يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئارسلان

ئارسلان - سۈكۈتتىكى سىدە دەرىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالدىراشلىق ئېچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىراشلا ئوقۇدۇم تولۇق ئوقۇپ بوپ بىي يازاي ئىنكاسنى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاممامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پۇشايماندىن ئۈزەمنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالدىم . پۈتۈن مەھەللىگە توي داۋرىڭى سېلىپ ، خۇشاللىقتا ئاغزى يۇمۇلماي قالغان ئانامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ يوققا چىققانىدى . باغاقلىرى يېزىلىپ تارقىتىلىش ئالدىدا تورغان توينىڭ ، بىراقلا بەربات بۇلىشى تەندۇرۇس بىجىرىملىكىدن ئايرىلىپ ، ئايىقى چىقمىغان كىچىك بالىدەك باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تايىنىپ قالغان ئانىنىڭ  يۈرىكىنى قانداقمۇ پارە قىلماي قالمىسۇن ؟
تۈنۈگۈن سەن ئاناڭدىن رۇخسەت ئېلىپ ، مەن بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ئامبارغا بېرىپ مىنى ئۇزۇن كۈتكەن بولساڭمۇ  مەن بىلەن ئالاقىلىشالماي ، ئۈيۈڭگە قايتىشىڭدا ئىككى مەستنىڭ بۇزەك قىلىشىغا ئۇچراپسەن . ئاجىز پۇتۇڭنى سۆرەپ قاچقان بولساڭمۇ ، كىلىشمەسلىك يۈز بىرىپ قىرغاقتىن دۇمىلاپ كىتىپسەن . كىملەردۇر كىسىۋەتكەن يولغۇننىڭ بىگىزدەك شېخى كۈزۈڭگە كىرىپ كىتىپتۇ . ھازىر ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئىكەنسەن . ئەتىگەن ئاناڭ كىلىپ تويلۇقنى قايتۇرۇپ ، توينى بىكار قىلغاندىن سىرت ، ئانامغا بىر مۇنچە گەپ قىلىپ قايتىپ كىتىپتۇ ...
چاقماق تىزلىكىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم . كاللامدا سىنىڭ يېنىڭغا بېرىشىتىن باشقا خىيال كەلمەيتتى . كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي يېنىڭغا چاپتىم . چىنە خىشلىق كارىدۇرلاردا دوقۇرۇپ يۈرۈپ ، ئاخىرى سىنى تاپتىم . نىمە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ياتاققا كىرىشنى قارار قىلىپ ، ئىشىكنى ئاستا ئىتتەردىم . كۆزلىرىڭ تېڭىۋىتىلگەن ، قوللىرىڭدا ئۇكۇل يىڭنىسى تۇراتتى . باشلىرىنى تۇتۇپ خىيالغا پاتقان داداڭنىڭ يېنىدا ئاناڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى . ئاناڭنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان غەزەپلىك ئۇچقۇنلاردىن ئەيمىنىپ   گۇناھكارلاردەك بېشىمنى ئەككىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم .
- يۇقال ، قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ ؟ تاماشا كۆرگۈڭ بولسا ئىشەك بازىرىغا بار . ئاناڭ ئېتىلىپ كىلىپ مىنى بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى . شۇ تاپتا يۈزۈم ئەمەس ، يۈرىكىم ئاغرىۋاتاتتى . كۈزۈڭ ساقىيىدىغانلا بولسا ئۇلار مىنى قانچە ئۇرۇپ تىللىسىمۇ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىشقا تەييار ئىدىم . دوختۇرخانا گۈللىكىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان سىمنۇت ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم . كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى تىنىمنى قۇرۇپ ئۈتەتتى . بەلكىم مىنىڭ مۇھەببەتتە ھەققىم بولمىسا كىرەك . سەن بىلەن تۇنۇشۇپ ، مۇھەببەت يۇلىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ، كۈنلىرىم تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەنلا ئۈتۈپتۇ . يىتىملىكىم ، ئانامنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ، تۇيۇمنىڭ بۇزۇلۇپ سىنىڭ يەنە بىر قېتىم قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشۈڭ تەقدىرى ئەزەلنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىسى بۇلىشىمۇ مۇمكىن . نىمىشقا مەن باشقىلاردەك كۈلۈپ ياشىيالمايمەن . يارالمىشىم ئەشۇنداق تەتۈر پىشانىلىكمۇ ياكى ئاللانىڭ مىنى سىناۋاتامدىغاندۇ ؟ نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەردىن ئەقلىمنى يۇقۇتاي دەپ قالدىم . شۇ كۈنلەردە بىز قىزىق نۇقتىغا ئايلاغانىدۇق . مەھەللىدىكى تىڭتىڭچىلاردىن ئەھۋالىڭنى ئاڭلاپ تۇراتتىم . بىر ئايدىن ئاشقاندا دوختۇرخانىدىن چىقتىڭ . كۆز قارىچۇقۇڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن بىر كۈزۈڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپسەن . روھى ھالىتىڭ كۈنسىرى ناچارلاپ تاماق يىمەيدىغان ، باشقىلارغا گەپمۇ قىلمايدىغان بۇلۇپ قاپسەن . تۇرۇپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىساڭ بەزىدە نىمىگىدۇر خۇشال بۇلۇپ كۈلۈپ كىتىدىكەنسەن . خىزمەتكە بارمىغىنىمغا خېلى كۈنلەر بولغانىدى .ئانام كۈنلەپ گەپ قىلمايتتى . بۇرۇختۇرمىچىلىق قاپلاپ تۇرغان ئۆيدە مەنمۇ ئولتۇرالماي ئۈيۈڭنى چۆگىلەپ يۈرەتتىم .ساقاللىرىم ئۈسۈپ ، كۆزلىرىم گوردەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ، پاخپايغان چاچلىرىم مىنى ئەقلىدىن ئازغان سەۋدايىغا ئوخشۇتۇپ قويغانىدى . ياپراق تاشلاشقا باشلىغان سىدە دەرىخى تۈۋىدە ئىگىز پىشايۋانلارغا تەلمۈرۈپ قارايتتىم  . بەزىدە ئۈيۈڭگە كىرىپ تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشنى ، ئۈيۈڭدىكىلەر ماقۇللۇق بەرسىلا سىنى يىتىلەپ بولسىمۇ بىر ئۆمۈر ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدىغىنىمنى دىگۈم كىلەتتى . قەدەم ئالساملا پۇتلىرىم لاكاسلاپ ، ماڭار يۇلۇمغا تىكەن چېچىۋىتىلگەندەك بىر ئىزدا توختاپ قالاتتىم . سىدە دەرىخى بۇ مىسكىن ھالىمدىن ئېچىنىغاندەك ياپراقلىرىنى تۈكەتتى ، ساپسېرىق سارغايغان بەرگلەرگە قاراپ ، يۈرىكىمنىڭمۇ بارا بارا بېغىشىدىن ئۈزۈلىۋاتقانلىقىنى سىزەتتىم . سىدىگە ھەمرا  بۇلۇپ ئىشىكىڭگە تەلمۈرۈپ ، ئاتا-ئاناڭدىن نەچچە تىل ئاڭلاپ ،ئەمەسلا يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە قىزىپ بۇلالماي ئۆيدە ھەم دوختۇرخانىدا بۇلۇپ ئىككى ھەپتىگىچە يېتىپ قالدىم،ئازاپلىرىم تۈپەيلىمۇ دوختۇرخانىدىن تازا ئوڭشالماستىنلا ئۆيگە يېنىپ چىقتىم،ئانام بىر نەچچە قېتىم بىر نىمە دىمەكچى بولدىيۇ يەنە توختاپ قېلىپ كۆز ياشلىرى بىلەن يۈزىنى يۇيغىنىچە ئېغىز ئاچمىدى ، ئاخىرى ئورنۇمدىن قوپتۇم ، شۇ ھامانلا سىدە تۈۋىگە -بارلىق ئازاپ ھەم شادلىقىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى قېشىغا چاپتىم . خۇن بولغان يۈرىگىمنى يەنە نىمىلەردۇ چاناپ پارە قىلىپ مۇشتەك قارا قۇلۇپ ئىشىكىڭدىن ئاجرىمىدى ، مەيلى سەھەر مەيلى كەچ باراي ئۇ تۈمۈر پارچىسىنىڭ ئېسىلىپ تۇرغىنى تۇرغان ئىدى.پۇتلىرىم بارا -بارا ماغدۇردىن قېلىۋاتاتتى.كۈنسىرى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغىلىۋاتاتتىم.ئانام بۇ ھالىمغا چىدىمىدى بولغاي  مىڭ يەردىن تۈكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆي-يەرلىرىنى ئېلىشىغا سېتىپلا  بىر كىچىدىلا غايىپ بولغىنى.نەگە كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى دەپ بەرگەندەئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى. شۇنچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكىنى بىلەلمىدىم  . چەككەن پەريادلىرىمغا ، پىغانلىرىمغا ، ئىچ -ئىچىمدىن بۇغۇلۇشلىرىمغا ياراتقان ئىگەمنىڭمۇ رەھمى كەلمىدى بولغاي ، قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم نۆل بولدى . سۇغۇق كۈچىيىۋاتاتتى . كۈنلەپ تارتىۋاتقان ئاھلىرىمغا چىدىمىغاندەك ئاسماندىن لەپىلدەپ قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى . قوللىرىمنى ئالدىمغا سۇزۇپ نىمىگىدۇر تەلپۈنەتتىم . قار گۈللىرى مەڭزىمدە ئازراقلا نەم قالدۇرۇپ ئىرىپ تۈگەيتتى . مۇز قاتقان قەلبىمنىڭ ئەشۇ قارغا قۇشۇلۇپ زىمىن باغرىغا سىڭىپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىپ ، تۇمان قاپلىغان بىپايان ئاسمانغا تىكىلگىنىمچە ئەسىرلىك سۈكۈت قوينىدا غايىپ بولدۇم .

تۈگىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:25  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاخىرى مۇرادىغا يېتەلمەپتۇ-دە قىز يىگىتنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، يىگىت يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ باقسا، گۇناھىنى تىلەپ باقسا قانداق بولار؟ مېنىڭچە مۇشۇ يىگىت بىلەن توي قىلغىنى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش، بولمىسا بۇ قىز تۈگۈشۈپ كېتىدۇ.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىدىگە ھەمرا  بۇلۇپ ئىشىكىڭگە تەلمۈرۈپ،ئاتا-ئاناڭدىن نەچچە تىل ئاڭلاپ ،ئەمەسلا يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە قىزىپ بۇلالماي ئۆيدە ھەم دوختۇرخانىدا بۇلۇپ ئىككى ھەپتىگىچە يېتىپ قالدىم،ئازاپلىرىم تۈپەيلىمۇ دوختۇرخانىدىنمۇ تازا ئوڭشىالماستىنلا ئۆيگە يېنىپ چىقتىم،ئانام بىر نەچچە قېتىم بىر نىمە دىمەكچى بولدىيۇ يەنە توختاپ قېلىپ كۆز ياشلىرى بىلەن يۈزىنى يۇيۇغىنىچە چىقىپ كەتتى،ئاخىرى ئورنۇمدىن قوپتۇم،شۇ ھامانلا سىدە تۈۋىگە -بارلىق ئازاپ ھەم شادلىقىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى قېشىغا چاپتىم،خۇن-خۇن بولغان يۈرىگىمنى يەنە نىمىلەردىدۇ چاناپ پارە قىلىپ مۇشتەك قارا قۇلۇپ ئىشىكىتىن ئاجرىمىدى،سەھەر باراي،كەچ باراي،چۈش باراي تۇرغىنى تۇرغان ئىدى.