بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكام بولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.ئۆت ياللۇقى چېيى: كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز، پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇ چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
زىققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ. زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما ، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ . .
سۈت كۆپەيتىش چايلىقى: سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زېرە قاتارلىقلار 10 گىرامدىن. قورۇغان نۇقۇت تالقىنى ئىككى قوشۇق، ياڭاق ئىككى دانە.
نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرىنى بىر چىنىگە سىلىپ باشقا خۇرۇچلاردا تەييارلىنىپ دەملەنگەن قىززىق چاينى ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. (قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ)
سۈتى ئاز تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەت بولىدۇ، سۈتىنى تېز كۆپەيتىدۇ. سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. .
قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. .
ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.
مەزى بېزى ياللۇقى چايلىقى: ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە، شاھتەررە، كاسىنە 15 گىرامدىن، نلوپەر، كاكىنەچ، چۆپىجىن، ئەنگۈر شىپا 30 گىرامدىن، بەدىيان، بەدىيان يېلتىزى، چىڭسەي ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تامچىلاش، بىسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چايلىقلار:
1.رېتسىپ: سۆئلەپ مىسىرى30 گىرام، شاقاقۇل 30 گىرام، قىزىلگۈل6 گىرام، ياڭاق مېغىزى 60 گىرام، ئادەمگىياھ 6 گىرام.
ياڭاق مېغىزىنى ئايرىم تالقان قىلىۋېلىپ ، قالغان خۇرۇچلاردىن چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ھەر قېتىملىق چايغا ياڭاق مېغىز تالقىنىدىن بىر قوشۇقتىن سىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. .
تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسق. .
قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. دىئابىد بىمارلىرىنىڭ ۋە باشقا بەدىنى ئاجىزلاپ قالغانلارنىڭ دەملەپ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
2.رېتسىپ: سۆئلەپ، شاقاقۇل، قىزىلگۈل، ياڭاق پاسىلى 10 گىرامدىن، بادىرەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس30گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق .
سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.