شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېشكەك، 26 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بۈگۈن قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار زور مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار چوڭ ئىشلاردا ماسلىشىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال ھەم مۇھىم رول ئوينىدى.
بۇ يىغىننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا 2012 – يىلى 4 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر خۇلاسىلەندى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرى ئارىسىدىكى كەلگۈسى ھەمكارلىق تەرەققىياتى، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ 2014 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىلانى›› تەستىقلاندى ھەم ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى قوشما ئاخباراتى›› ئىمزالاندى.
ياپۇنىيە ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
ھىندىستان ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىنى رەسمىي سۇغا چۈشۈردى
تايلاند تىك ئۇچارى جىددىي قونغانلىق سەۋەبىدىن 5 نەپەر ئەسكەر يارلانغان
روسىيە ئافغانىستانغا /"M/" تىك ئۇچار ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدىغان بولدى
پاكىستاندا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 20 ئادەم قازا قىلدى
كورېيەدە چۇنچون جېڭىنىڭ 63 يىللىقى خاتىرىلەندى
روسىيە بىر تۇركۇم قۇراللىق تىك ئۇچارنى ئېراققا سېتىپ بەرمەكچى
روسىيە ۋولگا دەرياسى بويلىرىدىكى ئوق دورا سىناق قىلىش مەيدانى پارتىلاپ كىتىپ 33 ئادەم يارلانغان 6500 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان
19 دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئىئوردانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا بەدىنىدىكى بومبا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا چۇۋۇلدى
ياپۇنىيە ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
ئالىملار نۇر چىقىرىدىغان توشقان يېتىلدۈرۈپ چىقتى
ھىندىستان ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىنى رەسمىي سۇغا چۈشۈردى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
تۆنۈگۈن ئاخشام سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ئاي كۆرۈلمىدى
ئادىلجان مەمتىمىن سەنئەت كېچىلىكى پىلاستىنكىسى تارقىتىلدى
ھېيت بەزمىسى، شادلىق نەغمىسى
ئەخمەتجان رىشىت ئىجراسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىجادى ناخشا - ئالىمەن جاۋاپ
ئەرافات خەمىت ئىجىراسىدىكى <مەن كېتەي >ناملىق2013 DVD پىلاستىنكىسى پات يېقىندا بازارغا سېلىنىدۇ
ئالما تېلىۋىزورى iTV ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئۇچۇرلار
