تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ! كەسپىي شىتات ئىمتىھانى ھەممىمىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىمتىھانلارنىڭ بىرى ، تۆۋەندە مەن بىر قانچە يىللىق ئىمتىھان ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قەدەر كەڭ كۆلەمدە ئېلىنىدىغان ھەر قايسى شەھەر ،ۋىلايەت ، ئوبلاستلارنىڭ كەسپىي شىتات يېزىقچە ئىمتىھانى توغىرسىدا ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن، ئەستايىدىك ئوقۇڭ !
ھەر قايسى جايلارنىڭ يېزىقچە ئىمتاھان پەنلىرى
1.ئۈرۈمچى شەھىرى
يېزىقچە ئىمتاھان ئۇنۋېرسال ئىمتاھان ۋە كەسپىي ئىمتاھان دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
ئۇنۋېرسال ئىمتاھان
Aخىل ئورۇن (مائارىپ ئورۇنلىرى)ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش ۋە مائارىپ قانۇن-سىياسەت بىلىملىرى (قۇشۇلۇپ 100نۇمۇر)
Bخىل ئورۇن (سەھىيە ئورۇنلىرى) ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
Cخىل ئورۇن(باشقا كەسپىي تېخنىكا ئورۇنلىرى)ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
Dخىل ئورن (ئىشچىلىق ئورۇنلىرى)ئۈچۈن :
كەسپىي ئەخلاق (100نۇمۇرلۇق)
كەسپىي ئىمتاھان
ھەر قايسى ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلىملىرى
ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرىنىڭ ئومۇمىي نۇمۇرنى ئىگەللىگەن پىرسەنتى ئوخشاش ئەمەس .
2.ئىلى ئوبلاستى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
ئادەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن :
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
بايان ۋە مۇھاكىمە(100نۇمۇرلۇق)
سەھىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۈچۈن :
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بىلىم (100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %60نى ئىگەللەيدۇ .
3.چۆچەك ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
ئادەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
بايان ۋە مۇھاكىمە(100نۇمۇرلۇق)
سەھىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بىلىم (100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %50نى ئىگەللەيدۇ .
4.ئالتاي ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
بايان ۋە مۇھاكىمە(100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %40نى ئىگەللەيدۇ .
5.بۆرتالا ئوبلاستى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %60نى ئىگەللەيدۇ .
6.سانجى ئوبلاستى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
ئادەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن :
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
ئىشچىلىق ئورۇنلىرى ئۈچۈن:
كەسپىي ئەخلاق (100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %40نى ئىگەللەيدۇ
7.تۇرپان ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %40نى ئىگەللەيدۇ .
8.قۇمۇل ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %40نى ئىگەللەيدۇ .
9.كورلا يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش (100نۇمۇرلۇق)
بايان ۋە مۇھاكىمە(100نۇمۇرلۇق)
ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرىنىڭ ئومۇمىي نۇمۇرنى ئىگەللىگەن پىرسەنتى ئوخشاش ئەمەس .
10.ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى (100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %60نى ئىگەللەيدۇ .
11.قەشقەر ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (بىر پەن)
ئادەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن: ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(150نۇمۇرلۇق)
ئىشچىلىق ئورۇنلىرى ئۈچۈن : كەسپىي ئەخلاق (150نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %60نى ئىگەللەيدۇ .
12.خوتەن ۋىلايىتى يېزىقچە ئىمتاھان (ئىككى پەن)
ئادەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن :
ئۇنۋېرسال بىلىم (بۇ مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناشنى كۆرسىتىدۇ، 100نۇمۇرلۇق)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر(100نۇمۇرلۇق)
سەھىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۈچۈن :
ئۇنۋېرسال بىلىم (بۇ مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارنى سىناشنى كۆرسىتىدۇ، 100نۇمۇرلۇق)
كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بىلىم (100نۇمۇرلۇق)
يېزىقچە ئىمتىھان نۇمۇرى ئومۇمىي نۇمۇرنىڭ %60نى ئىگەللەيدۇ .
ئەسكەرتىش : يۇقارقىلار ئىلگىركى بىر قانچە يىللىق ئىمتاھان ئەھۋالىغا ئاساسەن يېزىىلدى ، مۇشۇ تەرىقىدە پايدىلىنىپ تەكرار قىلساڭلار بولىدۇ ، بىراق كېيىنىكى قېتىملىق ئىمتاھان پەنلىرى چوقۇم مۇشۇ بويىچە بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ !
ھەر قايسى پەنلەر توغىرسىدا چۈشەنچە(دىققەت)
ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر 公共基础知识
ئۇنىۋېرسال ئاساسىي بىلىملەر 综合基础知识
كۆپرەك ئاممىۋى ئاساسى بىلىملەر دېيىلىدۇ ، بىراق بەزى جايلار ۋە بەزى ئىمتاھانلاردا ئۇنىۋېرسال ئاساسىي بىلىملەر دەپمۇ ئاتايدۇ ، كىتاپخانىلاردىكى بۇ ئىككى نامدىكى كىتاپنىڭ مەزمۇنى بىردەك !
بۇ ئىمتاھاننىڭ مەزمۇنى : سوتسىيالىزىملىق بازار ئىگىلىگى بىلىملىرى ، پارتىيەنىڭ ئاساسي بىلىملىرى ، ئېقىن مەسىللىرى ، قانۇن بىلىملىرى ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ، ھەر قايسى ئىجتىمائىي پەنلەر بىلىملىرى ، تۇرمۇش ساۋاتلىرى ، جامائەت خەت –ئالاقىسى قاتارلىقلار . بەزىدە ماقالە يېزىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ پەن تۇلۇق ئىجتىمائىي پەن خارەكتىرىنى ئالغان بۇلۇپ ، ھەممىسى ئەستە ساقلايدىغان مەزمۇنلار ، بۇ پەنگە تەييارلىق قىلغاندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى پىششق ئەستە ساقلاش ، ئىمتاھان سۇئاللىرىنى كۆپرەك ئىشلەش لازىم. كىتاپخانىلاردا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپ، ياخشى تاللاپ ياقتۇرغىنىڭىزنى ئالسىڭىز بولىدۇ !
مەمۇرلۇق كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش 行政职业能力测验
بۇ ئىمتاھاننىڭ مەزمۇنى : سۆزنى چۈشۈنۈش ۋە ئىپادىلاش ، سانلىق مۇناسىۋەت ، ھۆكۈم قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ، ساۋاتقا ھۆكۈم قىلىش ، ماتىريال ئانالىز قىلىش قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان .
بۇ ئىمتاھانلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ بىرسى بۇلۇپ ئادەتتە ئەڭ ياخشى ئالغانلارمۇ 70 كە ئاران يېتىدۇ ، ھەم تەبئىي پەن ھەم ئىجتىمائىي پەن خارەكتىرىنى ئالغان پەن ، ئومۇمىي ئىقتىدارنى سىنايدۇ. بۇنى ناھايتى كۆپ مەشىق قىلىش لازىم .
بايان ۋە مۇھاكىمە 申论
ماقالە يېزىش ئىقتىدارىڭىزنى سىنايدۇ .
شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى 新疆地方史
بۇ پەننى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەسپىي شىتات ئىمتاھانىدا ئېلىنىدۇ.
يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا مەخسۇس مۇشۇ توغۇرلۇق كىتاپنى ئېلىپ تەييارلىق قىلىش لازىم .
كەسپىي ئەخلاق职业道德
نەزرىۋىيلىك بىلىملەر ، مەخسۇس كىتاپ ئېلىپ تەكرار قىلمىسا جۆيلىگىلى بولماس .
يازغانلىرىم ئىمتاھانغا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشڭىلارغا تۈرۈتكە بولسا ئەجەپ ئەمەس ، تىرىشقاندىلا نەتىجە چىقىدۇ، ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
دۇنيادىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت
دۇنيادىكى 100داڭلىق ئۇنۋىرستىتنى بىلىۋىلىڭ
خارۋارد توغرىسىدا دېيىلىپ كېلىۋاتقان شوئارلار يالغان
جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2014-يىللىق رەت تەرتىپى
دوكتورلۇق ئۈنۋانى ئالغانلارغا تۈركىيىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى
28 نەپەر مىليونېرنى تەربىيلىگەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ
5000نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى بولۇش كېرەك
جۇڭگولۇق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ياخشى ئىكەن
(30-ئىيۇل) سائەت 18:00 دىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە 2-تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدۇ
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
ئەنگىلىيە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› نىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قورقۇنچلۇق يۈز رەڭلىك سىزمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاماكا بارلىققا كەلدى
ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى باش لاگېرى
ئەنگىلىيەلىك ‹‹ئەڭ ئۇزۇن تىللىق ئەر››
گېرمانىيەدە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا چاچ ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بايرىمى
ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا...
