يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: قەمبەرنىسا

ۋىجدان سورىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلئايىم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:21
ھى ھى ھى قەمبەرنىسايىم ھىيتتا ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چى ...

ھوي گۈلئايىم،
سەن نىمىشقا مۇلايىم...
دەپ ناخشا ئوقۇغاچ ئىككىمىز بىللە كۈرەيلى ھە شۇ چاغدا.....گازىر چاققاچ گۇڭ-مۇڭ ئولتۇرۇپ

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:34
ھوي گۈلئايىم،
سەن نىمىشقا مۇلايىم...
دەپ ناخشا ئوقۇغاچ ...

شۇنداق قىلايلىچۇ جېىنىم، شۇ باھانىدە گوڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرۇپ تازا قانغۇدەك بىر مۇڭدىشىۋالايلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:34
ھوي گۈلئايىم،
سەن نىمىشقا مۇلايىم...
دەپ ناخشا ئوقۇغاچ ...

گازىرنى مەندىن ئالارسىلەر ھە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى يېزىۋاتامدۇ ما خان  لېكىن زىلەيخا نەدىدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:30
مىنى يېزىۋاتامدۇ ما خان  لېكىن زىلەيخا نەدىدۇ

ھە،مەن ئويلىغاندەك  قاپىقىڭىز تارتتىمۇ؟
شۇڭا كىرگەن ئوخشايسىز ھە؟بولمىسا يۇقاپلا كىتىپتىڭىز مۇنبەردىن،
مەنمۇ شۇ سىزنى يازغانمىكىن دەپ قالدىم.......

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            2
   بېكەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئانام بىلەن سىڭلىمنى بېكەت يىنىدىكى ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ زۇلەيخاغا تېلىفۇن قىلدىم. چۈنكى ئانام << ئاۋال شۇ قىز بىلەن كۆرۈشەي >> دەپ تۇرىۋالغانىدى. زۇلەيخامۇ ھايال بولماي يېتىپ كەلدى. ئەمما يىنىدا ۋىجىككىنە، قارامتۇل كەلگەن، يۈزىدىكى كىچىككىنە خالى بىلەن خىلى يىقىملىق كۆرۈنىدىغان بىر قىزمۇ بار ئىدى.
   تىنىچلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن زۇلەيخا ماڭا ئۇ قىزنى تونۇشتۇردى.
   - مۇنبەردىكى زۆھرە دىگەن قىز شۇكەن. دۇكىنىمنىڭ يېنىدا دۇكان ئاچىدىكەنتۇق. ئۇقۇشماي يۈرۈپتىمىز....
   - ھە تىچلىقمۇ؟- ئۇنىڭ بىلەن سۇسلا سالاملىشىپ قويغاندىن كىيىن قىزلارنى باشلاپ ئاشخانا ئىچىگە كىردىم. ئۆز-ئارا سالاملىشىش، تەكەللۇپلاردىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆز ئورنىدىن ئورۇن ئالدى. زۆھرەنىڭ ماڭا يەۋەتكۈدەك تىكىلىپ قارىشىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىۋاتقان بولساممۇ چاندۇرماسلىققا تېرىشتىم. ئانام زۇلەيخانى ئايرىم ئورۇنغا ئىلىپ كىتىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئىككىسىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمدىن زۇلەيخانىڭ ئانامغا ياراپ قالغانلىقىنى سىزىپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.
   - تاھىر ئاكامدىن تېلىفۇن كىلىپ قالدى. دۇكانغا دەرھال قايتمىسام بولمايدۇ. ئالاقىلىشپ تۇرايلى. تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قوياي.
   ئۇ ماڭا تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن مەن نۇمۇرنى بىر سايرىتىپ توختىتىۋەتتىم. زۆھرە قانچە زورلاشلىرىمغا قارىماي زۇلەيخاغا ئېيتىپ قويۇشىمنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى. سىڭلىمدىن زۇلەيخاغا نىسبەتەن قانداق تۇيغۇدا بولغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ : -
   - ساڭا يارىغان بولسا بىزگە ئەلۋەتتە يارايدۇ ئاكا، چۈنكى سەنمۇ ئۇنداق-مۇنداق قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرمەيسەن دىدى. بىز شۇ توغىرسىدا پاراڭلىشىپ تامىقىمىزنى يەپ بولۇپ تۇرىشىمىزغا ئاشخانىغا ئېگىز بويلۇق، سىمىز بىر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشىنىڭ ئۇدۇللا بىزگە قاراپ كىلىشى دىققىتىمنى تارتتى.
   - زۇلەيخا ! مەن سېنى مۇشۇنداق تەربىيەلىگەنما ؟ مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ، نىكاھ ئىشلىرىڭنى ئۆز ئالدىڭغا ھەل قىلىدىغان بولۇپ كەتتىڭما ؟ - زۇلەيخا كاچىتىغا تەگكەن بىر تەستەكتىن سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. - ناۋادا مېنى دادام دىسەڭ مەن بىلەن ئۆيگە قايت. بولمىسا مېنىڭ سەندەك نۇمۇسسىز قىزىم يوق.
   بۇ كىشىنىڭ ھىڭدىن سىسىق گەپلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن زۇلەيخا ماڭا قېيمىغاندەك، مېنى ئاخىرقى قېتىم قارىچۇقلىرىغا سىڭدۈرىۋالماقچى بولغاندەك تىكىلىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئۈنچىدەك ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ كىشىمۇ ماڭا قاتتىق ھومىيىپ زۇلەيخانىڭ ئارقىسىدىن يوغان چامداپ چىقىپ كەتتى. لەسسىدە بوشاپ كەتتىم. پەرىزىمچە بۇ زۇلەيخانىڭ دادىسى ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ مەن زۇلەيخادىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ دادىسىنىڭ بۇ ئەلپازىدا قىزىنى ماڭا بېرىدىغاندەك ئەمەس. بىشىم پىررىدە قىيىپ كەتتى. سىڭلىم دەرھال يۆلەپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى. بىردەمدىن كىيىن ئاشخانىدىكى كىشىلەرنىڭ بىزگە قارىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خىجىل بولۇپ ئاناملارنى باشلاپ ئاشخانىدىن قايتىپ چىقتىم....