پۇتلىرىم بارا -بارا ماغدۇردىن قېلىۋاتاتتى.مەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغىلىۋاتاتتىم.ئانام بۇ ھالمغا چىدىمىدى بولغاي  مىڭ يەردىن تۈكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆي-يەرلىرىنى ئېلىشىغا سېتىپلا  بىر كىچىدىلا غايىپ بولغىنى.نەگە كەتكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى دەپ بەرگەندەئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى.شۇنچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكىنى تاپالمىدىم،چەككەن پەريادلىرىمغا،پىغانلىرىمغا،ئىچ-ئىچمدىن بۇغۇلۇشلىرىمغا ياراتقان ئىگەمنىڭمۇ رەھمى كەلمىدى بولغاي.قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم نۆل بولدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:56  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېغىشىدىن ئۈزۈلىۋاتقانلىقىنى سىزەتتىم دىگەننىڭ كەينىگەن ئۇلاپ بېقىڭ مانى.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ ئىسسىق سۇغۇقلار بىشىدىن ئۆتكەنكىن بىر تۇي قىلىۋالغان بولسا  بوپتىكەن...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:01
شۇنچە كۆپ ئىسسىق سۇغۇقلار بىشىدىن ئۆتكەنكىن بىر تۇي قى ...

مۇشۇنداق تەكلىپنى بۇرۇنراق بەرمەي . ئەمدى تۇيىنى قىلمىسام بولمىدى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى باركەن جۇمۇ بۇ ئەسەرنىڭ...مۇنداقلا تۈگەتسىڭىز ئايدار بۆجەن ئۇنىمايدۇ.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ تەكلىبىم، بولسا يىگىت يەنە تىرىشسا، قىز ئاشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ھەقىقىي مۇھەببىتى ئارقىلىق قىزنى بىر تەسىرلەندۈرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا توي قىلىپ مۇرادىغا يەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
146 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسەرلىرىڭىز بەك قىزىقتۇرىدۇ ئادەمنى ، بۇنىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىپسىز...
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ مەنچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بوپ قاپتۇ ، گەرچە ئىككىلا تەرەپ ئاز بولمىغان زىيانلارغا ئۇچرىغان ، مۇشەققەت چەككەن بولسىمۇ بۇ ھەممەيلەنگە بىر چېنىقىش بوپ قاپتۇ ... ھەم ، ۋىسالغا يەتمىگەن مۇھەببەت مەڭگۈ شىرىن تەمى بىلەن قالىدۇ ...

بىر پىكرىم ، قىزنىڭ ھىسسى تەسۋىرى بەكلا ئاز بوپ قاپتۇ ، مەسىلەن يىگىت يوقلاپ بارغاندا قىز قانداق بىر ھالەتتە قارشى ئالدى ، خېتىدە ۋە يۈز كۆرۈشكەنلىرىدە نىمىلەرنى دىدى ، ئاخىرىدا يىگىت قىزنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغاندى قىز قانداق بىر روھى ھالەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى ، ئانىسى يىگىتنى بىر شاپىلاق سالغاندا قىز قانداق بىر ئىنكاستا بولدى دىگەندەك ....   ھەم بەزى ئاتلاپ يېزىشلار بار ، يىگىت يوقلاپ بېرىپلا تويغا تەييارلىق قىپ كېتىدۇ دىگەندەك ... سىز نەتىجىگە بىزدىنمۇ بەك ئالدىراپ كېتىۋاتقاندەك تەسىر بەردىڭىز ئادەمگە ...  ئاھ پاھ دىگەن يەرلىرىنى خېلى ئۇزۇن يېزىپسىزكەن بولمىسا ....  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:47 , Processed in 0.048730 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش