سۈرەتتە 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سەھەر سائەت بىردىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، قولىغا پىچاق ۋە كالتەك ئېلىۋېلىشقان بەش نەپەر نىقابلىق ئەر، ئۈرۈمچى شەھىرى جياڭسۇ شەرقىي يولىدىكى بىر پۇت يۇيۇش دۇكىنىغا بۆسۈپ كىرىپ، چاقچاق قىلدى، قىسقىغىنا 30 سېكونت ئىچىدە، پۇت يۇيۇش دۇكىنىنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتتى
شۇ كۈنى چۈشتە مۇخبىر بۇ پۇت يۇيۇش دۇكىنىدا شۇنى كۆردىكى، زالدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلار ۋە تەشۋىقات تاختىيى بىر تەرەپكە دۆۋىلەپ قويۇلغان، گۈل تەشتەكلىرى چېقىلغان. پۇت يۇيۇش دۇكىنىنىڭ سىن لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەر سائەت بىردىن 29 مىنۇت 40 سېكونت ئۆتكەندە، بەش نەپەر ئەر ئېغىزىغا ماسكا تاقاپ، قارا كۆزئەينەك تاقاپ، قولى بىلەن مەيدىسىنى تۇتقىنىچە پۇت يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت كىشى ئۈستىگە قارا رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان، بىر كىشى بولسا ئاق كۆڭلەڭ كىيىۋالغان. سائەت بىردىن 29 مىنۇت 43 سېكونت ئۆتكەندە، بەش كىشى پۇت يۇيۇش دۇكىنىغا كىرىپ، مەيدىسىگە يوشۇرۇۋالغان، 30 نەچچە سانتىمېترلىق پىچاق ۋە بىر مېترلىق كالتەكنى چىقىرىشقان، پۇكەيدىكى بىر نەچچە مۇلازىمەتچى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، ھەمدە 2 – قەۋەتكە چىقىشقان. بىردىن 29 مىنۇت 47 سېكونت ئۆتكەندە، بۇ بەش كىشى زالدىكى نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چېقىشقا باشلىغان. بىردىن 30 مىنۇت 7 سېكونت ئۆتكەندە، بۇ كىشىلەر پۇت يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ، كېتىپ قالغان.
مەزكۇر پۇت يۇيۇش ئورنىنىڭ خوجايىنى يۈدۇڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پۇت يۇيۇش دۇكىنىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق بولۇپ، قائىدىلىك توغرا سودا قىلىدىكەن، ھېچقانداق كىشى بىلەن ئۆچ ئاداۋىتى يوق ئىكەن، بىردىن بىر گۇمانلىنىدىغان ئىش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ دۇكانغا كەلگەن بىر نەچچە ئىستېمالچى خىزمەتچى خادىملار بىلەن جېدەللىشىپ قالغان، ھەمدە پۇت يۇيۇش دۇكىنىنىڭ بىر دېرىكتورىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويغان. بۇ بەش كىشىنىڭ سالاھىيىتىگە قارىتا، ئۇنىڭ گۇمانىچە،چۈشتىن كېيىنكى شۇ خېرىدار ئادەم ياللاپ ئۆچ ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئادەم بۇلاپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسغا ئوت كەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭدا 52كىلوگىراملىق كاۋا بايقالدى
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە توردا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا››
ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەشنى كۈچەيىتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