   ھەپتىدىن بېرى زۇلەيخا بىلەن ھىچقانداق ئالاقە قىلالماي ئىچىم تىتىلداپ كەتتى. تېلىفۇنى ئۈزلۈكسىز ئېتىك ئىدى. مۇنبەردە ياكى چ چ دىمۇ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. << يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەككۈچە، بۇرنى قاناپتۇ >> دەپ، ئەمدىلا ھىجران سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ۋىسال پەيتى يىتىپ كىلەي دىگەندە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ھاقارىتى بىلەن پۇچۇلىنىپ كەتكەنىدىم. ئانامغا بۇ ئىش ئېغىر كەلگەن بولسا كىرەك، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئاخىرى زۆھرەنىڭ ماڭا تېلىفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويغانلىقى، ئۇنىڭ زۇلەيخا بىلەن دۇكان قوشنا ئىكەنلىكى ئىسىمگە كىلىپ زۆھرەنىڭ نۇمۇرىنى ئاران تەسلىكتە ئىزدەپ تاپتىم.
   زۆھرەدىن زۇلەيخانىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ جىددى تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقان شۇم خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كەتتىم. تۇنجى پاك سۆيگۈمنىڭ بەربات بولىشى مېنى چوڭقۇر ئازاپ دېڭىزىغا غەرق قىلغانىدى........
   بۈگۈن ئۇنىڭ تويى ئىدى. بىر-بىرىگە تەلپۈنۈپ تۇرغان ھەرئىككى يۈرەكتىن قان تامچىلىماقتا. ئىشىك ئىچىدىن چىڭ تاقىۋىتىپ ئۆلۈك ھالەتتە يىتىۋاتقىنىمغا توپتوغرا ئۈچ كۈن بولدى. كۆزۈمنى ئاچقۇدەكمۇ ھالىم يوق. زۇلەيخا بىلەن يېزىشقان تىلىفۇندىكى ئۇچۇرلانى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم. ئەزەلدىن << ئوغۇل بالا يىغلىسا بولمايدۇ >> دەپ قارايدىغانلارنىڭ بېرى بولساممۇ، مۇھەببەت ئازابىنىڭ مېنى بۇنچىلىك نادامەتكە قويىدىغانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كەلگەندە ھىس قىلدىم. قانغۇچە يىغلىدىم. سىڭلىمنىڭ يىلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. كەچ بولغاندا تىلىفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر زۆھرەدىن كەلگەن ئىدى.
   - سالام تاھىر، مۇنبەردە ھەرئىككىلىڭلار يوقاپ كەتكەچكە تېمىلار تەستىقسىز ھالەتتە يېرىم كۈنلەپ تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىۋاتىدۇ. تىزراق مۇنبەرگە كىرىڭ.
   - سالام زۆھرە، مېنىڭ مۇنبەرگە كىرگۈدەك ھالىم يوق. خاپا بولمىسىڭىز مېنىڭ نامىمدا سىز كىرىپ تېمىلارنى تەستىقلاپ قويۇڭ. مۇنبەر ئىسمىم تاھىر. مەخپىي نۇمۇر ****** .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېقىراق يازمامتىمىزا ئاينا  ناشتىلىققا قۇرساق تويمىغاندەك پۇخادىن چىققۇچە تۈگەپ قاتكەنيا  ئاخىينى ئۈزەم بىي يازىتمە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:49
جېقىراق يازمامتىمىزا ئاينا  ناشتىلىققا قۇرساق تويمىغا ...

