رىماتىزىمنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-26 17:32:34 مەنبە : ئەھكام كۆرۈلىشى :
رېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت - قول ، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
|
|
1.قاغا تامغىقى يىلتىزى ، ئۇنىڭ چېچىكىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن ئالتە يېرىم سەر ، ئادراسمان ئۇرۇقىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، قاراقىياق يىلتىزىدىن ئالتە يېرىم مىسقالنى ئۈچ چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، ئىككى چىنە سۈيى قالغاندا قازاننى چۈشۈرۈپ تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، قاپاق ئۇرۇقىنىڭ تالقىنىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل بوغۇم ، پۇت ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
2.قوي ياكى كالىنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ماياقتەكتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت ئاغرىقى ۋە ئىششىقنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
3.توغراقنىڭ ساقىپ چىققان سۈيىدىن ئالتە يېرىم سەر ، كونا قىچا ئۇرۇقى تالقىنىدىن ئۈچ سەر ، توخۇ تۇخۇمى سېرىقىدىن ئۈچ دانىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىق ۋە ئىششىق پۇتنىڭ سىرتىدىن ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ، ئاغرىقنى تەدرىجىي پەسەيتىپ ياخشىلاش ، ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .
4.ئالتە يېرىم سەر جۇۋىنە ئۆسۈملۈكى ياكى ئۈچ سەر ئۇرۇقىنى پاكىزلاپ ، ئۈچ چىنە سۇدا ئىككى چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى ئىككى قات داكىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈپ ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ئاغرىقى ، بوغۇم ئىششىقى ۋە پالەچلىكنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ.
5.بۇدۇشقاق ، چىغىرتماق ، چېقىرتىكەن يىلتىزىدىن بىر سەردىن ، سېرىق ئوت ( زىغىرلىقتىكى سېرىق ئوت ) تىن بەش مىسقال ، شاھتەرەدىن بەش مىسقال ، قاغا تامغىقىدىن يەتتە مىسقالنى پاكىز يۇيۇپ ، تۆت چىنە سۇدا ئۈچ چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكا بىلەن تەكرار سۈزۈپ شېشىگە قاچىلاپ ، چوڭ كىشىلەرگە كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا بېرىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ئاغرىقىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ ، يەللەرنى تارقىتىپ ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتەك تەسىرى كۆرۈلىدۇ .
6.ئالتە سېرىق ئەمەننى بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا ئۈچ قېتىم سۈزۈپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قولنىڭ بوغۇم ئاغرىقىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ.
7.سۆرۈنجان بىلەن ناۋاتنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ، چوڭ كىشىلەر سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن كۈندە بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممە خىللىرىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ.
8.تەرخەمەك ، قاپاق ، ھەمشىۋانەلەردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، ھۆل بولسا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قۇرۇق بولسا مەلۇم مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈپ ، سۈيىنى قىزىتىپ ، ئاغرىغان پۇت - قولنىڭ سىرتىدىن ھەر كۈنى بىر قېتىم چېپىشنى داۋام قىلسا ، قىزىتىپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ.
9.سۆرۈنجاننى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقانلاپ ، چوڭلار سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىككى مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە ئۇستىخاننىڭ قىزىپ ئاغرىشنى ، ئىششىقىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ.
10.ئۈچ مىسقال يۇمغاقسۈتنى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقانلاپ ، سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە ئۇستىخان قىزىپ ئاغرىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ.
|
خەتكۈچ :رىماتىزىم
ئالدىنقىسى : قاناشقا مايىللىق كېسىلى
كىيىنكىسى : ئاخىرقى بەت