كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئادەتلەر
يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-17 22:56 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: مەرۋەرى كۆرۈلۈشى: قېتىم
باشقىلارنىڭ ئەتەي دىققىتىنى تارتىپ پايپاسلاش. ئادەم بار يەردە قاتتىق يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، كېكىرىش، ئاغىزىنى چاكىلدىتىش. تىياتىرخانى
باشقىلارنىڭ ئەتەي دىققىتىنى تارتىپ پايپاسلاش.
ئادەم بار يەردە قاتتىق يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، كېكىرىش، ئاغىزىنى چاكىلدىتىش.
تىياتىرخانىلاردا، كىنۇخانىلاردا پاراڭ سېلىپ، باشقىلارنىڭ كىنو، تىياتىر كۆرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈش.
ھە دېسىلا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىش.
باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرۋېلىش، جامائەت ئالدىدا بىر- بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش.
كىيىم- كېچەكلىرى رەتسىز، يۈز- كۆزلىرى پاسكىنا، تىرناقلىرى ئۆسۈك، تېنى پۇرايدىغان بولۇش.
تاماق ئۈستىدە ھەركىتى قوپال بولۇش، تائاملارنى تۆكۈۋېتىش.
پوزىتسىيىسى قوپال بولۇش، پوچىلىق قىلىش.
شەيئىلەرگە قارىتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش پوزىتسىيىسىدە بولۇش.
ھاراقنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىچىۋېلىپ، جېدەل چىقىرىش.
گەپ- سۆزدە يېڭىلىپ قالسا، ئۇرۇشۇپ جېدەل چىقىرىش.
باشقا كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەددىدىن ئارتۇق ھەۋەس قىلىش، يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتە قىلىش.
گەپ دىتىغا ياقمىسىلا تېرىكىش، ھە دېسىلا كايىش.
جانلىق بولماسلىق، ئىش قىلغاندا بىپەرۋالىق قىلىش.
مەنبە: ئاياللار سىردىشى
|
------分隔线----------------------------