بولسا شۇنداق قىلىۋېتىڭەقەمبەرنىسا ھېيتنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى ھەقىچان،سىز ساڭزا سالمىغاندىكىن

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:28
بولسا شۇنداق قىلىۋېتىڭەقەمبەرنىسا ھېيتنىڭ تەيي ...

بۇندا ئىشنى قىلىمەن دەپلا قىلىۋەتسەك بولماس . قەمبەرنىسا ئايىم ساڭزا چوكىسى بىلەن ئۇرۇشتىن يانمايدۇ، ساڭزىنى مەن سالسام سەن پىشۇرامدىڭ دەپ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەپتىدىن كىيىن زۆھرەنىڭ تەسەللىي بېرىشلىرى بىلەن دۇكانغا چىقتىم. قىسقا ئۇچۇر ساندۇقۇمدىكى زۇلەيخانىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق ئىدى. بىشىم پىررىدە قىيىپ كەتتى. ئەمما زۆھرەنىڭ ماڭا يازغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ يىزىشىچە مۇنبەرگە مېنىڭ تېمىلىرىم بەك ياراپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئەزا بولۇپ كىرىپتىكەن. كىيىن زۇلەيخا بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىمنى بىلگەندىن كىيىن، مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. ئەمما ھازىر مېنىڭ قەلبىمدىكى يېگانە گۈلۈم توي قىلىپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا كۆڭلىنى ئىزھار قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ بۇ ئۇچۇرنى يوللاپتۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خۇشخەۋەر كۈتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپتۇ. يەنە مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرۇم توشۇپ كەتكەنلىكتىن ئاپتوماتىك ھالدا قىسقا ئۇچۇرلۇرۇم يۇيۇلۇپ كەتكەنلىك توغىرسىدىكى ئۇچۇرنىمۇ ئەسكەرتىپتۇ.

   بىشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ھىچقاچان بىر قىزنىڭ بىر ئوغۇل بالىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بەك غەلىتە تۇيۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭغا نەچچە ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش مۇئامىلە قېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ مۇنبەر ئارىلاشقا باشلىدىم.
   << ۋاپاسىز يارغا >> << ۋىجدانسىز يۈسۈف >> ماۋزۇلىرىدىكى تېمىلارنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالدىم. تېمىنى بۈگۈن ئەتتىگەندە زۇلەيخا يوللىغان ئىدى. ئۇ تېمىسىدا << مېنىڭ ئۇنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى، دادىسىنىڭ شۇ گىپىدىن كىيىنلا مېنىڭ ئۇنى ئىزدىمىگەنلىكىمنى، تويى بولغان كۈنى يولۇمغا قارىغانلىقىنى ئاندىن يولدىشىنىڭ پۇلدار بايۋەتچە ئىكەنلىكىنى، ماڭا بولغان كۆڭلىنى يولدىشىغا بېرىۋەتكەنلىكىنى.......>> يازغان ئىدى. مەن يەنىلا ئاچچىقىمغا ھاي بېرىپ، ئۇ تېمىغا ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئېنكاس يازغاندىن كىيىنلا ماڭا يەنە قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر يوللىغۇچى زۇلەيخا ئىدى.

