• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • موتوسىكىلىتنىڭ تورموزى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-05-10
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2dxئاقيول تور بىكىتى

    2dxئاقيول تور بىكىتى

    بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى يىڭى سېتىۋالغان ئېسىل پىكاپىنى ھەيدەپ كىتىۋاتسا, موتىسىكىلىت مىنگەن بىر بالا كەينىدىن يىتىشىپ كىلىپ:
    - ئەپەندىم, سىز موتوسىكىلىت مېنىشنى بىلەمسىز? -دەپ سورغان پىتى, قۇيۇندەك ئۆتۇپ كېتىپتۇ.
    دېرىكتور: «ماۋۇنىڭ پوچىلىقىنى قارمامدىغان!  مەن موتىسىكىلىت مېنىپ يۇرگەندە, سەن تېخى ئېغى ئوچۇق ئېشتان كىيىپ يۇرگەن بوغىيتىڭ» دەپ ئويلاپ, ئاچچىقىدا ماينى بولۇشىغا دەسسەپ, بىر دەمدىلا موتوسىكىلىتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يىتىشىۋاپتۇ.
    بۇ چاغدا موتىسىكىلىت ئۈستىدىكى بالا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭدىن يەنە:
    - ئەپەندىم, سىز موتىسىكىلىت مېنىشنى بىلەمسىز? -دەپ سوراپتۇ -دە, تېخىمۇ تېز سۇرئەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ كىتىپتۇ.
    بۇ قىتىم دېرىكتۇرنىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ ۋە ماينى بار كۇچى بىلەن دەسسەپ, موتوسىكىلىتنىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ. بىر ئايلانمىغا كەلسە, ھېلىقى بالا موتوسىكىلىتتىن يىقىلىپ, باش-كۆزى قان ھالدا ئىڭراپ ياتقۇدەك. دېرىكتور بۇنى كۆرۇپ مەسخىرە تەلەپپۇزىدا:
    - ھە, موتوسىكىلىت مېنىشنى بىلىدىغان نوچى, ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ?
    - ئەپەندىم, بۇ مېنىڭ تۇنجى قىتىم موتوسىكىلىت مېنىشىنم ئىدى, مەن ئەسلى سىزدىن موتوسىكىلىتنىڭ تورموزىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقىنى سورىماقچى ئېدىم...
    ئادىرسىمىز