
سىياھتەك قاراڭغۇلۇققا چۈمگەن تۈن پەردىسى ئاستا ئاستا قىزىرىۋاتقان شەپەققە ئۇرۇن بۇشاتتى . ئادىتىمدىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتتىم . ھاياجانغا تولغان قەلبىم دېڭىز دولقۇنىدەك ھەدەپ مەۋىج ئۇراتتى . قۇياشنىڭ بۇرۇنراق كۈتۈرۈلىشىنى ، سەن بىلەن كۈرۈشۈپ ،ماڭا ئاتا قىلغان خۇشاللىقىڭغا رەھمەت ئېيتىشقا ئالدىراۋاتاتتىم . ئەتىگەنلىك غىزا شۇنچىلىك تەملىك تېتىدى ، سۇس ھور ئۆرلەپ تۇرغان سۈتچاينى تامىقىمنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ ئىچتىم . ئانام تۈنۈگۈن بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۈرۈلۈپ قالغان چىرايىمغا قانچىلىك ئەجەپلىنىش بىلەن قارىغان بولسا ، بۈگۈن قاق سەھەردە نامازشام گۈلىدەك ئېچىلىپ كەتكەن چىرايىمغا يەنە شۇنداق ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى . دادام تۈگەپ كەتكەندىن بىرى ئانامنىڭ بىردىنبىر سىردىشى ، يۈلەنچۈكى مەن بۇلۇپ قالغان ئىدىم . ئاتىسىزلىقىمنى چاندۇرماي ئۆينىڭ ئېغىر يىنىك ئىشلىرىغا چاپاتتىم . ئانام گەرچە دەم ئېلىشقا چىقىپ بولغان بولسىمۇ بىردەم بىكار ئولتۇرۇشنى ئۈزىگە راۋا كۆرمەيتتى . بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلسام ياردەملىشەتتى . خىزمىتىمنى ئۇبدان قىلىپ نەتىجە قازىنىشىمنى ، تىزراق بېشىمنى ئوڭشاپ نەۋرە يۈزى كۆرگۈسى بارلىقىنى ، ئۈزىنىڭ مەھەللىدىكى قايسىدۇر بىر قىزغا خېلىدىن بىرى دىققەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماي جىكىلەپ تۇراتتى . مەنمۇ ئانامغا پات يېقىندا خوشخەۋەر يەتكۈزىدىغىنىمنى ئېيتىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتىم . ئانام بۈگۈنكى خۇشاللىمنىڭ سىرىنى بىلىپ قالغاندەك پات پات كۈلۈمسىرەيتتى . ئانامغا ئەركىلەپ شوخلۇق بىلەن كۈزۈمنى قىسىپ قۇيۇپ سىرتقا ماڭدىم .
قۇياش كۈتۈرۈلىۋاتاتتى . كۆزلىرىمنى چاقنىتىۋاتقان ئالتۇنرەڭ نۇر تالالىرىدىن بىر قۇياش ئەمەس بىر نەچچە قۇياش پارلاۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدىن ۋۇجۇدۇم ئىللىپ كىتىپ باراتتى . ئەتراپىمغا تويماي قارايتتىم .تەشنالىقتىن يۇپۇرماقلىرى سالپىيىشقان قاپاق تىرەكلەر ، دېڭىزدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان قۇناقلىقلار ، ناگان -ناگاندا ئۈتۈپ تۇرىدىغان ئىشەك ھارۋىلىرى ، كەتمىنىنى دۇلىسىغا سېلىۋالغان دىھقانلار ، تۇپىغا مىلىنىپ يۈزلىرى شالاتق بۇلۇپ كەتكەن يالىڭاياق بالىلار كۈزۈمگە شۇنچە چىرايلىق كۈرۈنۈۋاتاتتى . مەھەللىدىن ئۈتۈپ يېزا بازىرىغا كەلدىم . تىرىكچىلىك غېمىدە سەھەردىلا دۇكانلىرىنى ئېچىۋالغان بازارچىلار يوللارغا سۇ سىپىۋاتاتتى . ئاچلىقتىن ئۇرۇقلاپ تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغان بىر ئىت ماڭا قاراپ قۇيۇپ كىچىككىنە ئۇرەككە يىغىلىپ قالغان داغ سۇغا تۇمشۇقىنى تىقتى . ئارقىدىنلا ئىگىز پاشنىلىق توپلەي كىيىۋالغان بىر ئايال يىتىلىۋالغان بالىسىنى سىلكىپ تارتىپ تاكاسلاپ ئۈتۈپ كەتتى . ھەممىگگە قىزىقسىنىپ قارىغاچ ئىختىيارسىز ئۈيۈڭ تەرەپكە ماڭدىم . سىدە دەرىخى يىراقتىن كۆزلىرىمگگە چېلىقتى . خۇددى سەن مىنى دەرەخ تۈۋىدە كۈتۈۋاتقاندەك قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم . دەرەخنىڭ يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ مىنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك نازغىپ تۇرغان يۇپۇرماقلارغا سۈيۈنۈش بىلەن قارىدىم . سەل يىراقتا كۈرۈنۈپ تۇرغان جىگەر رەڭ سىردا سىرلانغان قاڭالتىر دەرۋازىدىن كىرسەملا سىنى كۈرەتتىم . دۈپۈلدەۋاتقان يۈرىكىمنى ئالقىنىمدا تۇتۇپ بېسىپ تۇرۇپ ئىگىز پىشايۋانلارغا نەزەر تاشلىدىم . بارى يوق نەچچىلا ئادەم ياشايدىغان بۇ ھەشەمەتلىك قورا جىمجىتلا تۇراتتى . ئوتتەك بىر ئىشتىياق مىنى كىرىشكە زورلاپ تۇرسىمۇ ، بۇنداق تاپ بېسىپلا كىرەلمەيتتىم . سەن يۈرىكىڭنى ماڭا بەرگەن بىلەن داداڭ ، ئاناڭلار بىزنىڭ كۈڭۈل سىرلىرىمىزدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى . ئۇلارنىڭ مىنى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم . يۈرىكىمنى بىر ئەندىشە قۇرتتەك چېقىپ ئۆتتى . ناۋادا ئۇلار مىنى قۇبۇل قىلمىسىچۇ ، ئەمدى تېرىغان مۇھەببەت ئۇرۇقىمىز بىخ سۈرمەي تۇرۇپ نابۇت بولسىچۇ ؟ خۇشاللىق قاپلاپ تۇرغان جىسمىمنى مۇزدەك بىر تىترەك باستى .
داۋامى بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:40