ئابرۇيلۇق ۋە مۈلۈكدار خان جەمەتىنىڭ ئېسلزادىلەرچە تۇرمۇشى جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە كىشىنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلدى. خان جەمەتىدىكى سۇمباتلىقلار تېخىمۇ شۇنداق. قېنى، نەزىرىمىزنى جاھان ئەھلىنىڭ دىققەت مەركەزلىرىدىن بولغان توققۇز نەپەر ئەڭ سۇمباتلىق شاھزادىگە ئاغدۇرۇپ باقايلى:
1.دۇبەي شاھزادىسى شەيىخ خامدان بىن مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەكتۇم (Hamdan bin Mohammed Al Maktoum) لەقىمى: فەززا
دۇبەي خەلىپىسى شەيىخ مۇھەممەدنىڭ ئوغلى، ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدا لوندوندا ئوقۇغان. 2008-يىلى 2-ئايدا دۇبەي ۋەلىئەھدىلىكىگە تەيىنلەنگەن. شېئىرىيەتكە ماھىر، ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ ۋە سەيلى ساياھەتكە خۇشتارلىقى بىلەن داڭ چىقارغان.
2.موناكو شاھزادىسى پېررې رېينىر ستېفانو كاسىراگى(Pierre Rainier Stefano Casiraghi)
موناكونىڭ 2-شاھزادىسى پېررې، نامى ھوللىۋودتا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارالغان موناكو خانىشى گرېس كېيلى ئۇنىڭ مومىسى، پېررې، كېيلىنىڭ چوڭ قىزى مەلىكە كارولىننىڭ چوڭ ئوغلىدۇر. موناكو تەخت ۋارىسلىرى تىزىملىكىدە 4-ئورۇندا. ئىتالىيەدە ئوقۇپ ئىقتىسادشۇناسلىق باكلاۋىرى بولغان، ساكىس چېلىشقا ئامراق، 2009-يىلى، ئاتىسى قۇرغان موناكو قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى ئاتالغان. 2012-يىلى پارىژدا سادىر بولغان قالايمىقانچىلىقتىكى ھۇجۇم سەۋەبلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر نۇقتىسىغا ئايلانغان.
3.شىۋىتسىيە شاھزادىسى كارل فىلىپ ئېدمۇند بېرتىل بېرنادوت ( Carl Philip Edmund Bertil Bernadotte)
شاھزادە كارل فىلىپ شىۋىتسىيە پادىشاھى كارل Ⅵگۇستاۋنىڭ 2- پەرزەنتى، شۇنداقلا بىردىن-بىر ئوغلى. شىۋىتسىيە تەخت ۋارسلىرى تىزىملىكىدە 3-ئورۇندا، شىۋىتسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لىيتېنانتى. ستوكھولىم لايىھەلەش مەكتىۋىدە لايىھىلەش كەسپىدە ئوقۇماقتا. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، شاھزادە كارل فىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل سوفىيە ھېركۇست بىلەن كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
4.رىم شاھزادىسى لورېنزو بېگاس
لورېنزو بېگاسنىڭ ئاتىسى شاھزادە فرانسىس، ئانىسى بولسا خانىش ئاماندا، ئۇلارنىڭ ھۆسن تۈزەش ساھەسىدە داڭقى بار. ئۆز ئىسمىنى قوللانغان «بېگاس» گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى بار. لورېنزو ئامېرىكىدا ئوقۇپ روسلېن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، فۇتھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا MBAدا ئوقوغان. شۇنىڭدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، لورېنزو ئاقسۈڭەك ئەۋلادى بولۇپلا قالماي، داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ۋارىسىدۇر. كېلىشكەن، بويتاق لورېنزو نۇرغۇن ياۋروپا قىزلىرى چۈشىدىمۇ ئويلايدىغان «ئاق ئاتلىق شاھزادە» دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا لورېنزو ئىت بېقىشقا بەك ئامراق.
5.برۇنېي شاھزادىسى ئاچىم
شاھزادە ئاچىم برۇنېي پادىشاھىنىڭ 2-ئوغلى، داڭلىق چولپانلارنى زىياپەتكە چاقىرىشقا خۇشتارلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئەنگىلىيە خانلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفتسېرلار مەكتىپىدە توققۇز ئاي مەشىق قىلماقچى، خەۋىرى ھەر ھەپتىدە چىقىپ تۇرىدۇ.
6.ئىئوردان ۋەلىئەھدىسى ئەلى ھۈسەيىن
ئىئوردانىيە پادىشاھىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەلى ھۈسەيىن، بۇ يىل 20 ياش، ئامېرىكا جورجتون ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتىتىدا ئوقۇماقتا. يېشى چوڭ بولمىسىمۇ، ئىئوردان ئارمىيەسىنىڭ لېيتنانتلىق ئەمىلىگە ئىگە بولۇپ، ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي ۋە ھەربىي سەھنىلەردە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇش ۋە پۇتبول ئويناشقا ھېرىسمەن، ئالىي موتسىكىلىتلارغا ھەۋىسى بار.
7.دانىيە شاھزادىسى يوھاشىم (Joachim)
دانىيە شاھزادىسى يوھاشىم، ئايال پادىشاھ مارگارېت ۋە ھېنرىك شاھزادىنىڭ چوڭ ئوغلى. شاھزادە ھاشىمنىڭ پادىشاھلىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار، ھېربېرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت ئىلمىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، دانىيەدىكى ئارخۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئاسپېرانلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ دانىيە ئارمىيەسىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، 2004-يىلى مارگارېت كاۋالىي بىلەن توي قىلغان، تۆت بالىنىڭ ئاتىسى. كلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سىجىل تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
8.ۋېلش شاھزادىسى ھېنرى جانابلىرى (ئەنگىلىيە)
ۋېلش شاھزادىسى ھېنرى جانابلىرى، تولۇق ئىسمى: ھېنرى چارلېس ئالبېرت داۋىد مونتباتتېن ۋىندسور، لەقىمى: خاررىي شاھزادە، ھازىرقى ئەنگىلىيە ۋەلىئەھدىسى ۋېلش خانزادىسى چارلېس ۋە ۋېلش خانىشى دىياننانىڭ 2-ئوغلى. شاھزادە خاررىي ھازرقى ئەنگىلىيە تەخت ۋارىسلىرى تىزىملىكىدە 4-ئورۇندا، ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 1-چەۋەندازلار ئەترىتىنىڭ ياساۋۇلى، كاپىتانلىق مەرتىۋىسىدە. تەنھەرىكەتكە زور ئىشتىياق باغلىغان.
9.ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىليام
كامبرىج كىنەزى شاھزادە ۋىليامنىڭ تولۇق ئىسمى: ۋىليام ئارتور فىلىپ لۇئىس، ۋىلىش خانزادىسى ۋەلىئەھدى چارلېس بىلەن خانىش دىياننانىڭ چوڭ ئوغلى، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت Ⅱۋە خانزادە فىلىپنىڭ 3-نەۋرىسى. دادىسىدىن قالسىلا ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ 2-نومۇرلۇق ۋارىسى. 2006-يىلى 1-ئايدا، ساندخۇرست ئەنگىلىيە خان جەمەتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاكادىمىيەسى (Royal Military Academy Sandhurst ) گە كىرىپ 44 ھەپتىلىك ئەسكىرىي ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن. 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەنگىلىيە خان جەمەتىگە قاراشلىق ۋېستمىنىستىر چىركاۋىدا كېيت مىدىلتون بىلەن توي قىلغان.