
توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا نېيمال يىڭى كۇلۇب يەنى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن تۇنجى قىتىم مۇسابىقە ئوينىدى.7-ئاينىڭ31-كۈنى،بارسېلونا 2-2 نەتىجە گېدەنسىكىلىس بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىنىڭ 79 مىنۇتىدا نېيمال مەيدانغا چىقتى،مۇسابىقە ئاياقلىشىتىن بۇرۇن ئۇ سەپداشلىرىغا ياخش بولغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن،لىكىن قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشغا ئۇچرىغان.
10 نەپەر بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار كۇلۇبقا قايتقان،نېيمال بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر پولشاغا كىلىپ بۇ مۇسابىقىغا قاتناشقان ماھىر.مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىش چىقماسلىق توغرىسىدا قىياس قىلىشقان،كۆپچىلىك بىردەك ئۇنى سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ دەپ قارىغان، كۆپچىلكنىڭ قىياس قىلغىنىغا ئوخشاش ئۇ سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىدىكى ھاياتىنى باشلىغان.ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،كۆپچىلىكنىڭ قىياس قىلغىنى توغرا چىققان.
بىرىنچى مەيدان بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بىلەن ئوينىغاندا،يېرىم مەيدان تۇگىگەندە،11 ماھىر تۇلۇق ئالماشقان؛ئىككىنچى مەيدان ۋالۈلۈنجا بىلەن ئوينىغاندا،يېرىم مەيدان ئاياقلاشقاندا،بارسېلونا كۇلۇبى 3 لا ماھىر ئالماشتۇرغان(دوڭگىر بىلەن سانپىيىر،ئوۋيىر بىلەن مېسسى،سوڭ بىلەن پىنتو).بۇگۈنكى مۇسابىقىدە يەنى گېدەنسىكىلىس بىلەن ئوينىغاندا،يېرىم مەيداندا پەقەت بىر ۋاراتارنىلا ئالماشتۇرۇپ،نېيمالنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتىنى ئالدىغان سۈرگەن.
مارادوننا،رومارىئو،رىۋاردو،رونالدىنخو قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق چولپانلار بارسېلوناغا كەلگەندە ھەممىسى دىگۈدەك ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان،بۇگۈن نېيمال بولسا سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە چىققان.يىقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانبارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يىڭى ماھىرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سەپلىمە ئەزا سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى مەيدانىنى ئوينغان،يايا-تۇرى ۋە ئالۋىسمۇ بۇلارنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
توپ مەستانىلىرىنىڭ چىرقىراشلىرى ئارقىسىدا،مۇسابىقىنىڭ كىينكى 15 مىنۇتىدا ،نېيمالنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان.ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى تېخنىكىسىنى ئۈچ قىتىم نامايەن قىلغان،بىرىنچى قىتىم بولسا؛توپ ئىلىپ مىڭىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن لىكىن قارشى تەرەپ ماھىرى ئۇنى يان تەرەپتىن سوققان،نېيمال كونتىرۇللىقىنى يوقۇتۇپ يىقىلاي يىقىلاي دەپ ئۆزىنى ئاران توختىتىۋالغان،ئىككىچنى قىتىم بولسا؛يەنە توپنى ئىلىپ مىڭىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە سىپىنى بۆسۈپ ئۆتكەن لىكىن يەنىلا قارشى تەرەپ بېكى ئۇنى پۇتلاپ يىقىتىۋەتكەن،باش رېپىر پۈشتەك چالمىغان.
ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالدىنقى ئۈچ ماھىرنىڭ تىزىملىكى ئىلان قىلىندى
باتۇر «گۇاڭخۇي» كوماندىسى بىلەن خوشلىشىدىكەن
نېيمال بارسېلونا كۇلۇبىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى
‹‹يۇۋىنتۇس›› كوماندىسى ئۈزۈپ چىقتى
‹‹ئاجاكىس›› كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىدى
OSullivan چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نەق مەيداندا ئايالى ۋە ئوغىلى بىلەن تەبرىكلىگەن
سەككىز كۈچلۈك كوماندا ۋۇجۇدقا چىقتى
ئىسپانىيە F1 مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
نەنجىڭ ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە ئوت تۇتاشتۇرۇلدى
تايسىن گەي چېمپىيون بولدى
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىئىيتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالدىنقى ئۈچ ماھىرنىڭ تىزىملىكى ئىلان قىلىندى
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلەن غۇلجا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى
بايرىن كۇلۇبى مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى ئۇتۇپ يەنە چېمپىيون بولدى
باتۇر «گۇاڭخۇي» كوماندىسى بىلەن خوشلىشىدىكەن
نېيمال بارسېلونا كۇلۇبىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى
ياپۇنيە توپ مەستانىلىرى ياپۇنيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن
ياپۇنيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە 1-1 نەتىجە بىلەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىزىلغان
مانچېستىر كوماندىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى چىقىمى ئېشىپ كەتتى.
پېلى: ئىتالىيە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن