يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 27

ۋىجدان سورىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
235 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋىجدان سورىقى

ھېكايە

نازپەرى



- يۈسۈف قانداق ئەھۋالىڭىز؟ شەنبە كۈنى مۇنبەرداشلار يېغىلىشى ئۆتكۈزەيلىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مۇنبەر قۇرۇلغىلى بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى. ھازىرغىچە مۇنبەردىكى بالىلار مىنىڭ ئىسمىمنىلا بىلىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتە تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرايلىمىكىن دىگەن.  كىچىدىن بېرى ئويلىنىپ ئاۋال سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزگە سالاي دەپ ئەتتىگەندىلا تېلىفۇن قىلىشىم ئىدى .
   ئەتتىگەندە دۇكاننى ئېچىۋىتىپ كومپيۇتېرىمنى ئەمدىلا قوزغىتىپ تۇرۇشۇمغا مۇنبەر باشلىقى ئالىمدىن  كەلگەن بۇ تېلىفۇنغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
   - ئورنىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتىسىز ؟ بېرىش-بارماسلىقنى قارار قىلالماي ئالىمدىن  سۇئال سورىدىم.
   - مۇنبەردىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ۋىلايەتنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىن ئىكەن. شۇڭا مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرساق بولامىكىن. سىزگە ۋىلايەت ئاتلاپ كىلىشكە توغرا كىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئارىلىقنى يېراق كۆرمەستىن، كەلمەسلىككە باھانە سەۋەپ ئىزدىمەستىن كىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاي مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم. سىزگە مەسلىھەت سالىمەن دەپ قويۇپ، خۇددى قارار قىلىپ بولغاندەكلا سۆزلەپ كىتىپتىمەن دىسە .
   ئۇنىڭ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن دىگەن گەپلىرىدىن باھانە ئىزدەشكە راستىنلا ئامال قىلالمىدىم.
   - بولىدۇ. ئەمسە مۇنبەرگە شۇ توغىرلىق سىز تېما يوللاڭ. يەنە ئىككى-ئۈچ كۈن بار ئىكەن. خەۋەرسىز قالغانلار خەۋەر تاپسۇن. ئاتايىن يېغىلغاندا بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشىۋالساق بۇمۇ ياخشى ئىش بولغۇدەك .

    ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كىيىن جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن دۇكىنىمدىكى قىزغا 3 كۈنلۈك رۇخسەت بېرىۋىتىپ دۇكاننى تاقاپ يولغا چىقتىم. ئالىم بىكەتكە ئالدىمغا چىققاچ تۇرغان ئىكەن. قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. چ چ دا كامىرالىق پاراڭلاشقان بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشسە ھاياجان باشقىچە بولىدىكەن. تۇنجى
قېتىم مۇنبەردىشىم بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكىنىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر بارمۇ ئەيتاۋۇر ھاياجاندىن تىلىم گەپكە كەلمەيۋاتاتتى. يېرىم كۈنلۈك يول ئازابى قېيناۋاتسىمۇ، ئالىمنىڭ يۇرتىنى كۆرۈش ھەۋىسى غالىپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن قاش قارايغۇچە شەھەر ئىچىنى ئايلاندۇق. كېچىچە ئۇنىڭ ئۆيىدە پارىڭىمىز تۈگىمىگەن ھالدا
تاڭنى ئاتقۇزدۇق.

   شەھەر بويىچە داڭلىق تىز تاماقخانىنىڭ 60 كىشىلىك ئايرىم تاماقخانىسى. ئۇ يەر - بۇ يەردە كۇسۇرلاشقان پاراڭدىن باشقا ھەممەيلەن قورۇنۇۋاتقاندەك بىر خىل بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. بۇ كەيپىياتنى ئالىم بۇزدى :-
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سورۇن ئەھلى، مەن *** مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم. 24 ياشقا كىردىم. تېخى بويتاق. - ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپلا كۈلىۋەتتى. ئولتۇرغانلارمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىشتى. - مېنى كۆپىنچىڭلار كۆرمىگەن. بۈگۈن بۇ يەرگە يېغىلىشىمىزدىكى مەقسەت، مۇنبەرداشلار ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرساق، مۇنبەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرساق دىگەن ئۈمىدتە مەن. كۆپچىلىك ئاۋال ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولساڭلار .
   - ئىسمىم يۈسۈف، مۇنبەردىكى ئىسمىم تاھىر. ۋەزىپەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى. مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرسام بولار.
   مۇنبەرداشلار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۈستەلگە بىز بۇيرۇتقان تاماقلار چىقىپ بولغانىدى. ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەي قالغۇدەك تىزىلغان بۇ مول داستىخاندىن ئالىمنىڭ نەقەدەر مەرت يىگىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.

- ھەي يۈسۈف، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ مۇنبەردىكى زۇلايخانىڭ ئەسلى ئىسمىمۇ زۇلەيخا ئىكەن. سىلەر ئىكككىڭلار تازا ماس كىلىدىغاندەك قىلىسىلەر جۇمۇ !
   ئالىمنىڭ سەمىمىي چاقچىقىدىن نەزىرىمنى قىيپاش ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئېگىز بويلۇق، ياغلىقىنى ئوراپ چىگىۋالغان، سۈرمە تارتقان قاپقارا كۆزلىرى بىر نۇقتىغا قادىلىپ قالغان ئورۇق قىزغا  ئاغدۇردۇم.  
  - يۈسۈف-زۇلەيخا ئىككىڭلارنىڭ مۇنبەردىكى تېما ئىنكاسىڭلارغا ئۇزۇندىن بىرى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن - دىدى سول تەرىپىمدە ئولتۇرغان ياۋايى ئىسىملىك توردىشىمىز- ئىككىڭلار مۇنبەردىمۇ شۇنداق ياخشى
ماسلىشىسىلەر. مەن تېخى ئىككىڭلارنىڭ توي مەسلىھەتىنىمۇ بىللە قىلىمىز دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. قارىغاندا سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچلەر دەم يەپ قالغاندەك قىلىدۇ.
   ياۋايى- رۇستەمنىڭ گەپلىرىگە كۈلۈمسىرەپلا قويغان بولساممۇ، قىزنىڭ ئىللىق چىھرىدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم. كىيىملىرى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ پاكىزە رەتلىك ئىدى. كۆزلىرىدىن چوڭقۇر بىر ئازاپنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭغا قارىغانسىرى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بالىلار ئۆز-ئارا تونۇشلۇق بېرىشكەندىن كىيىن پاراڭلار خېلى ئۇلغىيىپ قالغان بولسىمۇ، ھىچكىمگە ئارلاشماستىن غەمكىن ئولتۇرغان زۇلايخاغا پات-پاتلا تىكىلىپ قاراپ قالغىنىمنى سەزگەن ئالىم بىلەن رۇستەم ئىككى تەرەپتىن نوقۇپ، ماڭا قاراپ مەنىلىك ھىجىيىپ قويدى.
   - يۈسۈف، ئادەتتە ئوغۇللار تۈزلا گەپ قىلىپ ئادەتلىنىپتىكەنمىز. سىزدىن سوراۋىرەي، باياتىن بېرى تاماققىمۇ قول ئۇزاتماستىن، تىكىلىپ ئولتۇرۇپلا قالدىڭىز. كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
    ئالىمنىڭ جاسارەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم.
   - ياق ئاداش، بىرەر ئىش بولغىنى يوق. يۇرت ئاتلاپ كەلگىنىمگە چۇشلۇق ھۆرمەت، سەمىمىي مۇئامىلىلەردىن بەھرىمان بولۇپ بەك خۇشال بولدۇم. ئۇلارنىڭ ھىجىيىپ تۇرىشىدىن ئۆزۈمگە كەلدىم،دە- قىزىرىپ كەتتىم.
   - ئالىم بۈگۈنكىدەك ياخشى سورۇن تەييارلاپ ھەممىمىزنى بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. - زۇلەيخانىڭ گىپىگە رۇستەمنىڭ پەس ئاۋازدا دىگەن << يۈسۈف-زۇلەيخانىڭ تېپىشقىنىدىن خۇشال بولغانسىز >> دىگەن گىپىدىن خىجىل بولۇپ ئوڭايسىزلاندىم. - باياتىن بېرى ياخشى تونۇشىۋالدۇق. ئەمدى دوستلار قانداق قىيىنچلىق بولسا بىر-بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولساق دىگەن ئۈمىدتە مەن .
   زۇلەيخانىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىنى ھەممە بىردەك قوللاشتى. خاتىرە سۈپىتىدە نەچچە پارچىدىن سۆرەتكە چۈشتۇق. ئاندىن ئايرىلىشقا قېيمىغان ھالدا دوستلار بىلەن خوشلاشتۇق.
   - زۇلەيخا، بۇ مۇنبەردىكى تاھىر، ئىسمى يۈسۈف. ئەتە كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەتە ۋاقتىڭىز بولسا بىكەتكىچە چىقىپ يولغا سىلىپ قويايلى دىگەن. ئىككىڭلار مۇنبەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ماڭا قول-قانات بولۇپ كىلىۋاتىسىلەر. شۇڭا ھازىرمۇ گىپىمنى يىرمىسىڭىز. ئالىمنىڭ سۆزىگە جاۋابەن زۇلەيخا ئىللىق بىر تەبەسسۇم قىلىپ ماڭا قارىدى. شۇ تاپتا يۈرىكىم شۈررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى. قىزنىڭ ئارقىسىدىن تاكى قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇرغىنىمنى سەزمەپتىمەن......

   ئەتىسى چۈشكىچە ئالىم، رۇستەم، زۇلەيخالارنىڭ ھەمراھلىقىدا بازار ئايلاندۇق. چۈشتىن كىيىن يولغا چىقتىم.       ماشىنىغا چىقىپ ئورۇنلاشقاندىن كىيىن زۇلەيخانىڭ كۈلۈمسىرىگەن ۋاقىتتىكى ئوماق ھالىتى ھەم كۈلگەندە كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئوغرى چىشى كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەي مېنى چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا سۆرەپ كىرىپ كەتتى.


1

   ئايدىڭ كېچە، ھەممە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن. ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىتكى، ياندىكى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ئانام بىلەن سىڭلىمنىڭ تىنىق ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى. شەپە چىقارماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزە ئالدىغا كەلدىم. سىرتتىن كىرگەن ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم. كۆز ئالدىمغا يەنىلا زۇلەيخانىڭ سىماسى كىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن قەلىب قەسىرىمدىن ئورۇن ئىلىپ بولغانلىقىنى، ساپ تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئىلىپ كىتىپ بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمدى گەپ ئۇنىڭغا قانداق دىيىش ئىدى . دېرىزە ئالدىدا ئۇزاق ئويلانغاندىن كىيىن تىپىلغان كىچىككىنە ئامال قەلبىمگە ئۈمىد چىرىقى يىقىۋەتكەندەك خۇشال بولدۇم

   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلەيخا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بايامقى شېئىرىمغا بەرگەن تەكلىپىڭىز توغىرسىدا مۇنازىرىلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.
   - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تاھىر. ئۇ شېئىرىڭىزدا ۋەزىن، تۇراق، بەھر، قاپىيەلەر ئۆز ئورنىنى تىپىپتۇ. بىر يىلدىن بىرى مۇنبەردە تۇنجى قېتىم ھاردۇقۇم چىققۇدەك شېئىر كۆرگىنىمدىن خۇشال بولۇپ شۇڭا ئۇ تەكلىپنى بەرگەنىدىم. ناۋادا بۇ تەكلىپىم سىزگە يارىماي قالغان بولسا، قوبۇل قىلمىسڭىزمۇ خاپا بولمايمەن.
   زۇلەيخانى سېغىنىش ھىسياتىمنىڭ ئىلھامىدا ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا يىزىۋەتكەن بۇ شېئىرىمنىڭ ئۇنىڭغا بۇنچىلىك ياراپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم. ئۇنىڭ بۇ شېئىرىمنى مەتبۇئاتقا ئەۋەتىپ بېقىش توغىرسىدا بەرگەن تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.

   شۇنىڭدىن كىيىن مۇنبەردە يېڭى يوللانغان ھېكايە، پوۋىست، شېئىر قاتارلىقلار توغىرسىدا نۇرغۇن پىكىرلەرنى ئالماشتۇردۇق. خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن چ چ رىمدا زۇلەيخا ئىسىملىك بىر قىز يوقتەك ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا پاراڭلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئويلاپ ئەپسۇسلاندىم. ئۇنىڭ بۇنچىلىك بىلىملىك، كەمتەر ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. ئەمما ئۇنىڭ قۇرۇق پاراڭ بىلەن پەقەتلا خوشى يوق ئىدى. قاچانلا قارىسا مۇنبەردە تېما تەستىقلاپ، ئىملا توغىرلاپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانسىرى سېغىنىشلىرىم چىكىگە يىتەتتى. نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا بولغان ساپ مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشنى ئويلىدىميۇ، شۇ گىپىم بىلەن ئۇنىڭ مەندىن مەڭگۈ يىراقلىشىپ كىتىشىدىن قورقۇپ ئېغىز ئىچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
   كۈنلىرىم سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە بەئەينى مەجنۇنغىلا ئوخشاپ قالدىم. يىغىلىش خاتىرە سۆرىتىدىكى زۇلەيخاغا تويماي قاراپ ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغىنىمنى، ئەمما قەلبىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى ئىيتاتتىم. ئەمما سۆرەتتىكى زۇلەيخا ھىچبىر ئىپادىسىزلا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. زۇلەيخانى خىيال قىلىپ كىچە-كىچىلەپ ئۇخلىماي بارغانسىرى چارچاپ كەتتىم. بارا-بارا مۇنبەرگىمۇ كىرگۈم كەلمەس بولۇپ قالدى. كىرگەن بىلەنمۇ ھىچ ئىشقا رايىم يوق ئىدى. دۇكاندىكى قىز بىر نەچچە قېتىم نېمە بولغانلىقىمنى سورىۋىدى قوپاللىق بىلەن سىلكىۋەتتىم. كىچىكىمدىن قاش كۆتۈرۈپ قارىمايدىغان ئانامغا بىكاردىن بىكارلا ئازار بەردىم. سىڭلىممۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق كىتىۋەرسەم بولمايتتى. شۇڭا ئاخىرى ئۇنىڭغا ھەممىنى ئوچۇق ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.

  < سالام زۇلەيخا قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مۇنبەر ئەھۋالى ياخشى كىتىۋاتامدۇ؟ يېقىندىن بىرى مۇنبەرگە كىرەلمىدىم. راس گەپ قىلسام كىرگۈم كەلمىدى. نېمىشقا دىسىڭىز كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس. ئەسلىدە مەن سىزگە بۇ گەپنى دىمەي دىگەن. ئەمما يۈرىكىم، ساراڭ كۆڭلۈم ماڭا پەقەتلا بويسۇنمايۋاتىدۇ...
مۇنبەرداشلار يېغىلىشى بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەندە باشقىچە بىر ھىسيات شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئۆزۈمنى قانچە كونترول قىلغان بولساممۇ، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمىدىم. پاك مۇھەببىتىمنى سىز ئېلىپ كەتتىڭىز. مەيلى ماڭا نىسبەتەن قانداق ھىسياتتا بولۇڭ راس گەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن. بەلكىم << بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ساختىلىق بىلەن تولغان >> دەپ قارىشڭىزمۇ مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق دەپ قارىسىڭىز بىر مەزگىل ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن سىزگە تور دۇنياسىدىكىمۇ راستچىل كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىمەن. ماڭا پۇرسەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. زۇلەيخاغا زور ئىشەنچ باغلاپ - كەمىنە يۈسۈف  >
   مۇنبەر قىسقا ئۇچۇر ساندۇقىغا بۇ خەتنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن دەرھال توردىن چۈشۈپ كەتتىم. زۇلەيخانىڭ قانداق جاۋاپ بېرىشىنى بىلمىسەممۇ كۆڭلۈم دەككە-دۈككىدە بولىۋاتاتتى.

داۋام قىلىۋاتىدۇ.........


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3412

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا بەك تەشنا قىلۋەتمىگەيسىز

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1215

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا قىزىقۋاتىمىز. يۈسۈف ۋىجدان سۇرىقىغا قالىدىغاندەك قىلىدۇ

ئەجەپ بىر قىسمىلا بولىۋاتىمەن دىسە......باشقا ئىشقا ئەمەس...زۇكامغا....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
480 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1875

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:39:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ؟ كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كېلىپ قويۇپ يوققۇ ؟

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
235 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دۇكان ئىچىدە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۇياق-بۇياققا مېڭىۋاتىمەن. دۇكاندىكى قىزنىڭ ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزىگە پەرۋاسىزلا قاراپ قويۇپ مېڭىشنى داۋام قىلىۋاتىمەن. دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلار بىلەنمۇ كارىم يوق. خۇددى دۇكان ئىچىدە مەن يالغۇزدەكلا....
   كېچىدىن بىرى كىرپىك قاقماي زۇلەيخانىڭ قانداق جاۋاپ بېرىشىنى پەرەز قىلىپ تاڭنى ئاران تەسلىكتە ئاتقۇزدۇم. دۇكانغا كىلىپ دۇكان تازىلىقىمۇ قىلماستىن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ مۇنبەرنى ئاچتىم. تىرىڭ.... زۇلەيخانىڭ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى ئېنىقلا تۇرسىمۇ، ئۇ قانداق جاۋاپ بەرگەندۇ دىگەن ئەنسىز خىيال كاللامنى چىرمىۋالدى. گويا مۇشۇ ئۇچۇرنى ئېچىپ ئوقۇسام زۇلەيخادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، ئۇ بىر قول بومبىسىدەك ئىچىپ ئوقۇساملا پۈتۈن ئارزۇ-ئارمانلىرىم خىياللىرىم بەربات بولىدىغاندەك ھىس قىلىپ ئۇچۇرنى ئېچىپ ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. يۈرىكىم ئۈستىگە قولۇمنى قويدۇم. تومۇر سوقۇشۇم ئۆزۈمگىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى. كونىلارنىڭ << مۇھەببەت ئۇ شېرىن ئازاپ >> دىگەنلىرى يادىمغا كەلدى. چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم. خەتنى يازغان ئىكەنمەن چوقۇم جاۋابىنىمۇ جۈرئەتلىك ھالدا كۆرۈشۈم، يۈز بېرىۋاتقان رىئاللىققا تەن بېرىشىم كىرەك ئىدى. يوپۇرماقتەك تىترەپ تۇرغان بارماقلىرىم بىلەن مائۇسنى تۇتۇپ قىسقا ئۇچۇرنىڭ يورۇپ تۇرغان بەلگىسىنى چەكتىم. قىياس قىلغىنىمدەك ماڭا ئۇچۇر قىلغىنى زۇلەيخا ئىدى ....

   < ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يۈسۈف. مېنىڭ ئەھۋالىم ياخشى. سىزنىڭچۇ ؟
كونىلاردا << ھۆرمەتتىن ئىتائەت ئەلا >> دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، قاتتىق ئويلىنىپ ئاخىرى جاۋاپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن چ چ دا خەت يازماي، مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرىدىن ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىڭىزنى ئۇقمىدىم. لېكىن ھىس قىلىشىمچە ھەم ھازىرغا قەدەر ماڭا بەرگەن تەسىرىڭىز بويىچە پەرەز قىلىپ باقسام، چ چ دا بىۋاستە ئېغىز ئىچىشتىن خىجىل بولۇپ شۇڭا مۇشۇ يەرگە ئۇچۇر يوللىغان ئىكەنسىز. مۇنبەر يېغىلىشى بولغان بۇ ئۈچ ئايدىن بېرى چ چ دا نۇرغۇن پىكىر ئالماشتۇرغان بولساقمۇ، لىكىن بىرەر قېتىممۇ شەخسىي تۇرمۇشىمىز توغىرسىدا پاراڭلىشىپ باقمىدۇق. ئەلۋەتتە سىز بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان ئىكەنسىز، سىزنى شەخسىي تۇرمۇشۇمدىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلاي دىدىم. ماتىريالىمدىن يېشىمنى كۆردىڭىز ھەقىچان. ئەمما بۇ يەردە سىز ھەم كۆپ كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ - مېنىڭ تۇغما يۈرەك كىسىلىم بار. سەبىي چاغلىرىم دوختۇرخانا كارىۋىتىدا ئۆتۈپ كەتكەن. لىكىن كىسىلىمدە قىلچە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەچكە تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئاجىز بېر قىزمەن. سىزنى بىر ياخشى دوستۇم دەپلا چۈشىنىمەن خالاس. كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. باشقىلاردەك ساختا تون يىپىنچاقلاپ يۈرۈشنى ياقتۇرمايمەن. شۇڭا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ >

    يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزۈمنى تاشلىدىم. << تۇغما يۈرەك كېسەل >> ئۇنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تاپقان باھانىسىمۇ ياكى راستىنلا شۇنداقمۇ بىر نېمە دىمەك تەس ئىدى. مەيلى نېمىلا بولسۇن ئۇ مېنىڭ پاك مۇھەببىتىمنى ئىلىپ كىتىپ بولغانىدى. ھەربىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭغا چۈشلۇق بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ ئەلۋەتتە. زۇلەيخاغا قايتۇرۇپ ئۇچۇر يوللىدىم.

   < ھەرقانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى تېگىشلىك بەدەل تۆلىمىگۈچە شۇ زور ئۇتۇقلارنى قازانغان ئەمەس. بەلكىم بۇمۇ بىز ئۈچۈن سىناقتۇ. يولۋاس ئىزىدىن- يېگىت سۆزىدىن قايتماس دىگەن گەپ بار. مەن سىزنىڭ پاك مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشسەم دەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەم مەيلى.  >
   ئۇنىڭ << قېنى قاراپ باقايلى >> دىگەن جاۋاپ ئۇچۇرىدىن كىيىن، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم. دۇكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا نەچچىنى پىرقىرىۋەتتىم. دۇكاندىكى قىزنىڭ يەنە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىشىغا پەرۋامۇ قىلمىدىم. ئەلۋەتتە مەن خۇشال بولۇشقا ھەقلىق ئىدىم. تۇنجى سۆيگۈم ئۈچۈن بىر پۇرسەتكە ئىرىشسەم ئەلۋەتتە مەن خۇشال بولماي كىم خۇشال بولاتتى ؟

   كۈنلەر خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتمەكتە. مەن ئۆز ئەمەلىيىتىم بىلەن زۇلەيخانى تەسىرلەندۈرۈپ ئۇنىڭ پاك مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنىدىم. مۇناسىۋىتىمىز چ چ دا پاراڭلىشىشتىن، تېلىفۇن قىسقا ئۇچۇرىدا ئۇچۇر قىلىشقا، ئاندىن تېلىفۇندا ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ھالىتىگە يەتكەن . كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تاتلىق ئاۋازىنى بىر ئاڭلىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيتتى. ئۇنىڭغا دەيدىغانلىرىم نۇرغۇن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياخشى ئارام ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىككى ئېغىز تاتلىق گىپىنى ئاڭلىۋىلىپلا تېلىفۇننى قويىۋىتىشكە مەجبۇر بولاتتىم. ئۆيدىمۇ ئانام بىلەن سىڭلىمغا بۆلەكچە ئامراقلىق قىلغىنىمدىن ئۇلار گۇمانلىنىپ دۇكاندىكى قىزدىن سوراپ ھەممە ئىشىمدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئانامنىڭ بۇ ئىشلىرىمدىن خەۋەر تېپىپمۇ سۈكۈتتە تۇرغىنىنى رازىلىق دەپ ئويلاپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم.

   يېقىندىن بېرى مۇنبەردە يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلار كۆپىيىۋاتاتتى. بۇ ئىشقا زۇلەيخا ئىككىمىزمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدۇق. ئادەتتە كۆڭۈلگە تالىق تاتلىق مۇھەببەتلىك تېۋىشلارنى مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرىدا يوللايتتىم. ئۇمۇ مېنىڭ بۇ ئادىتىمگە ماسلىشىپ كەتكەن ئىدى. قاتتىق سىغىنىپ بىتاقەت بولغان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ماڭا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ يۈرىكىمگە تەسەللىي تاپاتتىم.
   - زۆھرە دىگەن بۇ قىزنىڭ نەسىرلىرى ئادەمگە باشقىچە شېرىن ھىس-تۇيغۇلارنى بەخش ئىتىدىكەن.
   - شۇنداق، مەنمۇ يىقىندىن بېرى ئۇنىڭ تېمىلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قەلىمى خېلى ئۆتكۈر ئىكەن.
    - سىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
   - مۇنبەر كۆرىۋىرىپ قەلىمىم خېلى پىشىپ قالغىنى راس. ئەمما يەنىلا بالا ھەۋەسكاردە.
   زۇلەيخا ئىككىمىز مۇنبەر توغىرسىدا ، يېڭى تىمىلار توغىرسىدا كۆپرەك پاراڭلىشاتتۇق. پىكرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، قىزىقىشلىرىمىزنىڭ ئورتاقلىقى مىنى سۆيۈندۈرەتتى. پات-پات ئۇنىڭ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن يالغۇز سۆرىتىگە قاراپ تاتلىق پىچىرلايتتىم. مۇھەببەتنىڭ ئادەمنىڭ بۇنداق شوخلاشتۇرىۋىتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئېلگىرى سالاملىشىپلا قويىدىغان قوشنىلىرىم بىلەن بىرەر-ئىككى ئېغىزدىن چاقچاقلىشىپ قويىدىغان بولدۇم.
   بىز توردا مۇھەببەتلىشىپ بىر يىل بولغاندا يەنە ئانامنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇرت ئاتلاپ زۇلەيخا بىلەن 4-قېتىم كۆرۈشۈپ كەلدىم. ئەمدى كۆپرەك توي ئىشىمىز ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. چىرايلىق توي قىلىپ زۇلەيخانى ئۆيۈمگە ئەكىلىۋىلىش، ئاندىن ئۇنىڭغا سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرۇش، تاتلىق ئاۋازىنى قانغۇچە ئاڭلاش، ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىش........... خۇددى مۇشۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندەك كۆز ئالدىمدىن شۇ كۆرۈنۈشلەرنى قىياسەن ئۆتكۈزۈپ باقاتتىم...

   ئانام بىلەن سىڭلىمغا مەسلىھەت سالدىم. ئۇلارمۇ مەن بەختلىك بولساملا نىمە ئىش بولسا قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. زۇلەيخاغا مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۇنىڭمۇ رازىلىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئانام بىلەن سىڭلىمنى ئىلىپ، ياخشى تەييارلىق بىلەن زۇلەيخانىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتۇق.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3412

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم يېرىدە توختاپ قالدىغۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
480 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1875

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراقلا يېزىۋەتسە نىمە بولارررررر

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3412

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:40
بىراقلا يېزىۋەتسە نىمە بولارررررر

ئۇنى بىر دېمەڭ، مەن ماۋۇ تېلىفۇندا ئوقۇۋاتقان رومانمۇ تۆت كۈندە بىر يېڭلىنىپ، ئادەمنى تەققەزا قىلىپ، قەمبەرنىسانىڭ ئىلھامىغا دۇئا قىلىپ تۇراي جۇما

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
245 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
659
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ توردا پىروزا ئەسەرلىرى ئوقۇغىلى قېرىغلىقىم.
ئادەتتە قۇلۇمغا كىتاپ ئالدىممۇ ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ئاندىن قيىدىغان خۇيۇم بار.شۇڭىمۇ توردا بىرىلگەن ھىكايىلەرنى ادى ھەممىنى يوللاپ بولغاندە ئاندىن كۈرەي دەيمەنۇ يەنە تەخىر قىلالماي كۆرىمەن،ئاندىن ئاخىرنى يوللاپ بولغىچە كاللامغا كىرىۋېلىپ ،تەسەۋۋۇر قىلىپ ھېرىپلا كىتىمەن زادى......

مىنى بەك ھاردۇرۋەتمەي تىزرااق بۇلايلى ھە قەمبەرنىسايىم.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
554 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
719
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى قەمبەرنىسايىم ھىيتتا ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ھىكايە يىزىشقىمۇ ئۇلگۇرۇپلا، مەن ئۇقۇشقىمۇ ئۇلگۇرەلمەي قىلىۋاتىمەن، ھەممىنى يوللاپ بولغاندا ئاندىن بىي كۆرەي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:06 , Processed in 0.064081 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش