يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: روھچىن

ئادىلنىڭ كۆزيېشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:08
ئېسىل ئايالكەنسىز . . . بەختىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

مۇبارەكلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا ئادىلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى. ئايالىنىڭ زەھەردىن ئاچچىق گەپلىرى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى...ئاھ ئۇ كۈنلەر قايتىلانسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ؟
-ئادىلە، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما ئاخىرى مەن بالىلىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بەرمەكچىمەن. مەن ئۇلارنىڭ تىرىك يىتىم بوپ قېلىشىنى خالىمايمەن...
-        ئادىل.... مەن سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، بىر سائەت ئىلگىرى، سىزسىز ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەگەر مېنى تاشلىۋەتسە بۇ دۇنيادىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ بىر قۇتا ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋالغان ئىدىم. لېكىن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم-ئادىلە يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئادىلغا بەردى. –بۇ قۇتىنى كۆرسىڭىز مېنى، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بىر ئاجىزەنى ئەسلەپ قويارسىز.  اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم سىزنى ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن .
ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈزىنى تۇتقان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا ماڭدى.
ئادىل ئولتۇرغان يىرىدە بىرسائەتتەك ئولتۇردى. كاللىسىدا خىياللار ئۇماچتەك قايناپ كەتكەن ئىدى. –بىلىمەن-دىدى ئۇ ئىچىدە- ئادىلەگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. لېكىن، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئۇنىڭغا ھېس داشلىق قىلىمەن دىسەم ئائىلەمنى ۋەيران قىلسام بۇلىدىكەن. بىر قىزنى دەپ بىرئائىلىنى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ پەرىشتىدەك باللىرىمنىڭ يۈزىگە تۇپا قوندۇرسام بولمايدۇ. ئادىلە ئەقىللىق قىزئۇ تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىيالايدۇ، ھەتتا مەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تاپالايدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ئۇھ دەيمەن...
ئادىلل ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ خېلى روھى كۈتۈرلۈپ قالدى. مەنمۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاي دەپ ئويلىدى ۋە بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈچ گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.
ئايالىنىڭ ئامراق تورتىدىن بىرنى، باللىرىغا شاكىلات، چوكا مۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈزىنى قاتتىق خۇشال تۇتۇپ ئۆيگە كىردى.
ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئايالىنى باللىرىنى چاقىردى ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمىدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋاراق خەتكە كۆزى چۈشتى.
-سالام ئادىل، سىزنى سۆيگۈچى بىر يۈرەكنىڭ نىمىشقا بىردىنلا تىكەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئىككى بالا، كەسىپ، ئائىلە ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ، مەن بۇرۇنقى ئەسلىمنى يوقىتىپ قويۇپتىمەن. سىزنىڭ باشقا قىزلارغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلىكىڭىزنى بىلگەن كۈندىلا مەن پىسخىك دوختۇرىغا باردىم، ئۇلار مېنىڭ بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشكەندىن كېيىن، مېنى غەيرەتلىك ياشاشقا، تىرىشىپ ياشاشقا، ئاياللىق ھوزۇرى قەلىب بىلەن ياشاشقا دالالەت قىلدى. بىلىمەن، مەن ياخشى ئايال بولالمىدىم. مەن ئەمدى بارلىق بېسىملارنى قايرىپ سىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشقاندا، ھېلىقى قىز بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئۇ قىزنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئوماق، كىچىك قىز ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا رىقابەتچى بولالمىغۇدەكمەن، لېكىن پىسخىك دوختۇرىنىڭ دىيىشىچە، مېنىڭ قولۇمدا چوڭ كوزىردىن بىرسى باركەن، يەنى ئىككىمىز جاپادا قۇرۇپ چىققان ئائىلە ۋە ئىككى بالام....مەن سىزنىڭ ماڭا ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلىشىشىڭىزنى كەچۈرەلمىسەممۇ، لېكىن ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، بالىلارنى يىتىم قىلماسلىقنى قارار قىلدىم.
مەن ئىدارىدىن يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ بالىلار بىلەن ساياھەتكە كەتتىم، ئۇلار مېڭىش ئالدىدا مەندىن ‹‹دادام بىلەن بىرگە بارمامدۇق ›› دەپ سوراپ كەتتى، ئۇلارنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ، زادى كىم ئەيىبلىك، ئەگەر ئاجىرىشىپ بالىلارنى يىتىم قىلساق، قىساسىغا قالارمىزمۇ دەپ ئويلىدىم.
مەن ئۆزگەردىم، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ئويلاپ تېپىپ چىقتىم. كۆز ئالدىمدىن ئىككىمىز بىللە ئۆتكەن كۈنلەر لىنتىدەك ئۆتۈپ كۆزلىرىمنى نەملىدى.
جېنىم ئادىل: ئەگەر مەندىن راستىنلا تويغان بولسىڭىز، سول تەرەپتىكى تارتمىدا ئاجىرىشىشقا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى خېتىم بار. ئۇنى ئالغايسىز. ئەگەر ئائىلەمنى ساقلاپ قالاي دىسىڭىز، ئوڭ تەرەپتىكى تارتمىدائەتىكى ئاپتۇبۇسنىڭ بېلىتى بار. بىز قەشقەر سەمەن مېھمانخانىسىدا ئىككى بالىڭىز بىلەن سىزنى ساقلايمىز.
ئايالىڭىزدىن...  
باللىرىنىڭ قۇڭغۇراقتەك ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى، ئايالىنىڭ تەرلەپ-پىشىپ ئىتىپ بىرىدىغان چۆپ ئاشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالاي دىدى... ئايالى ياخشى ئايال ئىدى، كىچىككىنە كۈڭۈلنى دەپ ئۇنى رەنجىتتى، پەرىشتىدەك باللىرىنى تەلمۈرتتى. ئۇنىمۇ ئەر دىگىلى بولامتى ؟
ئادىل بىر كىچە ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ قەشقەرگە بارغۇسى بار ئىدى. لېكىن قىيالماسلىق، خىجالەتچىلىك ئۇنى قىيناپ تۇراتتى.
- ئەتتىگەن نامازغا بارماپسەنغۇ ؟
-كىمنىڭ نامىزىغا ؟
-ئادىلەنىڭكىچۇ ؟
-قايسى ئادىلە ؟ ئادىل لەككىدە كۆزىنى ئېچىپ، چۆچۈپ كەتتى.
- ساڭا ئاشىق بۇلۇپ يۈرگەن ئادىلەچۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بارئىكەن، ئاخشام كىسىلى تۇتۇۋېلىپ دۇختۇخانىغا ئاپىرىپ بولغىچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
- ماڭا ۋەي ! چاق چاق قىلمىغىنە ! ئاخشام كۆرۈشكەن تۇرساق . ئاخشام ساق قايتىپ كەتكەن تېخى.
- شۇ ئاخشام سىرتتىن يىغلاپ كىرىپتىكەن، نىمە بولدى دىسە دىگىلى ئۇنىماي، ياتاق ئۆيىگە كىرۋېلىپ ئىشىكنى ئىتىۋاپتۇ. ئاتا-ئانىسى كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىكىن ئەنسىرەپ يىغلاپ-يالۋۇرسىمۇ ئاچماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە چىرايى تامدەك ئاقىرىپ يۈرۈكىنى قاماللاپ يېتىپتۇ. شۇيەردىن دۇختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىپتىكەن بېرىپ بولغۇچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
ئۇ چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ ئاخشام خىيال بىلەن  سافادىلا كىيىمىنى سالماي ئۇخلاپ قالغانلىقىنى، چۈشىدىن چاچىراپ ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى  كۆردى، ئۇنى تەر بېسىپ كەتكەن، جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. لېكىن چۈشىدىن قاتتىق قورقۇپ كىتىپ، ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن تىلىفۇنىنى ئالدى. تىلىفۇن ئىتىك ھالەتتە تۇراتتى. ئۇھھھھھ. ئۇنى قاراپ بېسىپتۇ، بايامقى ھەممە ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن.... خۇداغا شۈكىرى،   ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە ئۇخلىيالمىدى. شۇنداق ئىزتىراپ ئىچىدە تاڭ ئاتتى، ئۇ ئادىلەگە تېلىفۇن قىلىشنى ئويلىدى، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدى. كېيىن زور چىدام بىلەن تېلىفۇن قىلىۋىدى، ئېتىك چىقتى. ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچنىمە ئۆتمىدى. سائەت توققۇزلار بىلەن ئۇنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىرىڭلىدى، لېكىن جىرىڭلاپلا توختاپ قالدى. قارىسا ئادىلەدىن كەلگەن تېلىفۇن ئىدى. ئۇ ئەمدى قايتۇراي دىيىشىگە ئۇچۇر كەلدى.
ئادىل ئاكا!!! مەن رىئاللىقنى قوبۇل قىلدىم. مەن ئاخىرى سىزدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، رىئاللىققا يۈزلەندىم. گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ يەڭگىللەپ قالدىم. دادام مېنى ئوقۇشقا قىزىقتۇراتتى، لېكىن مەن ئوقۇشنى خالىمىغان ئىدىم. ئەمدى ئوقۇشقا چىقىپ كىتىمەن. بۇندىن كېيىن كۆرۈشەلمەيمىز. لېكىن ھەر زامان سىزگە دۇئا قىلىمەن...
سىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرغۇچى ئادىلە.
بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى يۈكلەرنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللىتىپ قويدى. ئۇ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقچى بولىۋىدى، ئايالىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى قاتلاپ، سومكىغا چىرايلىق سېلىپ قويغانلىقىنى كۆردى. شۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس  قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aydar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:34  


ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:55:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش MARS-500 نىڭ يازمىسى

ھەممە ئەرلەر سىزدەك بولسا جاھاندا خوتۇن كېشى يىغلىماس ئىدى.

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپىر.............ما پوۋاشنىڭ نىمە قىۋاتقىنى بۇ............تازا شۇ.....
مەن مانا مۇشۇنداق،ۋىجدانىنى ئىت يەپ،غۇرۇرىغا ئىشەك تەپكەن،مىڭڭىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغان مەسۇلىيەتسىز ئادەم ئەخلىتىنى ،لەنەت-نەپرەت تاختىسىغا ئورۇسنىڭ ‹پۇلات مىخى›بىلەن مىخلااپ قاغا-بۈركۈتلەرگە كەچلىك زىياپەت بەرسەم دەيمەن.ھەممە ئەرلەر سىزدەك بولسا جاھاندا خوتۇن كېشى يىغلىماس ئىدى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:38 , Processed in 0.047525 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش