6- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 17:10 دا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى سانجى شەھىرى مىئارگۇۋ مەنزىرە رايۇنىدا بىر قېتىملىق ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، بىر دانە ساياھەت ئاپتوبوسى تۇمان سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كېتىپ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەن . 19- ئىيون سائەت 02:30 غىچە ، ۋەقەدە قازا قىلغان ئادەم سانى 15 كە ، يارلانغان ئادەم سانى 21 گە يەتتى . خەۋەردە ئاپتوبوس ئىچىدىكىلەر ھەممىسى بىر ئەر شوپۇردىن باشقا ھەممىسى ئاياللار دىيىلگەن .
ئىگىلىنىىشچە ، ئاپتوبوستىكى ئاياللار شىنجاڭ سانجى فېڭما سەيفۇ سودا سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولۇپ ، بۇ سودا ساراي 354 خىزمەتچى خادىمنى 10 ئاپتوبوسقا ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇپ سانجىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايۇنىغا ساياھەتكە ئېلىپ بارغان . ۋەقەگە ئۇچرىغان ئاپتوبوستا بىر ئەر شوپۇردىن باشقا 35 ئايال خىزمەتچى خادىم ئولتۇرغان بولۇپ ، ئاپتوبوس تاغ يولىدىن كېتىۋاتقاندا ، قۇيۇق تۇمان سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كېتىپ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەن .
ھازىرىغىچە ، 15 ئادەم قازا قىلدى ، 21 ئادەم يارلاندى . يارىدار ئۈرۈمچى ، سانجى قاتارلىق رايۇنلارنىڭ ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلىرىغا ئېلىپ بېرىلدى . يارىدارلار ئايرىم - ئايرىم : خېجىيا ، ماشياۋيەن ، چىڭخۇڭ ، ماۋېيۋېي ، چىن فاڭرۇڭ ، جاڭ جىنبېي ، ما خەيرۇڭ ( ئەر ، شوپۇر ) ، جاڭ شىياۋمېڭ ، دەن جىمېڭ ، جاۋ جىڭ ، يېشىيافان ، جۇۋ جىيا ، لىتىيەنيۇۋ ، جۇۋيۇڭ ، شىيايۇڭخۇڭ ، لىيۇۋلىي ، جاۋيەنلى ، فەنشىمېي ، جاۋجىيەنيۇڭ ، لىيەن قاتارلىقلار .
ۋەقەدىكى ئاپتوبوسنى ھەيدىگەن شوپۇر ئەر ، ئىسمى ماخەيرۇڭ ، سانجى شەھىرىدىن ، ئۇ 21 يارلانغۇچى ئىچىدىكى بىر يارلانغۇچى . ھازىر سانجى شەھىرى خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلماقتا . ۋەقەدىكى ئاپتوبوس ئادەتتىكى يولۇچىلار ئاپتوبوسى بولۇپ ، ساياھەتكە ئىشلىتىدىغان 37 كىشىلىك ئاپتوبوسقا ، 36 ئادەم سېلىنغان . سۇغۇرتا ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئىنتايىن نورمال .
سانجى شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ، يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە مەخسوس خىزمەت گۇرۇپپىسى تۈزۈپ چىقىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان . داۋالاش تارماقلىرىمۇ دەل ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان . سانجى شەھەرلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ، قاتناش ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى نەق مەيدانغا كىلىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان . نەق مەيداندا قاتناشنى تەرتىپكە سېلىپ ، نەق مەيداندىكى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان . ۋەقەدىكى ئاپتوموبىل تەۋە بولغان ساياھەت شىركىتىنىڭ مەسئولى نازارەتكە ئېلىنغان . گۇرۇپپا تەشكىللەپ قازا قىلغانلارنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش سالايھىتىنى بېكىتكەن . ھەمدە قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان . ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەل ۋاقتىدا يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئادەم بۇلاپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسغا ئوت كەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭدا 52كىلوگىراملىق كاۋا بايقالدى
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە توردا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا››
ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەشنى كۈچەيىتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
