تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
FIgئاقيول تور بىكىتى
كومپيۇتېر(Computer)ساز بولمىسا ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ، ئەمدىلا قوزغىلىپ ئۆچۈپ قالسا، ئېكران ئۆزىچە كۆكىرىپ قالسا، ئىچىگە چاشقان كىرىۋالغاندەك سەت ئاۋاز چىقسا، بولۇپمۇ ئېشەك ھارۋىسىدەك قەدەمدە بىر ئىنجىقلاپ تۇرسا ئادەمنىڭ ئاچچىقى ھەرگىز بوش كەلمەيدۇ. نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ ئالغان كومپيۇتېر كۆزىمىزگە جىن كۆرۈنىدۇ. مېنىڭچە، ھازىرغىچە كۆپ قىسىم دوستلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان مەسىلىنىڭ بىرى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كومپيۇتېرى سۈرئىتىنىڭ تاشپاقىغا ئايلىنىپ قېلىشى بولسا كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كومپيۇتېرنى يۇلۇپ تارتىپلا 10- قەۋەتتىن يەرگە پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتكۈسى كېلىدۇ. بەلكىم مۇشۇنداق تەلۋىلەرمۇ باردۇ، ئەمما نېمىلا بولمىسا نەق پۇلغا ئالغاندىكىن يەنە يۈرەكنىڭ بىر يەرلىرى تارتىشىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ سۈرئىتىنى تىنچ يول بىلەن تىزلىتىۋېلىشنى، ھەممە ئىشنى مۇشۇنداق ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەگەر سىز مۇشۇنداق باش قېتىقچىلىقتا قالغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ بېقىڭ، بەلكىم تاشپاقا كومپيۇتېرىڭىز قارا يورغىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
1. ئۈستەل يۈزىدە نەرسىلەر كۆپمۇ؟
بەزىلەر كومپيۇتېرنىڭ ئۈستەل يۈزىنى خۇددى ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇۋەرسە بولىدىغان ئەسكى تاختىغا ئوخشىتىۋالغان. شۇڭا ئۇ يەرگە كۆزىگە نېمە چېلىقسا شۇنى تاشلاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي بەئەينى ئەخلەت ساندۇقىغا ئوخشاش قالىدۇ. ئەمدىكى گەپ، كومپيۇتېر ھەر قېتىم قوزغالغاندا بۇ يەردىكى ئوقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يوقلاپ چىقىدۇ، ھەممىسىنى يوقلاش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۈرئەت تەبىئىيلا ئاستىلايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۈستەل يۈزىدە «مېنىڭ كومپيۇتېرىم» (计算机) بىلەن «ئەخلەت ساندۇقى» (回收站) باشقا ھېچنېمە قويماڭ، ئۇ ھۆججەتلىرىڭىزنى D ،E ،F دىسكىلارغا ئايرىم مۇندەرىجە قۇرۇپ ساقلىۋېلىڭ، كېيىن لازىم بولغاندا ئاسانلا تاپالايسىز.
2. C دىسكىدىكى نەرسىلەر كۆپمۇ ئەمەسمۇ؟
بۇنىڭغا نۇرغۇن تورداشلار دىققەت قىلمايدۇ، مەيلى توردىن چۈشۈرگەن ياكى بارماق دىسكا بىلەن كومپيۇتېرغا قاچىلىغان ھەممە نەرسىنى ئاساسەن مۇشۇ قۇلىقى يۇمشاق قازناققا قاچىلاپ ئادەتلەنگەن. بۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ دىسكىدا سىزگە خىزمەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بار بولۇپ، باشقا ئەلەي-بەلەي، تۆمۈر-قەلەيلەرنى قاچىلىۋالسىڭىز ئات ئالدىغا ئېشەك ئۆتىۋالغاندەك ئىش بولىدۇ-دە، كومپيۇتېر تەبىئىيلا ئاستىلايدۇ، بىرەر نەرسە ئاچماقچى بولسىڭىز، ئامال يوق ئېكراندىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرىسىز. شۇڭا بۇ دىسكىغا مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا ھېچنېمە قاچىلىماڭ. شۇڭا ئىچىدىكى باشقا دىسكىلاردا تۇرسىمۇ بولۇۋېرىدىغان نەرسىلەرنى چوقۇم بۇ يەردىن يوقىتىڭ.
3. كومپيۇتېرغا ۋىرۇس كىرىۋالدىمۇ-يوق؟
بۇ نەرسىنى ئاددى گۆش كۆزلەر بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى تېخى ۋىرۇسخۇرلار بىلەنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بەزىلىرى كومپىيۇتېرىڭىز كىرىلىپ، قىشنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەتىيازدا ھەممە ھۆججەتلىرىڭىزنى ئەخلەتكە ئايلاندۇرۋېتىدۇ. بىچارە كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئاخىرى بالنىستتا يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى، ۋىرۇسلارنىڭ يامانلىشىشغا ئەگىشىپ، ۋىرۇسخۇرلارمۇ ئاقسالىشىپ كەتتى. %100 بولمىسۇن، ئەمما ئەڭ يۇقىرى چەكتە كومپىيۇتېرنى كۈتۈلمىگەن ھۇجۇمدىن ساقلايدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېرىڭىز كۈندە بىر بولمىسىمۇ، ئىككى كۈندە بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇڭ، بىز بۇ يەردە بىر قىسىم ۋىرۇسخۇرلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز، ئەمما قاچىلاپ ئىشلىتىش يەنىلا ئۆزىڭىزدە.
بۇلار: جىنشەن دۇبا (Kingsoft Antivirus)، رۈي شىڭ (Rising)، كاسپېرسكىي (Kaspersky) ۋە 360 ۋىرۇسخۇرى(QIHU360)
بۇلارنىڭ خالىغان بىرىنى قاچىلاپ، كومپىيۇتېرىڭىزنى تازىلىغىلى سالسىڭىز، ئەگەر دەششەت يامان ۋىرۇس بولمىسىلا، بۇلار بىر پەشۋادىلا يېقىتالايدۇ.
4. باش تىزىملىكىدىن ئىجىرا قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ، ئۇ جايغا «msconfig» نى كىرگۈزۈڭ، ئاندىن قوزغالغان تۈرلەر ئىچىدىن قوزغالمىسىمۇ بولىدىغان بىر قىسىملىرىنىڭ ئالدىدىكى ئىلمەك بەلگىسىنى ئېلىپ تاشلاڭ.
ئەگەر سىز مەن دېگەن مۇشۇ تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىدۇ، ناۋادا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا كومپيۇتېرىڭىز قاتتىق دېتاللىرىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتا رېمونتچى ئۇستاملارغا كۆرسىتىڭ.
FIgئاقيول تور بىكىتى
FIgئاقيول تور بىكىتى
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى