تۈرك ناخشىلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسىنى ياراتقان ناخشىچى ئەبرۇ گۈندەش 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 12 كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ناخشا ئېتيىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، تىككۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىدىمۇ ناخشا ئېيتىشنى توختاتمايدۇ،شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ياخشىلىقىنى بايقىغان دوستى نەشە دەمىركاتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ مارىس مۇزىكا ئىشلەش شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەچ ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا توپلىمىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋېتىدۇ. 1993-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا توپلىمى «تەڭرى مېھمىنى» ناملىق پلاستىنكىنى ئىشلەپ، ناخشىچىلىق ساھەسىدە زىل-زىلە قوزغايدۇ.
1994-يىلى ئەبرۇ گۈندەش ئۆزىنىڭ «تاتلى بەلا» ناملىق ئىككىنچى ناخشا توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ ناخشا توپلىمىمۇ تۇنجى ناخشا توپلىمىغا ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
1995-يىلى، ئۇ يەنە «مەن تېخى چوڭ بولمىدىم»، «شاماللار» ناملىق ئىككى ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپ بولۇپلا تۈرك ناخشا ساھەسىنى زىلزىلگە سالغان «بۆرىلەر سۇپىرىسى» ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئەبرۇ گۈندەشكە كىنولاردا رول ئېلىش تەكلىپلىرىمۇ كېلىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارتىسلىق يولىغا قەدەم قويىدۇ.
2000-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ناخشا مەستانىلىرىغا ئەڭ يېڭى پلاستىنكىسى «ئۆتۈنۈپ قالاي قايتىپ كەل» ناملىق پلاستىنكىنى سۇنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ بۇ پلاستىنكىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ناخشا پلاستىنكىسى چىقىرىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ قالىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن يەنى 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئەبرۇ گۈندەش يەنە ساخاۋەتچى، ئۇ تۈركىيەدىكى بالىلار پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى، نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئورۇنلارغا نۇرغۇن قېتىم پۇل ئىئانە قىلىدۇ.