• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئوماقلار ئىجاد قىلغان ئوماق سۆزلەر

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-05-10
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قىزىمنىڭ تىلى چىقىپ ھازىر پۈتۈن پۈتۈن, خۇددى چوڭ ئادەەملەردەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى, ئۇ كىچىككىنە تۇرۇپ چوڭ ئادەملەردەك سۆزلىگەنسىرى ئۇنىڭ تىلى ئەمدىلا چىقىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا دەيدىغان, پەقەت ئانىسى بىلەن مەنلا چۈشىنەلەيدىغان ھىلىقى تاتلىق سۆزلىرىنى ئەسلەپ كاللامنى ئارام ئالدۇرىدىغان ۋە شۇ سۆزلىرىنى سىغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزەم ۋە قىرىنداش ئىنى سىڭىللىرىم كىچىكىدە سۆزلەيدىغان شۇنداق ئوماق سۆزلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھلىرىنى مىسرانىمغا تاشلاپ تور ئەھلى بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش ۋە شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئاشۇنداق كەشپىياتلارنى تاشلاپ ھەممەيلەننىڭ كەپيىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈمىدىدە بۇ تىمىنى يازدىم.
    1- مەن كىچىك ۋاقتىدا مەھەللىدە قىزلار توخو پىيىدە تەپكۈچ ياساپ ئوينايدىغان, تەپكۈچ ياسايدىغان توخو پىيىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنلىرىنى سۇلايمان تۈك دەپ ئاتايتتىكەنتۇق. يىڭى تىلىم چىققان ۋاقىتلاردا مەن ئاشۇ خوراز پىيىنى بارماقلىرىم ئارىسىدا سىيرىپ تۇرۇپ: سۇلايمان, سۇلايمان, ئۇلۇپاتتاڭ ئۇلايمان, ( سۇلايمان, سۇلايمان, ئۈزۈلۈپ كەتسەڭ ئۇلايمەن. ) دەپ ئوينايتتىمكەن.
    2- ئىنىمنىڭ تىلى يىڭى چىققان ۋاقىتلاردا غەرپكە ساياھەت فىلىمىنى تولا بىرەتتى تىلۋىزوردا, قانداق بىلىپ قالغانلىقى نامەلۇم, دادام ئۇنىڭدىن : بالام, جۇباجىي نىمىش قىلىدۇ دەپ سورىسا ئىنىم: خولەك تاتىدۇ, ( خورەك تارتىدۇ ) دەپ جاۋاپ بىرەتتى.
    3- چوڭ ھەدەمنىڭ بىر قىزى يىڭى تىلى چىققان ۋاقىتلاردا ناننى شىكەر سۈيىگە چىلاپ بىرىپ ئادەتلەندۈرۈپتىكەن, ئۇ قورسىقى ئاچسىلا, نان, كە, قوش ( نان, شىكەر, قوشۇق ) دەپ تۇرۇۋالاتتى دە بىز ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقىنى بىلەتتۇق.
    4- چوڭ ھەدەمنىڭ يەنە بىر قىزى بولسا مايمۇننى ( مون ), كىچىك تەرەت قىلغۇسى كەلسە ( ئىلدوك), قوشۇقنى ( بىلدىك ) دەيدىغان.
    5- مىنىڭ قىزىم ئاشۇنداق تاتلىق ۋاقىتلىرىدا گۆشنى تىتى, ئاياقنى پىتى دەپ ئاتايتتى, ئاپىسى سەي قورۇۋاتسا, ماڭا تىتى بىيىڭە ئاپا دەپ قىشىدا تەلمۈرۈپ تۇرۇۋالاتتى. بىر قىتىم ئۇ ئايىقىنى كىيەلمەي ( پىتى پاتاممىدى ) دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتكەنىدى, شۇ گىپىنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۈلۈپ ئاغزىم يۇمۇلماي قالىدۇ.
    قىنى مەرھەمەت كۆپچىلىك ئەمدى سىلەر ۋە ئەتراپىڭلاردىكىلەرنىڭ ئوماق سۆيۈملۈك كەشپىياتلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاشقا باشلاڭلار ئەمىسە !!! N48ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز