
سۈكۈتتىكى سىدە دەرىخى
بۇ يولدا قانچە قېتىملاپ ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن . قاپقارا تۈنلەردە ، تۇلۇنئاي نۇرلىرىنى سەپكەن ئايدىڭ كىچىلەردە ، خوش بولغىنىمدا ، ئازاپلانغىنىمدا قەدىمىم ئىختىياسىز مۇشۇ يول تامان يۈرۈپ كىتىدۇ . ماڭىمەن ، بۈككىدە ئاينىپ كەتكەن سىدە دەرىخى قېشىعا كەلگىنىمدە قەدەملىرىم توختاپ ھەسرەتلىك خىياللار قاينىمىعا غەرق بۇلىمەن . دەرەحنىڭ سەل ئۇ تەرىپىدە مەن گاھىدا مىھمان ، گاھىدا مۇشۇ ئۆينىڭ ئەزاسىدەك بىمالال كىرىپ چىقالايدىعان سىنىڭ ئۈيۈڭ بۇلىدىعان . گەرچە بۇ ئوي ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرسىمۇ مەن ئاللىقاچان ئۇ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان ، قۇلۇمدىن كىلىدىغىنى پەقەت سىدە دەرىخى تۈۋىدە تۇرۇپ، زەڭگەررەڭ پەردە تارتىلغان قوش رامكىلىق دەرىزىگە تەلمۈرۈپ ئازاپ ، پۇشايماندىن لەختە لەختە بولعان يۈرىكىمگە ئازراق مەلھەم تېپىشلا حالاس . ئاسماننى قاپقارا بۇلۇت قاپلىدى . سىدە دەرىخى چاڭقىغان ياپراقلىرى بىلەن يامغۇرنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك سۇس شىلدىرلاپ قۇياتتى . دەرەحكە يۈلىنىپ تۇرۇپ دېرىزىڭگە تەلمۇرگىنىمچە ئۆز ئۈزۈمگە پىچىرلىدىم.
ئۇيقىلاردىن بىدار بۇلۇپ كۆكلەرگە باققىنىڭدا مىنىڭمۇ تۇلۇنئايدىن سىنى سوراۋاتقىنىمنى بىلەمسەن ؟ دەردىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ ، ئۈنسىز ياش تۈكۈۋاتقىنىڭدا مىنىڭمۇ ئۆركەشلەپ تۇرغان ھەسرەتلىرىمنى ئاچچىق شاراپلارغا تۈكۈپ ، قىينالغانچە ئاستا ئاستا خۇدۇمنى يۇقۇتۇۋاتقىنىمنى بىلەمسەن ؟
يامغۇرلۇق كىچە ، يامغۇرغا قۇشۇلۇپ قاغجىرىغان قەلبىڭگە ئاققۇم كەلدى ، يامغۇر تامچىسىدىن ئەندىكىپ يىنىككىنە شىلدىرلاپ تۇرغان يۇپۇرماقلاردەك ، ھەسرەتلىك كۆيلىرىڭ سىڭىپ كەتكەن ياستۇقىڭغا باش قويغۇم كەلدى . ھوردالغان ئەينەكلىرىڭگە ، كۆز ياشلاردەك تۈكۈلۈۋاتقان يامغۇرلارغا چىلىشىپ تۇرۇپ باقماقتىمەن . بۇدرۇق قوللىرىڭنى كۆكسۈڭگە بېسىپ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىشلىرىڭنى قەلبىم سىزىپ تۇرۇۋاتىدۇ ، يامغۇردىن چۆپ چۆپ بۇلۇپ كەتتىم . بىراق ۋۇجۇدۇم گۈلخان ئالدىدا تۇرغاندەك شۇنچىلىك ئىللىق . چۈنكى سىنى ئويلاپ سۈرگەن خىياللىرىمدا ئاھلىرىڭنىڭ بىر مەن ئۈچۈنلىكىنى ھىس قىلىمەن . سىنى خىيالەن سۈيۈۋاتقىنىمدا غۇيۇلداپ ئۈتۈپ كەتكەن ماشىنا مىنى پاتقاقلار بىلەن مىلىۋەتتى . تېلىقىپ تۇرۇپ كۈلۈپ كەتتىم ، بۇ يول سىنىڭ بۇسۇغاڭغا تۇتاشقان ، سىنىڭ ئىزلىرىڭ بىلەن ئاۋاتلاشقان ، سىنىڭ پۇرىقىڭ سىڭگەن تۇپىلاردىن پۈتكەن پاتقاقلار ئىدى . كىيىملىرىمنى ، مەڭزىمنى مىھرىم بىلەن سىلىدىم ، بىر ھارارەت باغرىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى گۇيا سەن مىنى سىلاۋاتقاندەك ، كۈلگنىڭچە يۈزلىرىمنى سۈرتىۋاتقاندەك ...
