ئورنىڭىز: باشبەت > چولپانلار > تۈرك چولپانلار چولپان باشبىتىگە قايتىش
تاركان
يوللانغان ۋاقتى: 2014-02-28
كۆرۈلۈش سانى: قىتىم
مەزمۇن مەنبەسى: ئاقيول تورى
چولپان تەۋەلىكى:تۈرك چولپانلار
728*15 googlead

تاركان

تاركان 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيىنىڭ فىرانكىفورت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالزەي بازىرىدا تۇغۇلغان.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەسلى تېگى تۈركىيە رىزە شەھىرىدىن بولۇپ،تاركان ئالتە بالىنىڭ بەشىنچىسى ھېسابلىنىدۇ.ئائىلىسى گېرمانىيىدە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كىيىن،1986-يىلى تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە تاركان تۇلۇق ئوتتۇرىنى كارامۈرسەل تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە قۇشۇمچە كارامۈرسەل مۇزىكا جەمئىيىتىدە مۇزىكا ئۆگىنىدۇ. تاركاننىڭ مۇزىكا دۇنياسىغا قەدەم تاشلىشىنىڭ تۇنجى ۋە مۇھىم بىر قەدىمى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ.كىيىن ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كېلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ داۋامىنى ئىستانبۇلدا ئوقۇشقا باشلىغان تاركان مۇزىكا دەرىسىنى ئۈسكۈدار مۇزىكا جەمئىيىتىدە كلاسسىك مۇزىكا ئۆگىنىش بىلەن ئىككى يىل داۋاملاشتۇرىدۇ.dpUئاقيول تور بىكىتى
ئىش ھاياتى:dpUئاقيول تور بىكىتى
مۇزىكا بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان تاركان شۇ ۋاقىتلاردا،ئىستانبۇل ئۈن-سىن تارقىتىش مەركىزىنىڭ خوجايىنى مەھمەت سۈھۈتئوغلۇ بىلەن تونۇشىدۇ ۋە توختام تۈزۈش ئارقىلىق تاركاننىڭ تۇنجى پلاستىنكىسى (Yine sensiz) يەنە سەنسىز،1992-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيىدە تارقىتىلىدۇ.بۇ تۇنجى پلاستىنكىسى مۇزىكا دۇنياسىدا خىلى چوڭ تەسىر قوزغايدۇ.پلاستىنكىنىڭ ناخشىلىرىدىن "Kıl Oldum Abi" "Kimdi", "Vazgeçemem" قاتارلىقلار شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ناخشىلىرى بولۇپ پلاستىنكىنىڭ 700 مىڭ تال سېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.dpUئاقيول تور بىكىتى
تۇنجى پلاستىنكىسىنىڭ غەلىبىسى شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتورلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن 1994-يىلى 4-ئايدا يىلدىز تىلبە،سەزەن ئاكسۇ ۋە ئۈمىد سايىندەك داڭلىق ناخشا يازغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن  (Acayipsin )ئاجايىپسەن دېگەن پلاستىنكىسىنى چىقارغان تاركان،پلاستىنكىسىنىڭ ئىككى مىليون تال سېتىلىشى بىلەن تۈرك پوپ مۇزىكىچىلىقىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.بۇ پلاستىنكىسى ئارقىلىق تاركان، تۈركىيە ۋە ياۋروپادا 30 دىن كۆپرەك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.dpUئاقيول تور بىكىتى
   تاركان،(ئاجايىپسەن) پلاستىنكىسىنى چىقىرىپ داڭ چىقىرىۋاتقان مەزگىللىرىدە Atlantic records نىڭ خوجايىنى ۋە دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت ئاخمەت ئەرتەنگۈل بىلەن تونۇشىدۇ.ئاخمەت ئەرتەنگۈل تاركاننىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ: تۈركىيە داڭلىق سەنئەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان دۆلەت،ئەمما،دۇنيادا بىر بولغان تاركاندىن يەنە بىرىنىڭ چىقىدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن،دەيدۇ.تاركان خەلقئاراغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىدۇ ۋە ئۇ يەردە بارۇچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىزچە ئۆگىنىدۇ.يەنە قۇشۇمچى قىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا نىيۇيوركتا بىر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.ناخشا كېچىلىكى تۈركىيىدە star tv دا نەق مەيدان كۆرسىتىلىدۇ.ناخشا كېچىلىكىدىن كىيىن ئامېرىكا CNN قانىلى تاركاننى ئىنگلىزچە پلاستىنكىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.dpUئاقيول تور بىكىتى

960*90 ilan orni 2
960*90 ilan orni