بىيجىڭ ۋاقتى8-ئاينىڭ2-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت2:30 ،مىيۇنخىن پۇتبۇل مەيدانىدا،گىرمانىيە كۈچلۈك چولپانلار كوماندىسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى بىلەن ئوۋدى لوڭقىسىنى تالىشىش جىڭى ئىلىپ باردى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا،بايرىن كۇلۇبى ئاساسەن دىگۈدەك ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى،لىكىن نومۇر ئالالمىدى،ئىككى تەرەپ نومۇر ئالالماي دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.كىيىنكى يېرىم مەيداندا نېگرىدو تىز قايتۇرما ھۇجۇم پۇرستىدىن پايدىلىنىپ سۈرئىتى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى،شۇنىڭ بىلەن مانچىستىر كۇلۇبى0-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى.لىكىن بايرىن كۇلۇبى توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ 5 مىنۇت ئىچىدىلا نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرۋالدى،موللىر نۇقتا توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كۇلۇبنىڭ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرگەن.ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە موللىر سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان مەنزۇنىچغا پاس چىقىرىپ بېرىپ ئۇنىڭ توپ كىرگۈزىشىگە ياردەم بەرگەن،بايرىن كۇلۇبى نومۇرىنى مانچسىتىر شەھەر كۇلۇبىنىڭكىدىن ئاشۇرغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بايرىن ئۆز مەيدانىدا 1-2 نەتىجە بىلەن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبىنى ئۇتۇپ ئوۋدى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.

بايرىن ۋە مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئىككىلىسىلا ئوۋدى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان،تۇنجى قىتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە،مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى يىڭى تېرىنىر پىلەيگىلىنىڭ يىتەكلىشىدە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھۇجۇملارنى قوزغىغان ئىدى،مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكىACمىلان كوماندىسىغا ساراڭلەرچە 5 توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان.گەرچەACمىلان كۇلۇبىمۇ تىرشىپ مىڭ تەسلىكتە 3 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ لىكىن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى.ئۆز مەيدانىدا ئوينىغان بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىمۇ ياخشى بولغان ئىپادىلەرنى كۆرسەتكەن ،بىرازىلىيەنىڭ شىڭباۋلو كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە يەنە بايرىن كۇلۇبى مۇسابىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەڭشىۋالغان ئىدى،قارشى تەرەپ ۋاراتارسى چېنىنىڭ ئپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىغان بولسا بايرىن2 توپ ئەمەس ئۇنىڭدىن كۆپرەك توپ كىرگۈزۈشى تۇرغانلا گەپ ئىدى،نويىرمۇ ئاز بولمىغان كۈچلەرنى چىقارغان بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ بىر نۇقتا توپنى توسوپ قىلىپ شىڭباۋلو كوماندىسىنىڭ نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈمۈدىنى يوق قىلغان ئىدى،شۇنداق دىيەلەيمىزكى،بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى تەرەپنىڭ ھۇجۇممىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان مۇسابىقە بولغان ئىدى.
روبىن شۇنى كۈنى بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ماھىرى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە،ئىككىلى كوماندىنىڭ سەپ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان .بايرىن كۇلۇبى بولسا،گۇۋادىئولانىڭ ئامراق ماھىرى دىياگو قايتىدىن قايتىپ كىلىپ كىروس بىلەن ئوتتۇر مەيداندا،شىيىشىتەيگىر ئارقا بەل مۇداپىيە رايونىدا،كوماندىنىڭ كاپىتانى رام ئۆز ئورنى يەنى ئوڭ بېك رايونىغا قايتقان ئىدى.ھۇجۇمچىلار سىپىدە بولسا،يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن مەنزۇنىچ يەنىلە سەپلىمە ئەزا ئوررۇندىقىدا،موللىر يالغۇز ھۇجۇمچى رايونىدا چىققان ئىدى.گۇۋادىئولا بولسا يەنە كۆپ ھۇجۇمچى يوق تاكتىكىسىنى ئىشلەتكەن ئىدى.مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى بولسا،پىلەيگىلى 3بېكنى4 بېكقا كۆپەيتكەن ئىدى،كاپىتان كومپانى بىلەن كىچىك ماھىر بوياتا ئوتتۇر بېكتا،ئوتتۇر مەيداندا بولسا يىڭى ماھىر فىرنەندىئو ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە ،يۆدىۋىچ بولسا ئالدى بەل ھۇجۇمچى رايونىدا،نېگرىدو بولسا ئوتتۇر ھۇجۇمچىلىقتا مەيدانغا چىققان ئىدى،يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن جىكو بولسا سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئىدى.
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىئىيتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلەن غۇلجا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى
بايرىن كۇلۇبى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئۇتۇپ يەنە چېمپىيون بولدى
ياپۇنيە توپ مەستانىلىرى ياپۇنيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن
ياپۇنيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە 1-1 نەتىجە بىلەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىزىلغان
مانچېستىر كوماندىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى چىقىمى ئېشىپ كەتتى.
پېلى: ئىتالىيە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن
ئىسپانىيە كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن ئېرلاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئېكۋاتور پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى
دوسلۇق مۇسابىقىسى: جۇڭگو كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىئىيتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالدىنقى ئۈچ ماھىرنىڭ تىزىملىكى ئىلان قىلىندى
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلەن غۇلجا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى
بايرىن كۇلۇبى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئۇتۇپ يەنە چېمپىيون بولدى
باتۇر «گۇاڭخۇي» كوماندىسى بىلەن خوشلىشىدىكەن
نېيمال بارسېلونا كۇلۇبىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى
ياپۇنيە توپ مەستانىلىرى ياپۇنيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن
ياپۇنيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە 1-1 نەتىجە بىلەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىزىلغان
مانچېستىر كوماندىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى چىقىمى ئېشىپ كەتتى.
پېلى: ئىتالىيە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن