ئاياللار ۋە ئىپپەت
يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-03 17:45 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: شەرەنداز كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاياللارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك نەرسە -ئىپپەتتۇر. ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز، يالىڭاچ بىر گەۋدىدىنباشقا نەرسە ئەمەس. ئىپپ
ئاياللارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك نەرسە -ئىپپەتتۇر. ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز، يالىڭاچ بىر گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىپپىتىنى ساقلاشقا تىرىشمىغان ئايال ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولغان ئەمەس.
ئاچا-سىڭىللىرىم! سىزلەر ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە، ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت ئىپپەتلىك بولۇشتۇر. ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ، بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئىپپەتسىز ئاياللار ھەر قانچە بەدۆلەت بولسىمۇ، كىشىلەر نەزىرىدە پېقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلىدۇ. بويۇنغا تاقالغان مارجانلار، باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر، ساندۇققا تولغان پۇل-پىچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس. ئىپپەت شۇنداق بىر زور بايلىقكى، ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى يوق. خوتۇن-قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقى، پۇل-ماللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن پەخىرلىنىشى لازىم.
ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ۋە ئاجرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشۇش زۆرۈردۇر. دانالارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار:
ھايا، سەۋر، ئۆزىنى تارتىش، پاكلىق، قانائەت، ئېغىر-بېسىقلىق، ئوچۇق چىرايلىق، ئىخلاس، تەرتىپ، ساخاۋەت.
مەنبە: ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر
|
------分隔线----------------------------