مېسسى،كىرىستىيانو.رونالدو ۋە رىبىرىلار 2013-2012 يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپادىكى ئالدىنقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلار تىزىملىكىدن ئورۇن ئالدى،بىلەت تاشلاش ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن،ئەڭ ئاخىردىكى نەتىجە 8-ئاينىڭ29-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
ياۋرۇپا شۇ جاي ۋاقتى8-ئاينىڭ6-كۈنى كەچتە،ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى 2013-2012 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىنى ئېلان قىلغان،مېسسى،كىرىستىيانو.رونالدو ۋە رىبىرىلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.
ياۋرۇپا مۇخبىرلىرى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق،ئالدىنقى ئۈچ ماھىرنى سايلاپ چىققان،ئەڭ ئاخىردىكى نەتىجە 8-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى موناگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرۇپا كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىىسىنىڭ گۇرۇپپا ئايرىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.بۇ ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرنى تاللاش مۇراسىمىنىڭ ئۈچۈنچى قىتىم ئۆتكۈزۈلىشى بولۇپ ئالدىنقى ئىككى قىتىمنى ئايرىم ئايرىم ھالدا مېسسى ۋە يىنىستا ئالغان.
ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلى مېسسى بارسېلونا كۇلۇبىغا ياردەملىشىپ ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە 46 توپ كىرگۈزگەن،رونالدو12 توپ بىلەن ياۋرۇپادىكى ئەڭ مونەۋۋەر مەرگەن بولغان،رىبىرى بولسا بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى ياردەملىشىپ ياۋرۇپا كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى ئالغان.
تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،ئالدىنقى ئون ماھىرلار ئىچىدە،گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن بەش نەپەر،ئېنگىلاند دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن ئىككى نەپەر،فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىن بىر نەپەر ماھىر بۇ قىتملىق تاللاشقا كىرگەن ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن بولسا بىرمۇ ماھىر كىرەلمىگەن.
تۆتىنچىدىن ئونىنچى تەرتىپكىچە رەت تەرتىپى بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لەيۋەندوفىسكى،روبىن،موللىر،بىيىل،سىيىنسىتايگىر،ئىبراھىمموۋىچ،ۋان پىرىس قاتارلىقلار.