىش ئۈچۈن توغرا بولغان ھەرىكەت ئۇسۇلى بۇلۇشى لازىم .


    收藏到:Del.icio.us