   < سىز نېمىدىگەن نامەرت، ۋاپاسىز........
   مېنى دادام يېنىڭىزدىن ياندۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن تېلىفۇن ئىشلىتىشىمنى چەكلىدى. دۇكانغىمۇ بارغىلى قويمىدى. زۆھرە ئارقىلىق ھەممە ئەھۋالدىن سىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇردۇم. چۈنكى پاك سۆيگۈمنى سىزگىلا ئاتىۋەتكەنىدىم، ئەمما خاتالىشىپتىكەنمەن يۈسۈف، سىزنىڭ بۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن. << توردىمۇ راستچىل كىشىلەر بار، سىزنى ئەمەلىيىتىم بىلەن تەسىرلەندۈرىمەن >> دېسىڭىز، سىزگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپ قاپتىمەن. لىكىن سىز مېنى شۇ تاشلىغان پىتى تاشلاپ كەتتىڭىز. تويۇم بولغىلى ساق 8 كۈن بولدى. ماڭا راستىنلا كۆڭلىڭىز بولغان بولسا مېنى توي كۈنى ئىلىپ قاچاتتىڭىز. ئەمدى تۈگىدى، سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ بولدۇم. ماڭا ئۇچۇر قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. قورقۇنچاق .....>

   كۆزۈم ياش بىلەن پەردىلەندى. بۇ چىن ساداقەتنىڭ، چىن سۆيگۈنىڭ شاھىدى بولغان ھەقىقى كۆز يېشى ئىدى. دۇكانغا كىرىپ چىقىۋاتقانلار ماڭا غەلىتە نەزەردە قارىشىپ باشلىرىنى چايقىشاتتى. بىردىنلا دۇكاندىكى قىزنى يەنە ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلغان تەخمىنەن بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قالدىم. بۇ رىئاللىققا تەن بەرگۈم كەلمىگەنىدى. سىڭلىمنىڭ ئانامنى يۆلەشتۈرۈپ كىرىپ كىلىشى بىلەن، ئەتتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ قويغان گەپلەر ئىسىمگە كەلدى. ئۇ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاچ تۇرىدىغان، مەن دۇكاننى دۇكاندىكى قىزغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ئارقىسىدىن بارىدىغان بولغانىدىم.
   - كەچۈرگىن سىڭلىم كەينىڭدىن بارالماي قاپتىمەن.
   - ياق ئاكا، كەچۈرۈم سورىما. سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىلغىن.
   - ھەراس، ئانامغا قانداق دىئاگنوز قويۇلدى؟
   - دوختۇرلار تېنى ساق ئىكەن. پەقەت شۇ كەم ماغدۇرلۇق، قان ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىققان باش قېيىش ئىكەن. ياخشى ئارام ئالسا، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دىدى.
   - ھە ئۇنداق بولسا ياخشى، مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي - شۇنداق دەپ دۇكاندىكى قىزغا قارىدىم. - دىلبەر، دۇكانغا قارىغاچ تۇرۇڭ. مەن ئۆيگە بېرىپلا كىلەي.

   چوڭقۇر خىيال ئىچىدە ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋىتىپ ئالدىمدىكى بىر موتوسىكىلىت بىلەن ئۇرۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. جىددى تورمۇزدىن كىيىن موتوسىكىلىت شوپۇرى بىر نېمىلەرنى دەپ غوتۇلدىغىنىچە كىتىپ قالدى.
   - ئوغلۇم، سەندىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويمىساڭ بولاتتى. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەن 20 يىلدىن بېرى سىلەر مېنىڭ ھاياتلىق شامىمنى يورۇتۇپ كەلدىڭلار. ساڭا بىر ئىش بولۇپ قالسا، سىڭلىڭ ئىككىمىز تۈگىشىپلا كىتىدىكەنمىز.
   - ئاكا ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويمىغىن، سالامەتلىكىڭگە دېققەت قىل.
   - بولىدۇ ئانا، مەن گىپىڭىزنى چوقۇم ئاڭلايمەن. رازىيە سەنمۇ ئارتۇقچە غەم يەپ كەتمىگىن سىڭلىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ. مەن يەنىلا سىلەرنىڭ ياخشى يۈسۈفىڭلار بولىمەن.

   - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاھىر قانداق ئەھۋالىڭىز؟
   - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۆھرەمۇ سىز؟
   - قالتىس تاپقاق جۇمۇ سىز. نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
   - مۇنبەردە شۇ.
   - زۇلەيخانىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئاراڭلاردا بىر ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇنىڭ سىزنى ھازىرمۇ ( تويدىن كىيىنمۇ ) ئىزدەپ تۇرغىسى بار ئىكەن. ناۋادا ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز بولسا، مەن ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن ئىچىۋاتقان دۇكىنىنى ئىزدەپ تېپىپ ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمۇرىنى تىپىپ بىرەي بولامدۇ؟ سىزگە بەكلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى يۈسۈف. ئەمما بۇ زۇلەيخانىڭ نېمە قىلغىنى دەيمە، قاراپ تۇرۇپ مۇنبەرگە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ تېما يوللىغىنىنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي قالدىم.
   - بولدى قىلىڭ زۆھرە. ئۇنىڭ ئەمدى مېنى كۆرەر كۆزى يوق. مېنىڭمۇ ھەم شۇ. ھەرقانداق بىر قىز تويدىن كىيىن چوقۇم ئېرىگە ساداقەتمەن بولىشى كىرەك. ئۇنداق كۆڭلى بار ئادەم توي قىلمايمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغان بولسا بۇنداق ئىشمۇ يوق. پەقەتلا ئەقلىمگە سىغمايدۇ. بىز ئايرىلغىلى تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان تۇرسا، بۇنچە تىزلا تويىنى قىلىۋىلىپ ئەمدى ئادەمگە شۇنداق ھاقارەت قىلسا بولامدۇ ؟
   - بولدى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. ئۇمۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلغاندۇ؟
   - زۆھرە ئۆتۈنۈپ قالاي . ئەمدى ئۇنىڭ پارىڭىنى قىلماڭ بولامدۇ؟ بولمىسا سىز بىلەنمۇ ئالاقىلاشمايمەن.
   - ھە بولىدۇ ئۇششۇق، ئاران تۇرىدىكەنسىز....
   ئۇنىڭ ئۇششۇق دىگەن گىپى يۈرىكىمنى ئوينىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان دوستانە ياردەملىرىدىن بۇ قىزنىڭمۇ كۆڭلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

   ئارىلىقتا تۆت ئاي ئۆتكەندە ئۇ نەسىر يېزىش ئارتۇقچىلىقى بىلەن مۇنبەردە داۋاملىق ماڭا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ، كۆڭلۈمدىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىۋالدى. زۆھرەنىڭ كۆڭلىنى ساختا دەي دىسەم، ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ زۇلەيخا ئۈچۈن قانچىلاپ تېمىلارنى يازغان ئىدىم. شۇڭا << سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول >> ۇش قارارىغا كەلدىم. بارا-بارا ئۇنىڭ بىلەن بەك رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدۇق. ئۇ شوخلىقى، گەپكە ئۇستىلىقى بىلەن كۆڭۈل يارامنى ساقايتىپ، زۇلەيخا ماڭا ئاتا قىلغان مۇھەببەت ئازابىدىن مىنى قۇتقۇزىۋالغانىدى.

   - ئۆگۈنلۈككە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولىدۇ، كىلىپ تەبرىكلەپ قويمامسىز؟
   ئۇنىڭ جاننى سۆيۈندۈرىدىغان لەزىز ئەركىلەشلىرى يۈرىكىمنى ئوينىتىۋەتتى. ئويلانمايلا جاۋاپ بەردىم.
   - ئەلۋەتتە ئوماق، مەن بارمىسام ئۇ سورۇنىڭىز قىزىماس ھەقىچان؟
   - ئەمسە يولىڭىزغا قارايمەن.
   زۆھرەنىڭ تىلىفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مىنىڭ سۆرىتىم بىلەن ئۆزىنىڭ سۆرىتىنى بىرىكتۈرۈپ رومانتىك ھالەتتە ياساپ ماڭا ئەۋەتكەن سۆرىتىگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇردۇم. خۇددى ئىلگىرى زۇلەيخا ئىسىملىك بىر قىزغا تۇنجى سۆيگۈمنى ئاتا قىلمىغاندەك، ئۇنداق بىر قىزنى تونۇمايدىغاندەك زۆھرەنىلا ئويلايدىغان ئۇنىلا سىغىنىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.

3-يىزىلىۋاتىدۇ. كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتقان ئەزىزلەرگە كۆپ تەشەككۈر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:57  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:10 , Processed in 0.049250 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش