بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ ، قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە تەپتارتماي چېقىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ چېكىگە قەستەن تەگدى. يېقىندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى شىنجاڭدىكى 22 مىليون ھەر مىللەت ئامما ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى .
باش شۇجى شى جىنپىڭ 28–ئىيۇن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار 29–ئىيۇن شىنجاڭغا كېلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ ، مەركەزنىڭ روھىنى يەتكۈزدى . بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك .
خەلقنىڭ ھاياتى ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتىي، بىخەتەرلىكىنى قوغداش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. زوراۋان – تېررورچىلار يەرلىكتىكى ساقچىخانا، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىشچىلىرى قۇرۇلۇش مەيدانىغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ ۋەھشىي قىلمىشلىرى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇ قېتىمقى ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يۈز بەردى، ئەمما بۇ مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس. جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئامما ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، قانۇن بىلەن ھېسابلاشماي، زوراۋانلىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىقى تىپىك تېررورلۇق ھەرىكىتى. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قانداق بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بۇنداق قانلىق زوراۋانلىقنى ئەيىبلىمەي قالمايدۇ؛ قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت ئۆز دۆلىتىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى مەيلىگە قويۇۋەتمەيدۇ، يۇمشاق قوللۇق قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. شىنجاڭدا دەھشەتلىك زوراۋانلىق دېلوسىنى پەيدا قىلغان تېررورچىلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىكىگە قارشى چىقتى. ئۇلار ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
جىسمانىي بىخەتەرلىك خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى. ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات ۋە ئارزۇدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولدى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، بۇ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، مەدەنىي تەرتىپكە ئېغىر چېقىلغانلىق. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تەھدىت سالىدىغان رېئال خەۋپكە ئايلاندى. بۇنداق زوراۋانلىق مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، خەلقنى قانداقمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئىجتىمائىي ئادىللىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى بولامدۇ؟ زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، بارلىق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن خەلق خاتىرجەم، جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئەمما چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر يەنىلا ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلە تېخى نېگىزىدىن ھەل قىلىنمىدى؛ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى يەنىلا زور خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېڭىنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى ھاسىل قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان پولات سېپىل شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.