سىر ساقلاش ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-01 14:01 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: مەرۋەرى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەربىيىلىك ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن ساقلاشقا تېگىشلىك سىرلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەشتىن، پاش قىلىشتىن س
تەربىيىلىك ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن ساقلاشقا تېگىشلىك سىرلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەشتىن، پاش قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. سىرى پاش بولغان كىشى مۇراد- مەقسىتىگە كۆپ مۇشەققەت تارتىش يولى بىلەن ئېرىشۇر ياكى ئرىشەلمەس. شۇڭا، سىرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش زىيانلىقتۇر. سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈل، ئاچقۇچى تىلدۇر. ساندۇق ئاچقۇچنى ياخشى ساقلىمىغان، كۆڭۈل ئاچقۇچى بولغان تىلنىڭ تىزگىنىنى ياخشى تۇتمىغان كىشى شۈبىھىسىزكى ئەخمەقتۇر.
دېمەك، ئەرنىڭ سىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ياخشى ساقلىمىغان، باشقىلارغا پاش قىلغان ئايال ئېرىگە خىيانەت قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئۆز سىرىنى ساقلىماي ئىككىنجى بىر ئادەمگە :<<ساڭىلا دېدىم، زىنھار ھېچكىمگە دېمە>> دېگەن ئادەم دۇنيادىكى ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئۆز سىرنى ئۆزى ساقلىيالمىغان ئەھۋالدا، باشقىلارنىڭ ئۇ سىرنى ساقلاشقا قانداقمۇ قۇربىتى يەتسۇن؟! بۇ تولىمۇ ئەقىلسىزلىقتۇر. باشقىلارنىڭ ئونلىغان ئالتۇنلىرىنى ساقلاش، كىچىككىنە سىرنى ساقلاشتىن ئاسان، دېگەنىكەن بىر ئاقىل. سىر ساقلىيالمىغان ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ خەلق ئىچىدە ئېتىبارىمۇ قالمايدۇ. ئېرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىغۇچى ئايال، ئاياللىققا لايىق ئەمەستۇر.
سىر ساقلىيالايدىغان ئاياللارغا ئەرلىرى ئىختىيارسىز ئامراق كېلىدۇ. ئەرلىرىنىڭ سىرلىرىنى ساقلاش قاچانغىچە، ھەتتا ئۆلگۈچە شەرت قىلىنغان بولسا تاكى شۇنىڭغىچە ساقلاش، تەربىيىلىك ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچىلىدىندۇر. بەزىبىر سىرلار ئىنسان يۈرىكى بىلەن بىللە كېتىدىغان بولسۇن.
مەنبە: سوۋغات نامىلىق كىتاپ
|
------分隔线----------------------------