1970-يىلى ئائىلىسى گېرمانىيەگە ئىشچى بولۇپ كەتكىنىدە رافەت تېخى كىچىككىنە بالا ئىدى ۋە يەتتە يېشىغىچە ئۇزۇنكۆۋرۈك ئۆمەربەي يېزىسىدا چوڭ ئانىسىنىڭ قېشىدا چوڭ بولدى.بىرىنجى سىنىپنى يېزىدىكى مەكتەپتە پۈتتۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى ۋە كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىنى گېرمانىيىدە داۋاملاشتۇردى.بۇ جەرياندا ئۇ ناخشا تېكىستى يېزىپ كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ،دۇنياغا داڭلىق چولپان بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنى كىشىلەرنىڭ سۆيۈنىشىگە مۇيەسسەر قىلغان يەنە بىر ئىش بولسا ئۆزى تۇرغان مەھەللىنىڭ مەسچىدىگە مۇئەززىنلىك قىلىشى بولغانىدى.
1988-يىلى رافەت تۇنجى قېتىملىق سەھنە خىزمىتى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ 1992-يىلى Saarlaendischer Rundfunk رادىئو شىركىتى تەرىپىدىن گېرمانىيەدىكى «يىللىق ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىق شەخس»بولۇپ باھالاندى.1994-يىلى فرانكفۇرت كۈلتۈر فىستىۋالىدا مىدىيا ئارتىست ئاۋارد-مېدىيا سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش شەرىپىگە نائىل بولدى.رافەت 1995-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى قېتىم ئۆز ئالبۇمىنى بازارغا سالدى،«ياشلىق كۆز يېشى»ناملىق بۇ ئالبۇم ئەينى ۋاقىتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغان ۋە رافەت ئەل رومان ئىسمى كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى.ئۇ يەنە1997-يىلى «ئەڭ گۈزەل كۈنلەر سېنىڭ بولسۇن»ناملىق ئىككىنجى ئالبۇمىنى چىقارغان،1988-يىلى ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئورۇندالغان ناخشا پىلاستىنكىسى ياۋروپا بازىرىغىمۇ يۈرۈش قىلغان.1988-يىلى كەمال سۇنال،مەتىن ئاكپىنار قاتارلىق داڭلىق ئاكتىيورلار بىلەن بىرگە پروپاگاندا(تەشۋىقات)ناملىق فىلىمگە رولغا چىققان.
1999-يىلى «ھايات-ئاچچىق»ناملىق ئۈچىنجى ئالبۇمىنى چىقىرىپ تۈركىيە تارىخىدا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى.2000-يىلى ئۇ مەخمەت ئەلى ئەربىل بىلەن «2000-يىللىق ياۋروپا چېمپىيون لوڭقىسى مۇسابىقىسى»نىڭ تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى مارشى ئۈچۈن يازغان «بىر توپ يەنە»ناملىق ناخشىسىنى پۈتكۈل پۇتبول مەيدانلىرىدا ياڭرىتىپ تۈركىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى،ئوخشاش بىر يىلدا ئۇ يەنە «تار مەيداندا قىسقا پاسلىشىش»ناملىق كىنو فىلىمىگە باش رولغا چىقتى. رافەت ئەل روماننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا ئۆزى رېژىسسورلۇق ۋە سېنارىستلىق قىلغان فىلىم ئىشلەپ چىقىش بولۇپ ئۇ بۇ ساھەلەردىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
رافەت ئەل رومانى 2002-يىلى 5-ئالبۇمى «5 NR ئاشىق»ناملىق ئالبۇمىنى مەستانىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى،ئىككى يىلدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر ئالبۇمى «سۈرگۈن» 730مىڭلىق سېتىلىش رېكورتىنى ياراتتى ۋە 2004-يىلىدىكى تۈركىيە بويىچە ئەڭ داڭق قازانغان ئالبۇملارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.2005-يىلى بازارغا سېلىنغان «قەلبىمنىڭ سۇلتانى»ناملىق يەتتىنجى ئالبۇم تۇنجى بازارغا سېلىنغان ھەپتىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالبۇملار سېتىلىش تىزىملىكىدە 1-رەتتىن ئورۇن ئالدى.2006-يىلى يېڭىدىن نەشىردىن چىقرىلغان ئالبۇمى «كۆڭۈل يارىسى»بىلەن ئۆز مۇۋەپپىقىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان رافەت ئەل رومان مۈياپ ئورگىنى تەرىپىدىن «ئالتۇن مۇكاپات»قا تەۋسىيە قىلىندى.2008-يىلى «بىر رومان كەبى»ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى «ئاشقى ۋەيرانە»ناملىق ناخشىسى ئېنتىرنىت رەسمىي تورىدىن 1مىليون 270مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى.شۇ يىلى ئۇ «كرال تېلىۋىزىيە قانىلى مۇزىكا مۇكاپاتى»نىڭ «يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشىچىسى»بولۇپ باھالاندى.2011-يىلى رافەت «سۆيگۈگە ۋاقىت بەر»ناملىق ئالبۇمىنى بازارغا سېلىپ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھەيرانلىقىنى قوزغىدى.
رافەت ئەل رومان ناخشىلىرىدىن:چىدايمەن