ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراق سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، چاۋشيەن بىلەن قورال سودىسى قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالمان ئابدۇللايىۋ 20-ماي نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا ئەزەربەيجاننىڭ چاۋشيەندىن قورال سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېدى. ئۇ باكۇ تەرەپ بۇ خەۋەرنىڭ قانداق قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە دېدى.
ئەزەربەيجان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر شارىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق تاراتقۇلار 19-ماي خەۋەر ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن شىركەتلىرى ئەزەربەيجانغا 70 يۈرۈش ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بەرمەكچى بولدى، بۇ خەۋەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ دېگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا ئاساسەن، ناگورنو-قاراباخ توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ بولغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەگە قورال سېتىش چەكلەنگەن. يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەننى ھەربىي جازالاش پائالىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتى ئاشكارىلاندى. بۇ دوكلاتتا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولغان ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستان قورال سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، چاۋشيەن بىلەن قورال سودىسى قىلدى دېيىلگەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقى بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى جازالاشقا نازارەتچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئىگە بولدۇق دېدى. بۇ دوكلاتتا ئەزەربەيجاننىڭ چاۋشيەندىن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئالاھىدە كۆرسىتىلدى. بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر كومىتېت چاۋشيەن كانچىلىق تەرەققىيات گۇرۇھىغا قاراشلىق شىركەت، چاۋشيەن سودا شىركىتى خېسوڭنى جازالاش تەكلىپىنى بەردى، بۇ شىركەتلەر ئەزەربەيجانغا 70 يۈرۈش ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بەرمەكچى بولغان دەپ ئەيىبلەندى. 2012-يىلى ئەنگلىيەلىك قورال-ياراق سودىگىرى مايكول لىنتىروي ئەزەربەيجانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتماقچى بولغان دەپ ئەيىبلەنگەن، ئەنگلىيە تەپتىش ئورگىنى مايكول لىنتىروينىڭ ئەزەربەيجاندىكى بەزى ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.