ئىشىكىڭنى چەككىلى ، بار ئاۋازىم بىلەن سىنى چاقىرىپ دەرتلىرىڭگە دەرمان بولغىدەك غەيرەت مەندە يوق . ناھايىتى ئاز ياغىدىغان يامغۇرسىز بۇ ماكاندا بېشىڭغا يامغۇرلۇق تۇتۇپ دەريا بويلىرىنى سەيلە قىلدۇرغۇدەك كۈچ قۇۋەت مەندە يوق . چاناقلىرىمنى ئېچىشتۇرۇپ ، ھەدەپ ئېتىلىشقا تەييار تۇرىدىغان كۆز ياشلىرىمنى تۇسۇپ قالغۇدەك سەۋر تاقەت مەندە يوق . ئاياقلىرىمنى باشقۇرالمايمەن . ھەر كۈنى بىزنىڭ تۇنۇشۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەپ بولغان سىدە دەرىخىنىڭ ، ئۇتۇنچى بۇۋاينىڭ قاتاڭغۇر قوللىرىدەك يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىلاپ سىلاپ قۇيىمەن .
ئەشۇ كۈن كۆز ئالدىمدا لىپلا قىلىپ قالدى . ئەتلەس كۆينەككە ئۇرالغان زىلۋا قامىتىڭ ، جەزبىدارلىق تۈكۈلۈپ تۇرغان غۇنچە بۇيۇڭغا سەۋدايىدەك تىكىلگىنىمچە مۇشۇ سىدە دەرىخىگە ئۈسۈۋېلىپ پىشانەمنى قان قىلىۋالغىنىم ،چىدىماي بوشقىنە ئىڭراپ كەتكىنىمدە ، كەينىڭگە قايتىپ كىلىپ قان بىلەن خىجىللىقتىن ئوتقاش بۇلۇپ كەتكەن يۈزلىرىمگە ئاپئاق قولياغلىقىڭنى باسقانلىرىڭ ھېلىھەم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ . پىشانەم ساقايدى ، يۈرىكىمدە جاراھەت قېلىپ قالدى . ئاللاھقا تۈمەنمىڭ شۈكرىلەر ئېيتتىم ، قەلبىمنىڭ نىمىگىدۇر تاقەتىسز تەلپۈنىۋاتقىنىدىن ، ئۆيدە ئولتۇرغۇم كەلمەي ئەشۇ سىدە دەرىخىنىڭ سايسىدە كىمنىدۇر كۈتۈشكە ئالدىراۋاتقىنىمدىن ، سىنچى كۆزلىرىمنىڭ تۇلىمۇ يۈگرەك ، نىرۋىلىرىمنىڭ تۇلىمۇ سەزگۈر بۇپ كىتىشلىرىدىن ۋۇجۇدۇمغا مۇھەببەتنىڭ سىھىرلىك ئۇتىنىڭ تۇتۇشۇپ كەتكىنىنى ھىس قىلدىم . ئوتنى ياققان سەن ئىكەنسەن . ئەقلىمنى لال قىلىپ ، پۈتكۈل ئوي خىياللىرىمنى ئۇغۇرلىۋالغان سەن ئىكەنسەن . غەمسىز ئىدىم ، خىيالچان بۇلۇپ قالدىم ، ئۇيقۇچان ئىدىم ، كىچىلىرى تولغۇنۇپ ياتالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم . بۇ ئۆزگىرىشلەر تۇلىمۇ تۇيۇقسىز يۈز بەردى . مەقسەتسىز ئايلىنىمەن ، مېڭىپ-مېڭىپ سىدە دەرىخى قېشىدا توختاپ قالىمەن . كۆزلىرىم ئادەملەر توپىدا . سىمايىڭ كۈزۈمگە چېلىققاندا ھېيتلىق ئالغان كىچىك بالىدەك خۇشال بۇپ كىتىمەن . ئۇچرىتالمىسام قىممەتلىك بۇيۇمىنى يۇقىتىپ قويغان كىشىدەك جۇدۇنۇم ئۆرلەپ قالىدۇ .
تەقدىر يەنە ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقتى . ماغدۇرسىزلىنىپ قالغان ئانامنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىش ئۈچۈن ئاپىرىپ ، ياتاققا ئەكىرۋاتقىنىمدا توك تەككەندەك چۈچۈپ ، ئالتۇن تەڭگە ئۇچراتقاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم . ئانامنى يۈلەپ تۇرۇۋاتقان قوللىرىم قولتۇقىدىنمۇ چۈشۈپ كەتتى . سەن گۇيا كونا تۇنۇشلىرىڭنى ئۇچراتقاندەك تەبەسسۇم قىلغىنىڭچە چاققانلىق بىلەن كارۋاتنى تۈزەشتۈردۈڭ .
پۇت قوللىرىم تۇيۇقسزلا چاققان بۇلۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەن ھامان دەررۇ سىرتقا چىقاتتىم ، ۋۇجۇدۇم قۇلاققا ئايلانغان ، ھەر قانداق بۇيرۇتمىلارنى ۋاقتىدا ئۇرۇنلاشقا جەھلىم بىلەن تىرىشاتتىم . سىرتقا چىققان ، ئۆيگە قايتقان ۋاقىتلىرىمدا ئانامدىن غەم يەپمۇ يۈرمەيتتىم . سەن ئىككى مۇماينىڭ قىزىعا ئايلانغانىدىڭ . يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇشىغا . چاي ئىچىشىگە ياردەم قىلاتتىڭ . ھەر كۈنى دىگۈدەك ئاشكۈكى پۇراپ تۇرىدىغان مەزىلىك سۇيۇقئاشلارنى ئىتىپ كىلىپ ئۇنىمىغىنىغا قويماي نۆۋەت بىلەن ئىچكۈزۈپ قۇياتتىڭ . مەنمۇ ئېغىز تىگەتتىم . بۇرۇن بۇنداق ئوخشىغان تاماق يەپ باقمىغاندەك ، قۇساقلىرىم ئېچىپ پىژىلداپ كەتسىمۇ ، تەمىنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ تاماق يىمەيتتىم .گەپ ئايلىنىپ ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرىغا كۆچكەندە سەن بىلەن دوختۇرخانىنىڭ مەجنۇنتاللار سايە تاشلىغان ئۇرۇندۇقلىرىدا سايىداپ ئولتۇرۇپ تاغدىن باغدىن پاراڭلىشاتتۇق . سەن زوق شوق بىلەن سۆزلەيتتىڭ ، مەن پۈتۈن دىققتىم بىلەن ئاڭلايتتىم .ھەر ئاماللارنى قىلىپ بىلىكىمنى بىلەكلىرىڭگە تەككۈزۋالاتتىم .
بىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق ، سىنى كۈندە كۈرۈپ تۇرالمىساممۇ ئىككى كۈندە بىر ئاناڭنى يوقلىغان بۇلۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم . ئۇچرىشىشىمىز ئازايغانسىرى ، قەلبىمدىكى ئوت بارغانچە كۈچىيىپ باراتتى . پىنھانلىرىمدىكى سىرلىرىمنى ساڭا ئېيتىشقا شۇنچە تەقەززا بولساممۇ ،ئەمدى ئېچىلىۋاتقان يوللىرىمنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم . سىنى خۇشناۋالىق باغلارغا ، مەنزىرىلىك دالالارعا تەكلىپ قىلىدىعانلارنىڭ ( گەرچە بارمىساڭمۇ ) كۆپلىكىدىن تەشۋىشكە چۈشەتتىم . چۈنكى سەن ئەمدىلا پۇرەك ئېچىشقا تەييار تۇرغان مىسلىسىز گۈزەل بىر عۇنچە ئىدىڭ . ھەر كىمنىڭ ، تىكەنلىرىڭ باعرىنى قان قىلىۋەتسىمۇ ، ئۈزىنى پىدا ئەيلەپ سىنى پۇرىغۇسى ، ئۈزگىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە جۇلالىنىپ تۇرعان گۈل ئىدىڭ . ھەر ۋاقىت ساڭا كۆز تاشلاپ تۇرغان سىنچى كۆزلەرنى ئۇيۇۋالغۇم ،ئۈيۈڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ كىتەلمەيدىغانلارنىڭ يوللىرىعا كۆزگە كۈرۈنمەس تىكەنلىك سىملارنى تارتىۋەتكۈم كىلەتتى .
داۋامى بار . ( قىممەتلىك تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:37