تەركىبى : ... قاتارلىقلار .
تەسىرى : مىجەزنى تەڭشەپ ، روھى كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە .
دەملەش ئۇسۇلى : قايناقسۇدا 3 - 5 مىنۇت ئەتراپىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ .
ئېغىرلىقى : 100 گىرام
پارچە سېتىلىش باھاسى : 15 يۈەن
ئادەمدىكى چاچ_ تۈكلەر تۆرەلمىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن پەيدا بولىدۇ. ھامىلە تۆت ئايلىقتىن ئاشقاندا باش ۋە يۈزگە چىقىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئادەتتە چاچانىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.
چاچ_ مايلىق چاچ، مايسىز چاچ( قۇرغاق چاچ)، ئارلاشما چاچ(نېتىرال چاچ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. چاچ خالتىسىدا چاچ ئانا پوستلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قارا پېگمېنت ھۈجەيرىسى بولىدۇ، چاچ خالتىسىدا قارا رەڭ پېگمىېنت ھۈجەيرىسى ئازلىغاندا چاچنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ ھەم چاچنىڭ مىزاجىمۇ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
چاچقا زىيانلىق ئامىللار
1. چاچ تازلىقىغا رىئايە قىلماسلىق، چاچنى ئاسراشقا سەل قاراش، چاڭ-توزان زەھەرلىك ماددىلاردىن ساقلانماسلىق ،چاچنى ۋاقتىدا يۇيماسلىق، چاچنى تارىماسلىق، ئۆزمەيلىچە قۇيۇۋىتىش قاتارلىق ئامىللار چاچقا ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، چاچنىڭ تازلىقىغا رىئايە قىلمىغاندا چاچ تۈك خالتىسى ھەرخىل جاراسمىلار ۋە كىر مەينەتچىلىكلەر بىلەن ئىتىلىپ قىلىپ چاچنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
2. ھېرىپ-چارچاش، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ناچار روھىي كەيپىياتلار، قۇۋۋىتى تەبىئىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چاچ چۈشۈش، چاچ يېرىلىش، چاچنىڭ ئەۋرىشىملىقى، پارقىراقلىقى يوقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
3. ئۇيقۇغا قانماسلىق. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىىق، تولا ئويغىنىپ كىتش قاتارلىق ناچار روھىي ھالەتلەر مېڭىنى چارچىتىپ، چاچنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يىتەرلىك بولماي ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، چاچتا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
4. يېتەرلىك، مۇۋاپىق ئوشۇقلانماسلىقتىن چاچقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ. كالتىسىي يېتىشمىگەندىمۇ چاچ يېرىلىش، چاچ سۇنۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئاقسىل، سىنىك يېتىشمىگەندىمۇ چاچ قۇرغاقلىشىش، چاچنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەش، پارقىراقلىقى يوقىلىش، قۇرغاقلىشىپ يېرىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ، چاچقا ئوزۇق بولىدىغان يېمەكلىكلەر، كۆكتات تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرمىغاندا چاچنىڭ ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولماي، چاچتا ھەرخىل كېسەللىكلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر كىلىپ چىقىدۇ.
5. نورمال بولمىغان ناتوغرا جىنسىي قىلمىشلار بىلەن دائىم شۇغۇللانغاندا پۈتۈن بەدەننىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەبئىي قۇۋۋەتنى كۆپلەپ خورىتىۋىتىدۇ، شەھۋانىلىق، پاھىشۋازلىق، زىناخورلۇق، جەلەق قىلىش(قولدا لەززەتلىنىش) قاتارلىق خەتەرلىك جىنسىي قىلمشلار ئادەم بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مېڭە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، بۆرەك ئاجىزلاشقا سەۋەب بولوپ ، بۇ ئامىللار چاچقىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
6. جەميئىتىمىزدە ھازىر خانىم- قىزلىرىمىز ھەتتا ئوغۇللىرىمىزمۇ چاچ گۈزەللەشتۇرۇش، چاچنى ھەرخىل ئۇسسۇللار بىلەن بۇدرە قىلىش، بوياش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چاچنى ياسىتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللار مەسىلەن: چاچنى قىزدۇرۇپ بۇدرە قىلىش ۋە كۆپتۈرۈش، چاچنى بوياپ يۇقىرى تېمپىراتۇردا قۇرۇتۇش، كۆپ بۇدرە قىلىش ،بوياش، تومۇز ئىسسىقتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇش، سۇلياۋ تاغاقتا چاچ تاراش، ھەتتا بۇدرە قىلغان چاچنى تارتىپ تۈزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىىلەن چاچنى گۈزەللەشتۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ. لىكىن بۇ ئۇسۇللارنىڭ ناچار تەسىرىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چاچنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قىلىش ئەمەس چاچنى بۇزۇش، چاچ چۈشۈش ، چاچنىڭ پارقىراقلىقى يوقاش، چاچ يېرىلىش ، چاچ يۇمشاق يۇڭدەك بولۇپ قىلىش، ھەتتا چاچ خالتىسى زەخمىلنىپ، ئايپاڭباش بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە، يەنە ئوغۇللاردا15~10 يىل چىچىنى چۈشۈرمەي يۈرگەندە ئۇ چاچ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ، چاچ چۈشۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ.
7. رېنتېگىن نۇرى ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلارمۇ بىۋاستە چاچقا تەسىر قىلسا چاچنىڭ تەركىبىيدىكى ماددىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماددا ئالمىشىش تۇسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چاچ چۈشۈپ كىتىش بىلەن چاچ گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ.
8.ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ياشاش سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، شالاڭ مۇھىت ئادەم بەدىنىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىپ. چاچنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
9. كومپىيۇتىردا مەشغۇلات قىلىش، كومپىيۇتىردا ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا كومپىيۇتىر ئىكرانىدىن چىققان ھەرخىل نۇرلار تەسىرىدىن چاچ چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
10. فىزىكىلىق كەسپىي ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈش كىلىپ چىقىدۇ.
11. كومپىيۇتېر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ، خىمىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، كۆپلەپ ئەقىلىي .ەمگەك قىلغۇچىلاردىمۇ چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك، چاچ يېلتىزى يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، چاچ ئۈنمەي تاقىر باش بولۇپ قالىدۇ.
12.ئۇزۇن مۇددەت كىسلاتالىقى ياكى ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇنلاردا باش يۇيۇش، ھەرخىل بوياق ماتىرياللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، رادىئاكتىپ نۇرغا يۇلۇقۇش، خىمىيىۋىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچىرىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ناچار مۇھىتىن بۇلغىنىش، شەكىل ئۆزگىرىپ چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ.
13.ھەرخىل ھورمۇنلۇق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندەچاچنىڭ ئەسلى تەركىبىي قىسىمنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش، چاچ چۈشۈش، چاچ تۈك بەزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۆسۈشى توختاپ قىلىش، تۈك بەزلىرىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىقىدۇ.
14.ھەرخىل سەۋەبلەردىن خىميىلىك بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلساق ئۇ ئورگانىزىمغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە چاچ تۈك بەزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشنى ياكى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاپ قويۇشى بىلەن چاچ چۈشۈش، چاچ يېرىلىش، چاچنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن
15. چاچ بوياش ،چاچ بۇدرە قىلشتا ئىشلىتىدىغان بوياقلار ۋە سۈيۈقلۇلار تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار چاچقا ئوخشاش بولمىغان دەرى؟جىدە تەسىر كۆرسىتىپ، چاچنىڭ مىزاجنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
16. ئەقىلىي ئەمگەكنى زىيادە كۆپ قىلغاندا ھېرپ چارچاش، دەم ئىلىش ياخشى بولماسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قۇۋۋېت يېتىشمەسلىك، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن چاچ چۈشۈش چاچ يېرىلىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
17. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ، مۇھىتىىكى ھەرخىل جاراسىم سېسىق پۇراق، چاڭ-توزان قاتارلىقلار بىلەن بۇلغانغان ۋاقىتتا چاچقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ چاچ چۈشۈشكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
18. ھەرخىل جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، ھەرخىل باش تەمرەتكىسى، مۇدۇر چاقا، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، سىرىتقى زەخمىلەر سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈش ، چاچ تۈك خالتا بەزلىرى زىيانغا ئۇچراش سەۋبىدىن چاچ ئۈنمەسلىك ۋە باشقا ھەرخىل ناچار تەسىرلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
19. ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىشمۇ چاچنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
چاچنى ئاسراش تەدبىرلىرى :
چاچنى ئاسراشتا يۇقارقى زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلانغاندىن باشقا ئۇنىڭ تىپىغا قاراپ ئاسراش ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
مايلىق چاچنى ئاسراش :
مايلىق چاچ ئادەتتە باش تېرىسىدىكى ماي بەزلىرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىلەن چاچ مايلىشىپ ، ماي سۇۋاپ قويغاندەك بىر - بىرىگە چاپلىشىپ قالىدۇ . بۇنداق چاچ چاڭ توزاڭنى ئۆزىگە ئاسان يۇقتۇرىۋالىدۇ . چاچ تازىلىغاندا دىققەت قىلمىغاندا يۇقۇملىنىش كۆپ بولىدۇ . چاچ چۈشۈش ، چاچ سۇنۇپ چۈشۈپ كىتىش ، ھەرخىل باش تەمرەتكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مايلىق چاچنى ئاسراشتا :
چاچ تازىلىقىغا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بېرىش
ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈش
ياشلىق دەۋىرىدىىكى بالىلارغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بەدەننىڭ ئۆسۈش
مەزگىلدە نۇرغۇن كۆپۈيىش ئەزالىرى تېخىمۇ تۇلۇق يىتىلمەسلىك بۇلۇپ، چاچ
چۈشۈش ئۇلارغا بۇلغان ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىك بۇ مەزگىلدىكى بالىلار بۇلۇپمۇ
قىزلار ئۆزىنىڭ خۇددى بالىلار ھېكايىسىدىكى قار مەلىكىلەرنىڭكىدەك چېچى
بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغان مەزگىلى بۇلۇپ، چاچ چۈشۈش دەل ئۇلارنىڭ
قاباھەتلىك چۈشى. ئۇنداقتا ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈش قانداق ئىش؟
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تۇنۇشتۇرشىچە بىر ئادەمنىڭ چېچى تەخمىنەن
100 مىڭ تال ئەتىراپىدا بۇلۇپ، ھەر كۈنلۈك ئۆسىشى 0.35
مىللىمىتر ھەر كۈنلىگى 40-
30 تال چاچ چۈشسە
نۇرمال بۇلىدىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەگەردە
چاچ يۇلغان ۋاقىتتا چاچ بەك كۆپ چۈشسە ئۇ بەلكىم دەل چاچ چۈشۈش بۇلىشى
مۇمكىن ئادەتتە ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى:
1. ئېرسىيەت ئامىلى. چاچ چۈشۈش بىلەن ئېرسىيەت ئامىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،
ئاتا-
ئانىنىڭ چېچى چۈشسە، ھەمىشە بالىلىرىنىڭ چېچىنىڭ چۈششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
لىكىن بۇ مۇقەررەر ئەمەس. پەقەت مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر چوڭراق.
2. ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى. چاچنىڭ ئۆسشى ئىچكى ئاجرالمىلار بىلەن
زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئەگەر قالايمىقان بولسا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كۆپ مىڭە ئىشلىتىش. كۆپ مىڭە ئىشلەتكەن ئادەملەرنىڭ كاللىسىنىڭ قېنى ئاساسلىقى
مىڭىسىگە مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، باش تىرىسىنىڭ قېنى كۆرنەرلىك ئاز بۇلىدۇ. ئۇزۇن
مەزگىل چۈشۈرسە چاچ مويلىرىغا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ياشلىق دەۋرىدىكى
چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقى. چاچنىڭ ئۈسۈشى ۋە ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنىرال ماددىلار
بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بۇلۇپ، مايلارنىڭ سۈمۈرلۈپ كىرىلىشى بەك كۆپ بولغاندا
چاچنىڭ ئۆسشىگە تەسىر يىتىدۇ. ھەتتا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئاستا خارەكتىرلىك كىسەل. ئەگەر باش تەمرەتكە، ھۆل تەمرەتكە، قان ئازلىق ياشلىق
دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرىدۇ.
ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈشنى چۈشەنگەندىن كىيىن ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ
چۈشۈشكە قانداق يۈزلىنىشى كىرەك؟ ئەمىلىيەتتە ياشلىق دەۋرىدىكى چاچ چۈشۈشنى
داۋالاشقا نىسپەتەن كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.
چاچنى ئاسراشتا ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
چاچنىڭ گۈزەل بولۇش بولماسلىقى كۈندىلىك يېمەك–ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا مەسىلەن، يېمەكلىك ئاقسىل، ماي ۋېتامىن ِA ۋېتامىن B6 ۋە يود قاتارلىق مېكرو مىقتاردىكى ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا چاچ قۇرغاقلىشىش، پاقىراقلىقىنى يوقىتىش، ئاسان ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارتۇق بولۇپ كەتسە مەسىلەن، قەنت مىقتدارى ئېشىپ كەتسە چاچ ئاسانلا سارغىيىپ كېتىدۇ. يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى چاچنى قۇۋەتلەش، ئاسىراشنىڭ ھالقىسى بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ مۇۋازىنىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كۈندىلىك يېمەك– ئىچمەكتە تۆمۈر ۋە ئاقسىل كەمچىل بولغان ۋاقىتتا چاچ سارغىيىپ كېتىش، ئۇچى قىسمى يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
يېمەك– ئىچمەكتە ئۇزۇن مۇددەت ئۆسۈملۈك مېيى، ئاقسىل، ۋېتامىن A ۋە يود كەمچىل بولغان ۋاقىتتا چاچ پاقىراقلىقىنى يوقىتىپ، ئاسانلا ئۈزىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
يېمەك – ئىچمەكتە ئېغىر دەرىقىدە B تۈردىكى ۋېتامىن كەمچىل بولغان چاچ ئاسانلا بۇزۇلۇش ۋە ماي توپلىشىپ قېلىش خاراكتېردىكى چاچ چۈشۈش كۆرىلىدۇ.
يېمەك – ئىچمەكتە مىس كەمچىل بولغاندا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا كىچىك تۇرۇپلا چاچ ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. يېمەك –ئىچمەكتە ۋېتامىن ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا ياكى روھى ھالەتتە قاتتىق جىددىلىشىش كۆرۈلگەندە تۇيۇقسىز چاچ چۈشۈش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، يېمەك– ئىچمەك ئوزۇقلىنىش بىلەن چاچنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئىنتايىن .
ئۈرۈمچى گېزىتىدىن ئىلىندى
ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى
قورامىغا يەتكەن ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش ئىرسىيەت خاراكتىلىك بولىدۇ . شۇڭا ئۇنى داۋالاش بىرقەدەر قىيىن ، چاچنى ياخشى ئاسىرغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
1-چاچنى مۇۋاپىق يۇيۇش ۋە ئاسىراش دورسى ئىشلىتىش .
2-باشنى توغىرا ئۇسۇلدا ئۇۋلاپ بىرىش .
3-يىمەك - ئىچمەكىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش .
4-بەدەن چىنقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، جىسمانىي ،روھىي ساغلاملىقنى ساقلاش .
5-مۇۋاپىق كىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى ۋە چاچ يىلىمى ئىشلىتىش .
6-تېز ئۈنۈملۈك چاچ ئۆستۇرۇش مەلھىمى ۋە باشنى ئاسان يارلاندۇردىغان دورا،سايمانلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش .
7-روھى بىسىمنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش .
قىران ئەرلەر چاچ ئاسىراشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا ، چاچ چۈشۈشنى كەينىگە سۈرگىلى بولىدۇ . ئىرسىيەت خاراكتىرلىك چاچ چۈشۈش ھامان يۇز بىرىشى مومكىن ، ئەمما ، چاچ ئاسىراشنى سەۋىرچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرغاندا ، چاچنىڭ چۈشۈشنى ئۈنۈملۇك ئاستىلاتقىلى بولىدۇ . قىپقالغان چاچمۇ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام ئۆسىدۇ .